< ھېكمەت توپلىغۇچى 2 >
مەن كۆڭلۈمدە: «قېنى، مەن ئۆزۈمگە تاماشىنىڭ تەمىنى تېتىغۇزۇپ باقىمەن؛ كۆڭلۈم ئېچىلسۇن!» ــ دېدىم. بىراق مانا، بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. | 1 |
I said in my heart, I will give you joy for a test; so take your pleasure — but it was to no purpose.
مەن كۈلكە-چاقچاققا «تەلۋىلىك!» ۋە تاماشىغا «ئۇنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟» ــ دېدىم. | 2 |
Of laughing I said, It is foolish; and of joy — What use is it?
كۆڭلۈمدە ئۆز بەدىنىمنى شاراب بىلەن قانداق روھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا) بىلىشكە بېرىلىپ ئىزدەندىم، شۇنىڭدەك «ساناقلىق كۈنلىرىدە ئىنسان بالىلىرىغا ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان نېمە پايدىلىق ئىشلار بار؟» دېگەن تۈگۈننى يەشسەم دەپ ئەخمىقانىلىكنى قانداق تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئىنتىلىپ ئىزدىدىم. | 3 |
I made a search with my heart to give pleasure to my flesh with wine, still guiding my heart with wisdom, and to go after foolish things, so that I might see what was good for the sons of men to do under the heavens all the days of their life.
مەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارغا كىرىشتىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆيلەرنى سالدىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈزۈمزارلارنى تىكتىم؛ | 4 |
I undertook great works, building myself houses and planting vine-gardens.
ئۆزۈم ئۈچۈن شاھانە باغ-باغچىلارنى ياسىدىم؛ ئۇلاردا ھەرخىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تىكتىم؛ | 5 |
I made myself gardens and fruit gardens, planting in them fruit-trees of all sorts.
ئۆزۈم ئۈچۈن ئورماندىكى باراقسان دەرەخلەرنى ئوبدان سۇغىرىش ئۈچۈن، كۆلچەكلەرنى ياساپ چىقتىم؛ | 6 |
I made pools to give water for the woods with their young trees.
قۇللارغا ۋە دېدەكلەرگە ئىگە بولدۇم؛ ئۆيۈمدە ئۇلاردىن تۇغۇلغانلارمۇ مېنىڭكى ئىدى؛ يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ مال-ۋارانلار، قوي ۋە كالا پادىلىرىم بار بولدى. | 7 |
I got men-servants and women-servants, and they gave birth to sons and daughters in my house. I had great wealth of herds and flocks, more than all who were in Jerusalem before me.
ئۆز-ئۆزۈمگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرخىل ئەتىۋارلىق ئالاھىدە گۆھەرلىرىنى يىغدىم؛ قىز-يىگىت ناخشىچىلارغا ھەمدە ئادەم بالىلىرىنىڭ دىلكۆيەرلىرىگە، يەنى كۆپلىگەن گۈزەل كېنىزەكلەرگە ئىگە بولدۇم. | 8 |
I got together silver and gold and the wealth of kings and of countries. I got makers of song, male and female; and the delights of the sons of men — girls of all sorts to be my brides.
ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە روناق تاپتىم؛ شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى. | 9 |
And I became great; increasing more than all who had been before me in Jerusalem, and my wisdom was still with me.
كۆزلىرىمگە نېمە ياققان بولسا، مەن شۇنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىم؛ ئۆز كۆڭلۈمگە ھېچقانداق خۇشاللىقنى ياق دېمىدىم؛ چۈنكى كۆڭلۈم بارلىق ئەجرىمدىن شادلاندى؛ مانا، بۇلار ئۆز ئەجرىمدىن بولغان نېسىۋەم ئىدى. | 10 |
And nothing which was desired by my eyes did I keep from them; I did not keep any joy from my heart, because my heart took pleasure in all my work, and this was my reward.
ئاندىن ئۆز قولۇم ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى؛ بۇلار قۇياش ئاستىدىكى ھېچ پايدىسى يوق ئىشلاردۇر. | 11 |
Then I saw all the works which my hands had made, and everything I had been working to do; and I saw that all was to no purpose and desire for wind, and there was no profit under the sun.
ئاندىن زېھنىمنى يىغىپ ئۇنى دانالىققا، تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىككە قاراشقا قويدۇم؛ چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم نېمە قىلالايدۇ؟ ــ قىلسىمۇ ئاللىقاچان قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! | 12 |
And I went again in search of wisdom and of foolish ways. What may the man do who comes after the king? The thing which he has done before.
شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. | 13 |
Then I saw that wisdom is better than foolish ways — as the light is better than the dark.
دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. | 14 |
The wise man's eyes are in his head, but the foolish man goes walking in the dark; but still I saw that the same event comes to them all.
كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە: «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم. | 15 |
Then said I in my heart: As it comes to the foolish man, so will it come to me; so why have I been wise overmuch? Then I said in my heart: This again is to no purpose.
چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە! | 16 |
Of the wise man, as of the foolish man, there is no memory for ever, seeing that those who now are will have gone from memory in the days to come. See how death comes to the wise as to the foolish!
شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى. | 17 |
So I was hating life, because everything under the sun was evil to me: all is to no purpose and desire for wind.
شۇنىڭدەك مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىمگە ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى بۇنى مەندىن كېيىن كەلگەن كىشىگە قالدۇرماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى. | 18 |
Hate had I for all my work which I had done, because the man who comes after me will have its fruits.
ئۇنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەرىبىر مەن جاپالىق بىلەن سىڭدۈرگەن ھەمدە دانالىق بىلەن ئادا قىلغان قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىم ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. | 19 |
And who is to say if that man will be wise or foolish? But he will have power over all my work which I have done and in which I have been wise under the sun. This again is to no purpose.
ئاندىن مەن رايىمدىن ياندىم، كۆڭلۈم قۇياش ئاستىدىكى جاپا تارتقان بارلىق ئەجرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. | 20 |
So my mind was turned to grief for all the trouble I had taken and all my wisdom under the sun.
چۈنكى ئەجرىنى دانالىق، بىلىم ۋە ئەپ بىلەن قىلغان بىر ئادەم بار؛ بىراق ئۇ ئەجرىنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشلىمىگەن باشقا بىرسىنىڭ نېسىۋىسى بولۇشقا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئىنتايىن ئاچچىق كۈلپەتتۇر. | 21 |
Because there is a man whose work has been done with wisdom, with knowledge, and with an expert hand; but one who has done nothing for it will have it for his heritage. This again is to no purpose and a great evil.
چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟ | 22 |
What does a man get for all his work, and for the weight of care with which he has done his work under the sun?
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. | 23 |
All his days are sorrow, and his work is full of grief. Even in the night his heart has no rest. This again is to no purpose.
ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم. | 24 |
There is nothing better for a man than taking meat and drink, and having delight in his work. This again I saw was from the hand of God.
چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟ | 25 |
Who may take food or have pleasure without him?
چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. | 26 |
To the man with whom he is pleased, God gives wisdom and knowledge and joy; but to the sinner he gives the work of getting goods together and storing up wealth, to give to him in whom God has pleasure. This again is to no purpose and desire for wind.