< قانۇن شەرھى 8 >
مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. | 1 |
Mǝn silǝrgǝ bügün tapiliƣan bu barliⱪ ǝmrlǝrgǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa kɵngül ⱪoyunglar; xundaⱪ ⱪilƣanda silǝr ⱨayat bolisilǝr, kɵpiyisilǝr wǝ Pǝrwǝrdigar ata-bowiliringlarƣa ⱪǝsǝm ⱪilip wǝdǝ ⱪilƣan zeminƣa kirip uni igilǝysilǝr.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. | 2 |
Pǝrwǝrdigar Hudaying seni tɵwǝn ⱪilip, kɵnglüngdǝ nemǝ barliⱪini, uning ǝmrlirini tutidiƣan-tutmaydiƣanliⱪingni bilǝy dǝp seni sinax üqün bu ⱪiriⱪ yil qɵl-bayawanda yetǝkligǝn yolni ǝsligin.
دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. | 3 |
Dǝrwǝⱪǝ u seni tɵwǝn ⱪilip, seni aq ⱪoyup, sǝn ǝslidǝ bilmǝydiƣan, xundaⱪla ata-bowiliring kɵrüp baⱪmiƣan «manna» bilǝn ozuⱪlandurƣan; U sanga insan pǝⱪǝt yemǝklik bilǝnla ǝmǝs, bǝlki Pǝrwǝrdigar Hudayingning aƣzidin qiⱪⱪan barliⱪ sɵzliri bilǝnmu yaxaydiƣanliⱪini bildürüx üqün xundaⱪ ⱪildi.
بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. | 4 |
Bu ⱪiriⱪ yilda kiyim-keqiking konirimidi, putung ixxip kǝtmidi.
سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ | 5 |
Sǝn xuni bilip ⱪoyƣinki, adǝm ɵz oƣlini tǝrbiyiligǝndǝk, Pǝrwǝrdigar Hudaying seni tǝrbiyilǝydu;
شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن. | 6 |
Xunga sǝn Uning yollirida mengip wǝ Uningdin ⱪorⱪup, Pǝrwǝrdigar Hudayingning ǝmrlirini tutⱪin.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق-ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا-دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ | 7 |
Qünki Pǝrwǝrdigar Hudaying seni yahxi bir zeminƣa — eriⱪ-eⱪinliri, bulaⱪliri wǝ jilƣa-dɵnglǝrdǝ urƣup qiⱪidiƣan uluƣ suliri bar bir zeminƣa —
بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا، | 8 |
buƣday wǝ arpa, üzüm talliri, ǝnjür dǝrǝhliri wǝ anarliri bar bir zeminƣa, zǝytun dǝrǝhliri wǝ ⱨǝsǝl bar bir zeminƣa,
ــ سەن ھېچنېمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛ | 9 |
— sǝn ⱨeqnemidin kǝmlik tartmay ozuⱪluⱪ yǝydiƣan bir zeminƣa — taxliri tɵmür, taƣliridin mis kolaydiƣan bir zeminƣa yetǝklǝp kiridu;
سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىسەن. | 10 |
sǝn xu yǝrdǝ yǝp toyunisǝn wǝ Pǝrwǝrdigar Hudaying sanga ata ⱪilƣan xu yahxi zemin üqün uningƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ eytisǝn.
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛ | 11 |
Mǝn sanga bügün tapiliƣan Pǝrwǝrdigar Hudayingning ǝmrliri, bǝlgilimiliri ⱨǝm ⱨɵkümlirini tutmasliⱪtin, Uni untup ⱪelixtin ⱨezi bol;
بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، | 12 |
bolmisa, sǝn yǝp toyunƣandin keyin, esil ɵylǝrni ⱪurup ularda olturaⱪlaxⱪandin keyin,
كالا-قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن-كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن، | 13 |
kala-ⱪoy padiliring kɵpiyip, altun-kümüxüng, xundaⱪla sening barliⱪing kɵpǝygǝndin keyin,
كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛ | 14 |
kɵnglüng mǝƣrurlinip seni Misir zeminidin, yǝni «ⱪulluⱪ makani»din qiⱪirip ⱪutⱪuzƣan Pǝrwǝrdigar Hudayingni untuysǝn;
(ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل-باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن، | 15 |
(U seni bipayan wǝ dǝⱨxǝtlik qɵl-bayawandin, yǝni zǝⱨǝrlik yilanlar wǝ qayanlar ⱪaplap kǝtkǝn, susirap ⱪaƣjirap kǝtkǝn bir qɵl-bayawandin yetǝklǝp qiⱪⱪan, xu yǝrdǝ sanga qaⱪmaⱪ texidin su qiⱪirip bǝrgǝn,
سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان) | 16 |
seni ɵzini tɵwǝn tutsun dǝp sinap, sanga ahir raⱨǝt-bǝrikǝt kɵrsitix üqün qɵl-bayawanda ata-bowiliring kɵrüp baⱪmiƣan «manna» bilǝn ozuⱪlandurƣan)
ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە: «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن. | 17 |
— ǝgǝr uni untusang, kɵnglüngdǝ: «Ɵz küqüm, ɵz ⱪolumning ⱪudriti meni muxu dɵlǝtkǝ erixtürgǝn» deyixing mumkin.
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ. | 18 |
Xunga Pǝrwǝrdigar Hudayingning Ɵzi seni dɵlǝtkǝ erixtürgüqi ⱪudrǝtni bǝrgüqi ikǝnlikini ǝslǝp, Uni esingdǝ tut; xuning bilǝn u ata-bowiliringƣa ⱪǝsǝm ⱪilip wǝdǝ ⱪilƣan ǝⱨdini bügünki kündikidǝk mǝⱨkǝm ⱪilidu.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. | 19 |
Əgǝr sǝn Pǝrwǝrdigar Hudayingni ⱪaqaniki untusang, baxⱪa ilaⱨlarƣa ǝgǝxsǝng, ularning ⱪulluⱪida bolup ularƣa bax ursang, mǝn silǝrgǝ bügün xu agaⱨni berǝyki, xundaⱪ boliduki, silǝr tǝltɵküs ⱨalak bolisilǝr.
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر. | 20 |
Pǝrwǝrdigar kɵz aldinglarda yoⱪitiwatⱪan ǝllǝrdǝk silǝrmu yoⱪitilisilǝr; qünki silǝr Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning awaziƣa ⱪulaⱪ salmiƣansilǝr.