< ھېكمەت توپلىغۇچى 4 >
ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. | 1 |
Güneşin altında yapılan baskılara bir daha baktım, Ezilenlerin gözyaşlarını gördüm; Avutanları yok, Güç ezenlerden yana, Avutanları yok.
شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛ | 2 |
Çoktan ölmüş ölüleri, Hâlâ sağ olan yaşayanlardan daha mutlu gördüm.
شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان. | 3 |
Ama henüz doğmamış, Güneşin altında yapılan kötülükleri görmemiş olan İkisinden de mutludur.
ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. | 4 |
Harcanan her emeğin, yapılan her ustaca işin ardında kıskançlık olduğunu gördüm. Bu da boş ve rüzgarı kovalamaya kalkışmakmış.
ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ. | 5 |
Akılsız ellerini kavuşturup kendi kendini yer.
جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر. | 6 |
Rahat kazanılan bir avuç dolusu Zahmetle, rüzgarı kovalamaya kalkışarak kazanılan İki avuç dolusundan daha iyidir.
مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛ | 7 |
Güneşin altında bir boş şey daha gördüm:
بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر. | 8 |
Yalnız bir adam vardı, Oğlu da kardeşi de yoktu. Çabaları dinmek nedir bilmezdi, Gözü zenginliğe doymazdı. “Kimin için çalışıyorum, Neden kendimi zevkten yoksun bırakıyorum?” diye sormazdı. Bu da boş ve çetin bir zahmettir.
ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. | 9 |
İki kişi bir kişiden iyidir, Çünkü emeklerine iyi karşılık alırlar.
يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! | 10 |
Biri düşerse, öteki kaldırır. Ama yalnız olup da düşenin vay haline! Onu kaldıran olmaz.
يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ | 11 |
Ayrıca iki kişi birlikte yatarsa, birbirini ısıtır. Ama tek başına yatan nasıl ısınabilir?
يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس. | 12 |
Yalnız biri yenik düşer, Ama iki kişi direnebilir. Üç kat iplik kolay kolay kopmaz.
كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛ | 13 |
Yoksul ama bilge bir genç artık öğüt almayı bilmeyen kocamış akılsız kraldan iyidir.
چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى. | 14 |
Çünkü genç, ülkesinde yoksulluk içinde doğsa bile cezaevinden krallığa yükselebilir.
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى [پادىشاھنىڭ] ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم. | 15 |
Güneşin altında yaşayan herkesin kralın yerine geçen genci izlediğini gördüm.
بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. | 16 |
Yeni kralın yönettiği halk sayısız olabilir. Yine de sonrakiler ondan hoşnut olmayabilir. Gerçekten bu da boş ve rüzgarı kovalamaya kalkışmaktır.