< قانۇن شەرھى 7 >
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. | 1 |
“Lè SENYÈ a, Bondye nou an, mennen nou vini nan peyi kote nou ap antre pou posede a, e chase devan nou anpil lòt nasyon, Etyen yo, Gigachyen yo, Amoreyen yo, avèk Kanaaneyen yo, Perezit yo, Evyen yo, ak Jebizyen yo, sèt nasyon ki pi gran e ki pi pwisan ke nou yo;
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. | 2 |
epi lè SENYÈ a, Bondye nou an, delivre yo devan nou e nou fin bat yo, alò, nou va detwi yo nèt. Nou p ap fè okenn akò avèk yo e nou p ap montre yo okenn favè.
سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ | 3 |
Anplis, nou p ap marye avèk yo. Nou pa pou bay fi nou yo bay fis pa yo, ni nou p ap pran fi pa yo pou fis nou yo.
چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. | 4 |
Paske yo va detounen fis nou yo lwen de sèvi Mwen, pou sèvi lòt dye yo. Konsa, kòlè SENYÈ a va limen kont nou, e Li va detwi nou byen vit.
سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ | 5 |
Men se konsa nou va fè yo: nou va chire lotèl yo, kraze pilye sakre yo, koupe an mòso tout poto Ashera yo, e brile imaj taye yo avèk dife.
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. | 6 |
Paske nou se yon pèp ki sen a SENYÈ a, Bondye nou an. SENYÈ a, Bondye nou an, te chwazi nou kòm yon pèp ki pou pwòp posesyon pa li pami tout pèp ki sou fas latè yo.
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار، | 7 |
“SENYÈ a pa t plase lanmou Li sou nou ni chwazi nou akoz ke nou te plis an kantite ke tout lòt pèp yo, paske nou te pi piti pase tout pèp yo,
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. | 8 |
men akoz SENYÈ a te renmen nou e te kenbe sèman ke Li te fè a zansèt nou yo, SENYÈ a te mennen nou sòti pa yon men pwisan, e te peye ranson nou soti nan kay esklavaj la, soti nan men Farawon, wa Égypte la.
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ | 9 |
“Konsa, konnen ke SENYÈ a, Bondye nou an, se Li ki Dye a, Bondye ki fidèl la, ki kenbe akò Li ak lanmou dous Li pou jis rive nan mil jenerasyon avèk sila ki renmen Li yo e ki kenbe kòmandman Li yo,
لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. | 10 |
men ki rekonpanse sila ki rayi Li yo devan figi yo, pou detwi yo. Li p ap fè reta avèk sila ki rayi Li a. Li va rekonpanse li devan figi li.
سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار. | 11 |
“Pou sa, nou va kenbe kòmandman yo, lwa avèk jijman ke Mwen ap kòmande nou yo jodi a, pou nou fè.
چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ | 12 |
“Epi li va vin rive ke akoz nou te koute jijman sa yo, nou te kenbe e te fè yo, ke SENYÈ Bondye nou an, va kenbe nou avèk akò Li ak lanmou dous ke Li te sèmante vè zansèt nou yo.
سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. | 13 |
Li va renmen nou, beni nou, e fè nou vin miltipliye. Li va, osi, beni fwi a vant nou, fwi a tè nou, e diven nèf ak lwil nou, kwasans a twoupo nou, avèk jenn bann mouton nou, nan peyi ke Li te sèmante a zansèt nou yo pou bannou.
سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ | 14 |
Nou va beni plis ke tout pèp. P ap gen ni mal, ni femèl k ap esteril pami nou ni pami bèt nou yo.
پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ. | 15 |
“Senyè a va retire pami nou tout maladi; epi Li pa p mete sou nou okenn nan move maladi Égypte ke nou te konnen yo, men Li va mete yo sou tout sila ki rayi nou yo.
سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. | 16 |
Nou va devore tout pèp ke SENYÈ Bondye nou an, va livre bannou. Zye nou p ap bay yo pitye, ni nou p ap sèvi dye pa yo, paske sa ta yon pèlen pou nou.
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ، | 17 |
“Si nou ta di nan kè nou: ‘Nasyon sa yo pi gran ke nou; kijan mwen kapab chase yo?’
ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن، | 18 |
nou pa pou pè yo. Nou va byen sonje sa ke SENYÈ a, Bondye nou an, te fè Farawon ak tout Égypte:
ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. | 19 |
Nou te wè avèk zye nou gwo eprèv, sign avèk mèvèy, men pwisan avèk bwa lonje pa sila ke SENYÈ a, Bondye nou an, te mennen nou sòti. Konsa, SENYÈ a, Bondye nou an, va fè ak tout pèp ke nou konn pè yo.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ | 20 |
“Anplis, SENYÈ a, Bondye nou an, va voye gèp kont yo, jiskaske tout sila ki te rete kache yo vin mouri.
سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر. | 21 |
Nou pa pou pè yo, paske SENYÈ a, Bondye nou an, nan mitan nou, yon gran Bondye ki mèvèye.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. | 22 |
“SENYÈ a, Bondye nou an, va netwaye retire nasyon sa yo devan nou mòso pa mòso. Nou p ap kab fini avèk yo vit yon sèl kou, paske bèt sovaj yo ta vin peple twòp pou nou.
لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. | 23 |
Men SENYÈ a, Bondye nou an, va livre yo devan nou, e Li va jete yo nan gran konfizyon jiskaske yo vin detwi.
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ. | 24 |
Li va livre wa yo nan men nou pou nou fè non yo peri anba syèl la. Nanpwen yon moun ki kab kanpe devan nou jiskaske nou fin detwi yo nèt.
سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. | 25 |
“Imaj a dye pa yo, nou va brile yo avèk dife. Nou p ap anvi ni ajan ni lò ki sou yo, ni pran yo pou nou menm, sinon, sa va devni yon pèlen pou nou; paske se yon abominasyon a SENYÈ a, Bondye nou an.
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر. | 26 |
Nou p ap fè antre yon abominasyon konsa lakay nou, oswa tankou li, nou va vin anba madichon. Rayi li nèt e deteste li, paske li se yon bagay ki anba madichon.”