< قانۇن شەرھى 6 >
«مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر [دەريادىن] ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ | 1 |
Haya ndiyo maagizo, amri na sheria ambazo Bwana Mungu wenu aliniagiza niwafundishe ninyi ili mpate kuyashika katika nchi ambayo ninyi mnavuka Yordani kuimiliki,
(شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر. | 2 |
ili kwamba ninyi, watoto wenu na watoto wao baada yao wamche Bwana Mungu wenu siku zote kwa kushika amri na maagizo yake yote ninayowapa, ili mweze kuyafurahia maisha marefu.
سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ | 3 |
Sikia, ee Israeli, nawe uwe mwangalifu kutii ili upate kufanikiwa na kuongezeka sana katika nchi itiririkayo maziwa na asali, kama Bwana, Mungu wa baba zenu, alivyowaahidi ninyi.
ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛ | 4 |
Sikia, ee Israeli: Bwana Mungu wako, Bwana ni mmoja.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن. | 5 |
Mpende Bwana Mungu wako kwa moyo wako wote, na kwa roho yako yote, na kwa nguvu zako zote.
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ | 6 |
Amri hizi ninazokupa leo zitakuwa katika moyo wako.
سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ | 7 |
Wafundishe watoto wako kwa bidii. Nena kuhusu amri hizi uketipo nyumbani na wakati utembeapo njiani, ulalapo na uamkapo.
ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ | 8 |
Zifunge kama alama juu ya mkono wako, na uzifunge juu ya paji la uso wako.
سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن. | 9 |
Ziandike kwenye miimo ya milango ya nyumba yako na juu ya malango yako.
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە، | 10 |
Wakati Bwana Mungu wako atakapokuleta katika nchi aliyowaapia baba zako, Abrahamu, Isaki na Yakobo, kukupa wewe, nchi kubwa, ina miji inayopendeza ambayo hukuijenga,
ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، | 11 |
nyumba zilizojaa vitu vizuri vya aina nyingi ambavyo hukuvijaza, visima ambavyo hukuchimba, na mashamba ya mizabibu na mizeituni ambayo hukupanda wewe, basi, utakapokula na kushiba,
ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول. | 12 |
jihadhari usije ukamwacha Bwana, aliyekutoa katika nchi ya Misri, kutoka nchi ya utumwa.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن. | 13 |
Utamcha Bwana Mungu wako, na umtumikie yeye peke yake na kuapa kwa jina lake.
سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛ | 14 |
Usifuate miungu mingine, miungu ya mataifa yanayokuzunguka;
چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. [ئەگەر شۇنداق قىلساڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ. | 15 |
kwa kuwa Bwana Mungu wako, ambaye yuko katikati yako, ni Mungu mwenye wivu na hasira yake itawaka dhidi yako, naye atakuangamiza kutoka uso wa nchi.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار. | 16 |
Usimjaribu Bwana Mungu wako kama ulivyofanya huko Masa.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ-ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار. | 17 |
Utayashika maagizo ya Bwana Mungu wako kwa bidii, na masharti na amri alizokupa.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر، | 18 |
Fanya lililo haki na jema mbele za Bwana, ili upate kufanikiwa, uweze kuingia na kuimiliki nchi nzuri ambayo Bwana aliahidi kwa kiapo kwa baba zako,
شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر. | 19 |
kuwafukuza kwa nguvu adui zako mbele yako kama Bwana alivyosema.
كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ-گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا، | 20 |
Siku zijazo, mtoto wako atakapokuuliza, “Ni nini maana ya masharti haya, amri na sheria hizi ambazo Bwana Mungu wako alikuagiza wewe?”
سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن: «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان. | 21 |
Mwambie: “Tulikuwa watumwa wa Farao huko Misri, lakini Bwana alitutoa sisi kutoka Misri kwa mkono wenye nguvu.
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛ | 22 |
Bwana akapeleka mbele yetu ishara za miujiza na maajabu makubwa na ya kutisha mno juu ya Misri na Farao pamoja na nyumba yake yote.
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان. | 23 |
Lakini Mungu akatutoa huko, akatuleta na kutupa nchi hii ambayo aliwaahidi baba zetu kwa kiapo.
پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛ | 24 |
Bwana akatuagiza tutii amri hizi zote na kumcha Bwana Mungu wetu, ili tupate kustawi na kuendelea kuwa hai kama ilivyo leo.
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ». | 25 |
Kama tukizitii kwa bidii amri hizi zote mbele za Bwana Mungu wetu, kama alivyotuamuru sisi, hiyo itakuwa haki yetu.”