< قانۇن شەرھى 9 >
ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن). | 1 |
“Ey İsrail, kulak ver! Bugün sizden daha büyük, daha güçlü ulusların topraklarını mülk edinmek için Şeria Irmağı'ndan geçeceksiniz. Onların kentleri büyük, surları göğe dek yükseliyor.
Bu güçlü, uzun boylu halk Anaklılar'dır. Onları biliyorsunuz. ‘Kim Anaklılar'a karşı durabilir?’ deyişini duydunuz.
سەن بۈگۈنكى كۈندە شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇ يالماپ يۇتقۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مۇشۇ ئەللەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئالدىڭدا ئۇلارنى تېزدىن يىقىتىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىگىلەپ، پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقاندەك ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىسەن. | 3 |
Bilin ki, yakıp yok eden ateş olan Tanrınız RAB önünüzden gidecek. Onları ortadan kaldıracak, size boyun eğmelerini sağlayacak. Onları kovacaksınız, RAB'bin verdiği söz uyarınca bir çırpıda yok edeceksiniz.”
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭدىن ھەيدىگەندە سەن كۆڭلۈڭدە: «ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەكلەپ كىردى» دېمىگىن؛ بەلكى شۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. | 4 |
“Tanrınız RAB bu ulusları önünüzden kovunca, ‘RAB doğruluğumuzdan ötürü bu ülkeyi mülk edinelim diye bizi buraya getirdi’ diye düşünmeyin. Çünkü RAB, bu ulusları yaptıkları kötülükler yüzünden önünüzden kovuyor.
سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭ سېنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن ياكى كۆڭلۈڭنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكىدىن ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قەسەم قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. | 5 |
Onların topraklarını mülk edinmeye gitmenizin nedeni doğruluğunuz, erdeminiz değildir. Tanrınız RAB bu ulusları kötülükleri yüzünden ve atalarınız İbrahim'e, İshak'a, Yakup'a ant içerek verdiği sözü yerine getirmek için önünüzden kovacak.
ئەمدى شۇنى بىلىپ قويغىنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ ياخشى زېمىننى ساڭا مىراس قىلغىنى سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن ئەمەس، چۈنكى سەن ئەسلى بوينى قاتتىق بىر خەلقسەن. | 6 |
Şunu anlayın ki, Tanrınız RAB'bin bu verimli toprakları mülk edinesiniz diye size vermesinin nedeni doğruluğunuz değildir. Çünkü siz dikbaşlı bir halksınız.
ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ. | 7 |
“Tanrınız RAB'bi çölde nasıl kızdırdığınızı anımsayın, hiç unutmayın. Mısır'dan çıktığınız günden buraya varıncaya dek, RAB'be sürekli karşı geldiniz.
سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى. | 8 |
Horev Dağı'nda RAB'bi öyle kızdırdınız ki, sizi yok edecek kadar öfkelendi.
شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛ | 9 |
Daha önce taş levhaları –RAB'bin sizinle yaptığı antlaşmanın levhalarını– almak için dağa çıkmıştım; orada kırk gün, kırk gece kaldım. Ne yedim, ne içtim.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن ئىككى تاختاينى تاپشۇردى؛ ئۇلاردا پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدە سىلەرگە سۆزلىگەن چاغدا، جامائەت يىغىلغان كۈنى ئېيتقان بارلىق سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى. | 10 |
RAB Tanrı parmağıyla yazmış olduğu iki taş levhayı bana verdi. Bu levhalar, dağda toplandığınız gün RAB'bin ateşin içinden size bildirdiği bütün buyrukları içermekteydi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى. | 11 |
Kırk gün, kırk gece sonra RAB bana iki taş levhayı, antlaşma levhalarını verdi.
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مۇشۇ يەردىن چۈشكىن؛ چۈنكى سەن مىسىردىن چىقارغان خەلقىڭ ئۆزلىرىنى بۇلغىدى؛ ئۇلار تېزلا مەن ئۇلارغا تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ ئۆزلىرىگە قۇيما بىر بۇتنى ياسىدى» دېدى. | 12 |
“‘Haydi, buradan hemen in’ dedi, ‘Çünkü Mısır'dan çıkardığın halkın yoldan çıktı. Onlara buyurduğum yoldan hemen saptılar. Kendilerine dökme bir put yaptılar.’
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. | 13 |
Sonra RAB bana, ‘Bu halkı gördüm’ dedi, ‘İşte dikbaşlı bir halk!
مېنى توسما، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن ۋە شۇنداق قىلىپ، سېنى ئۇلاردىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» ــ دېدى. | 14 |
Bırak da onları yok edeyim; adlarını da göğün altından sileyim. Seni onlardan daha güçlü, daha büyük bir ulus kılayım.’
مەن بۇرۇلۇپ، تاغدىن چۈشتۈم؛ تاغ بولسا ئوت بىلەن يالقۇنلاۋاتاتتى؛ ئىككى ئەھدە تاختىيى ئىككى قولۇمدا ئىدى. | 15 |
“Dönüp dağdan aşağıya indim. Dağ alev alev yanıyordu. Antlaşmanın iki levhası iki elimdeydi.
مەن كۆردۈم، مانا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا گۇناھ قىلىپسىلەر؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بىر موزاينى ياساپسىلەر؛ سىلەر تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كېتىپسىلەر. | 16 |
Tanrınız RAB'be karşı günah işlediğinizi gördüm. Kendinize buzağıya benzer bir dökme put yapmıştınız. RAB'bin size buyurduğu yoldan hemen sapmıştınız.
مەن ئىككى تاختاينى ئىككى قولۇمغا ئېلىپ، چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم. | 17 |
Bu yüzden iki levhayı fırlatıp attım, gözünüzün önünde parçaladım.
سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم) | 18 |
Bir kez daha RAB'bin huzurunda bir şey yemeden, içmeden kırk gün kırk gece yere kapanıp kaldım. Çünkü günah işlemiştiniz; RAB'bin gözünde kötü olanı yaparak O'nu öfkelendirmiştiniz.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى يوقىتىدىغان قاتتىق غەزىپى ھەم قەھرىدىن قورقتۇم. پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ تىلىكىمنى ئاڭلىدى. | 19 |
RAB'bin kızgın öfkesi karşısında korktum. Öfkesi sizi yok edecek kadar alevlenmişti. Ama RAB yakarışımı yine duydu.
پەرۋەردىگار ھارۇندىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىمۇ يوقاتماقچى بولدى؛ مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم. | 20 |
RAB Harun'a da onu yok edecek kadar öfkelenmişti. O sırada Harun için de yakardım.
مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى، يەنى ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئۇنى ئوتتا كۆيدۈردۈم ۋە ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىۋەتتىم؛ ئۇنىڭ توپىسىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشىدىغان ئېرىق سۈيىگە چېچىۋەتتىم | 21 |
Yaptığınız günahlı nesneyi, o buzağıya benzer dökme putu alıp yaktım. Parçalayıp ince toz haline getirinceye dek ezdim. Sonra tozu dağdan akan dereye attım.
(سىلەر يەنە تابەراھ، ماسساھ، كىبروت-ھاتتاۋاھدىمۇ پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردۈڭلار. | 22 |
“Tavera'da, Massa'da, Kivrot-Hattaava'da da RAB'bi öfkelendirdiniz.
پەرۋەردىگار سىلەرنى قادەش-بارنېئادىن [قانائانغا] ماڭدۇرماقچى بولۇپ سىلەرگە: «چىقىپ، مەن سىلەرگە تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەندىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدىڭلار، نە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، نە ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار. | 23 |
RAB sizi Kadeş-Barnea'dan gönderirken, ‘Gidin, size vereceğim ülkeyi mülk edinin’ diye buyurmuştu. Sizse Tanrınız RAB'bin buyruğuna karşı geldiniz. O'na güvenmediniz, sözüne kulak vermediniz.
مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار). | 24 |
Sizi tanıdığım günden bu yana RAB'be sürekli karşı geldiniz.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى. | 25 |
“RAB sizi yok edeceğini söylediği için, kırk gün kırk gece O'nun önünde yere kapanıp kaldım.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛ | 26 |
RAB'be şöyle yakardım: ‘Ey Egemen RAB, büyük kudretinle kurtarıp güçlü elinle Mısır'dan çıkardığın halkını, kendi mirasını yok etme.
ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن؛ بۇ خەلقنىڭ باشباشتاقلىقىغا، ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ياكى گۇناھىغا قارىمىغايسەن؛ | 27 |
Kulların İbrahim'i, İshak'ı, Yakup'u anımsa. Bu halkın dikbaşlılığını, kötülüğünü, günahını dikkate alma.
بولمىسا، سەن بىزنى ئېلىپ چىققان شۇ زېمىندىكىلەر: «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا نەپرەتلەنگىنى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا يوقىتىشقا [مىسىردىن] چىقاردى» ــ دەيدۇ. | 28 |
Yoksa bizi çıkardığın ülkenin halkı, ‘RAB söz verdiği ülkeye götüremediği, onlardan nefret ettiği için çölde yok etmek amacıyla onları Mısır'dan çıkardı’ diyecek.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زور كۈچۈڭ ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىڭ بىلەن [مىسىردىن] چىقارغان خەلقىڭ ۋە سېنىڭ مىراسىڭدۇر» ــ دېدىم. | 29 |
Oysa onlar, büyük güçle ve kudretli elinle Mısır'dan çıkardığın kendi halkın ve mirasındır.’”