< ھېكمەت توپلىغۇچى 10 >
خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ. | 1 |
Од мртвих мува усмрди се и поквари уље апотекарско, тако од мало лудости цена мудрости и слави.
دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا. | 2 |
Срце је мудром с десне стране, а лудом је с леве стране.
ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ. | 3 |
Безумник и кад иде путем, без разума је и казује свима да је безуман.
ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ. | 4 |
Ако се подигне на те гнев оног који влада, не остављај место своје, јер благост уклања велике грехе.
قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ | 5 |
Има зло које видех под сунцем, као погрешка која долази од владаоца:
ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ | 6 |
Лудост се посађује на највише место, и богати седе на ниском месту.
مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم. | 7 |
Видех слуге на коњима, а кнезови иду пешице, као слуге.
ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ | 8 |
Ко јаму копа, у њу ће пасти, и ко разваљује ограду, ујешће га змија.
تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. | 9 |
Ко одмиче камење, удариће се о њих, ко цепа дрва, није миран од њих.
پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. | 10 |
Кад се затупи гвожђе и оштрице му се не наоштре, тада треба више снаге; али мудрост може боље поправити.
يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟ | 11 |
Ако уједе змија пре бајања, ништа неће помоћи бајач.
دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. | 12 |
Речи из уста мудрог љупке су, а безумног прождиру усне његове.
سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛ | 13 |
Почетак је речима уста његових лудост, а свршетак говору његовом зло безумље.
ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟ | 14 |
Јер луди много говори, а човек не зна шта ће бити; и ко ће му казати шта ће после њега бити?
ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ. | 15 |
Луде мори труд њихов, јер не знају ни у град отићи.
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي! | 16 |
Тешко теби, земљо, кад ти је цар дете и кнезови твоји рано једу!
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ! | 17 |
Благо теби, земљо, кад ти је цар племенит и кнезови твоји једу на време да се поткрепе, а не да се опију.
ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ. | 18 |
С лењости угибље се кров и с немарних руку прокапљује кућа.
زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار! | 19 |
Ради весеља готове се гозбе, и вино весели живе, а новци врше све.
پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ. | 20 |
Ни у мисли својој не псуј цара, ни у клети, у којој спаваш, не псуј богатог, јер птица небеска однеће глас и шта крила има доказаће реч.