< قانۇن شەرھى 5 >
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى ئىسرائىل، مەن بۈگۈن قۇلاقلىرىڭلارغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! | 1 |
И Мојсије сазва сав народ Израиљев, и рече им: Чуј Израиљу уредбе и законе, које ћу данас казати да чујете, да их научите и држите их и творите.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىز بىلەن ھورەب تېغىدا ئەھدە تۈزدى. | 2 |
Господ Бог наш учини с нама завет на Хориву.
بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن، يەنى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك قالغان بىزلەر بىلەن تۈزدى. | 3 |
Није с оцима нашим учинио тај завет, него с нама, који смо данас ту сви живи.
تاغدا ئوت ئىچىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنىدى | 4 |
Лицем к лицу говорио вам је Господ на овој гори исред огња;
(شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار). | 5 |
Ја тада стајах између Господа и вас, да вам јавим речи Господње, јер вас беше страх од огња и не изиђосте на гору; и рече:
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. | 6 |
Ја сам Господ Бог твој који сам те извео из земље мисирске, из дома ропског,
سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. | 7 |
Немој имати богове друге до мене.
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ | 8 |
Не гради себи лик резани, нити какву слику од твари које су горе на небу или које су доле на земљи или које су у води испод земље.
سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن. | 9 |
Немој им се клањати нити им служити, јер сам ја Господ Бог твој, Бог ревнитељ, који на синовима походим безакоња отаца њихових до трећег и до четвртог колена, оних који мрзе на ме,
ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. | 10 |
А чиним милост на хиљадама оних који ме љубе и чувају заповести моје.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. | 11 |
Не узимај узалуд име Господа Бога свог, јер неће пред Господом бити прав ко узме име Његово узалуд.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. | 12 |
Држи дан од одмора и светкуј га, као што ти је заповедио Господ Бог твој.
ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ | 13 |
Шест дана ради и свршуј све послове своје.
لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر. سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ، مەيلى ئېشىكىڭ، مەيلى ھەرقانداق باشقا ئۇلىغىڭ، ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇلۇڭ ۋە دېدىكىڭ سەندەك ئارام ئالالايدۇ. | 14 |
А седми је дан одмор Господу Богу твом; немој радити никакав посао ни ти, ни син твој ни кћи твоја, ни слуга твој ни слушкиња твоја, ни во твој ни магарац твој, нити које живинче твоје, ни дошљак који је код тебе, да би се одморио слуга твој и слушкиња твоја као и ти.
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سېنى شۇ يەردىن چىقارغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىنى تۇتۇشنى ئەمر قىلغان. | 15 |
И памти да си био роб у земљи мисирској, и Господ Бог твој изведе те оданде руком крепком и мишицом подигнутом. Зато ти је Господ Бог твој заповедио да светкујеш дан од одмора.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ. | 16 |
Поштуј оца свог и матер своју, као што ти је заповедио Господ Бог твој, да би се продужили дани твоји и да би ти добро било на земљи, коју ти даде Господ Бог твој.
ھەم قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. | 20 |
Не сведочи лажно на ближњег свог.
ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما». | 21 |
Не пожели жену ближњег свог, не пожели кућу ближњег свог, ни њиву његову, ни слугу његовог, ни слушкињу његову, ни вола његовог, ни магарца његовог, нити ишта шта је ближњег твог.
ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا [سۆزلەرنى] قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى. | 22 |
Те речи изговори Господ свему збору вашем на гори исред огња, облака и мрака, гласом великим, и ништа више, него их написа на две плоче камене које ми даде.
ۋە شۇنداق بولدىكى، قاراڭغۇلۇقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ۋە ئوتلۇق تاغ كۆيگىنىدە سىلەر، يەنى قەبىلە باشلىقلىرىڭلار ۋە ئاقساقاللىرىڭلار يېنىمغا كېلىپ: ــ | 23 |
А ви кад чусте глас исред таме, јер гора огњем гораше. приступисте к мени, сви главари од племена ваших и старешине ваше,
«مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى ۋە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئوت ئوتتۇرىسىدىن ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. | 24 |
И рекосте: Гле, показа нам Господ Бог наш славу и величину своју, и чусмо глас Његов исред огња; данас видесмо где Бог говори с човеком, и човек оста жив.
ئەمدى بىز جېنىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى مۇشۇ دەھشەتلىك ئوت بىزنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋەرسەك ئۆلۈپ كېتىمىز. | 25 |
Па сада зашто да помремо? Јер ће нас спалити онај огањ велики; ако још чујемо глас Господа Бога свог, помрећемо.
چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟ | 26 |
Јер које је тело чуло глас Бога Живога где говори исред огња, као ми, и остало живо?
سەن ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغىن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ساڭا سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىمىز» ــ دېدىڭلار. | 27 |
Иди ти, и саслушај све што ће ти казати Господ Бог наш, па онда ти кажи нама шта ти год каже Господ Бог наш, а ми ћемо слушати и творити.
پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ بۇ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرى دۇرۇستۇر. | 28 |
И Господ чу глас од речи ваших кад ви говорасте, и рече ми Господ: Чух глас од речи тог народа, које рекоше теби; шта рекоше добро рекоше.
كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ئەمرلىرىمنى ئىزچىل تۇتىدىغان بىر قەلب بولسىدى، ئۇلارنىڭ ھالى ۋە بالىلىرىڭنىڭ ھالى مەڭگۈگە ياخشى بولاتتى! | 29 |
О, кад би им било срце свагда тако да ме се боје и држе све заповести моје свагда, да би било добро њима и синовима њиховим довека.
سەن بېرىپ ئۇلارغا: «چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار» ــ دېگىن. | 30 |
Иди, реци им: Вратите се у шаторе своје.
سەن بولساڭ يېنىمدا تۇرغىن؛ مەن سېنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ كېرەك بولغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەۋەلىك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا تۇرۇپ بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولىدۇ. | 31 |
А ти стани овде код мене, и казаћу ти све заповести и уредбе и законе, које ћеш их научити да творе у земљи коју им дајем у наследство.
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار! | 32 |
Гледајте, дакле да чините онако како вам је заповедио Господ Бог ваш, не сврћите ни надесно ни налево.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ». | 33 |
Целим путем, који вам је заповедио Господ Бог ваш, идите, да бисте живи били и да би вам добро било, и да би вам се продужили дани у земљи коју ћете наследити.