< ھېكمەت توپلىغۇچى 12 >
ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛ | 1 |
你趁着年幼、衰败的日子尚未来到,就是你所说,我毫无喜乐的那些年日未曾临近之先,当记念造你的主。
قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن. | 2 |
不要等到日头、光明、月亮、星宿变为黑暗,雨后云彩反回,
شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛ | 3 |
看守房屋的发颤,有力的屈身,推磨的稀少就止息,从窗户往外看的都昏暗;
كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛ | 4 |
街门关闭,推磨的响声微小,雀鸟一叫,人就起来,唱歌的女子也都衰微。
كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ | 5 |
人怕高处,路上有惊慌,杏树开花,蚱蜢成为重担,人所愿的也都废掉;因为人归他永远的家,吊丧的在街上往来。
كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە، | 6 |
银链折断,金罐破裂,瓶子在泉旁损坏,水轮在井口破烂,
توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن! | 7 |
尘土仍归于地,灵仍归于赐灵的 神。
بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» | 8 |
传道者说:“虚空的虚空,凡事都是虚空。”
شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى. | 9 |
再者,传道者因有智慧,仍将知识教训众人;又默想,又考查,又陈说许多箴言。
ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. | 10 |
传道者专心寻求可喜悦的言语,是凭正直写的诚实话。
دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. | 11 |
智慧人的言语好像刺棍;会中之师的言语又像钉稳的钉子,都是一个牧者所赐的。
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ. | 12 |
我儿,还有一层,你当受劝戒:著书多,没有穷尽;读书多,身体疲倦。
بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ | 13 |
这些事都已听见了,总意就是:敬畏 神,谨守他的诫命,这是人所当尽的本分。
چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. | 14 |
因为人所做的事,连一切隐藏的事,无论是善是恶, 神都必审问。