< ھېكمەت توپلىغۇچى 1 >
يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ | 1 |
達味之子耶路撒冷的君王「訓道者」的語錄:
«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» | 2 |
虛而又虛,訓道者說:虛而又虛,萬事皆虛。
قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟ | 3 |
人在太陽下辛勤勞作,為人究有何益﹖
بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛ | 4 |
一代過去,一代又來,大地仍然常在。
كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ. | 5 |
太陽升起,太陽落下,匆匆趕回原處,從新再升。
شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ. | 6 |
風吹向南,又轉向北,旋轉不息,循環周行。
بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ. | 7 |
江河流入大海,大海總不滿溢;江河仍向所往之處,川流不息。
بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ كۆز كۆرۈشتىن، قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ. | 8 |
萬事皆辛勞,無人能盡言:眼看,看不夠;耳聽,聽不飽。
بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر. | 9 |
往昔所有的,將來會再有;昔日所行的,將來會再行;太陽之下決無新事。
«مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر. | 10 |
若有人指著某事說:「看,這是新事。」豈不知在我們以前早就有過。
بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ. | 11 |
只是對往者,沒有人去追憶;同樣,對來者,也不會為後輩所記念。
مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛ | 12 |
我訓道者,曾在耶路撒冷作過以色列的君王。
مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان! | 13 |
我曾專心用智慧考查研究過天下所發生的一切;--這實在是天主賜與人類的一項艱辛的工作。
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. | 14 |
我觀察了在太陽下所發生的一切:看,都是空虛,都是追風。
ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس. | 15 |
彎曲的,不能使之正直,虧缺的,實在不可勝數。
مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم. | 16 |
我心裏自語說:「看,我獲得了又大又多的智慧,勝過了所有在我以前住在耶路撒冷的人,我的心獲得了許多智慧和學問。」
شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم. | 17 |
我再專心研究智慧和學問,愚昧和狂妄,我纔發覺:連這項工作也是追風。
چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ. | 18 |
因為,智慧愈多,煩惱愈多;學問越廣,憂慮越深。