< قانۇن شەرھى 34 >
ئاندىن مۇسا موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدىن چىقىپ نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتكۈل زېمىننى كۆرسەتتى؛ گىلېئادتىن دانغىچە، | 1 |
Andin Musa Moabning tüzlǝnglikliridin qiⱪip Nebo teƣining üstigǝ, yǝni Yerihoning utturisidiki Pisgaⱨ teƣining qoⱪⱪisiƣa qiⱪti. Xu yǝrdǝ Pǝrwǝrdigar uningƣa pütkül zeminni kɵrsǝtti; Gileadtin Danƣiqǝ,
پۈتكۈل نافتالى بىلەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ زېمىنىنى، يەھۇدانىڭ پۈتكۈل زېمىنى بىلەن قوشۇپ مەغرىبتىكى دېڭىزغىچە، | 2 |
pütkül Naftali bilǝn Əfraim wǝ Manassǝⱨning zeminini, Yǝⱨudaning pütkül zemini bilǝn ⱪoxup mǝƣribtiki dengizƣiqǝ,
جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، «خورما شەھىرى» دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى زوئار شەھىرىگە قەدەر، ھەممىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. | 3 |
jǝnubtiki Nǝgǝw zeminini, «Horma xǝⱨiri» dǝp atalƣan Yeriho wadisidiki tüzlǝnglikni Zoar xǝⱨirigǝ ⱪǝdǝr, ⱨǝmmini uningƣa kɵrsǝtti.
ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «مەن قەسەم قىلىپ: «بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىن مانا مۇشۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىم، لېكىن سەن شۇ يەرگە ئۆتۈپ كىرەلمەيسەن» دېدى. | 4 |
Andin Pǝrwǝrdigar uningƣa sɵz ⱪilip: «Mǝn ⱪǝsǝm ⱪilip: «Bu zeminni sening nǝslinggǝ berimǝn» dǝp Ibraⱨim, Isⱨaⱪ wǝ Yaⱪupⱪa wǝdǝ ⱪilƣan zemin mana muxudur. Əmdi sanga uni ɵz kɵzüng bilǝn kɵrüxkǝ nesip ⱪildim, lekin sǝn xu yǝrgǝ ɵtüp kirǝlmǝysǝn» dedi.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ يەردە، يەنى موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى. | 5 |
Andin Pǝrwǝrdigarning eytⱪinidǝk, Pǝrwǝrdigarning ⱪuli Musa xu yǝrdǝ, yǝni Moabning zeminida wapat boldi.
ئۇ ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى تاغ جىلغىسىدا، بەيت-پېئورنىڭ ئۇتتۇرىسىدا دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. | 6 |
U uni Moabning zeminidiki taƣ jilƣisida, Bǝyt-Peorning utturisida dǝpnǝ ⱪildi; uning ⱪǝbrisining ⱪǝyǝrdǝ ikǝnlikini bügüngiqǝ ⱨeqkim bilmǝydu.
مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ تورلاشمىغان ۋە ماغدۇرىدىن ھېچ كەتمىگەنىدى. | 7 |
Musa wapat bolƣan waⱪitta bir yüz yigirmǝ yaxⱪa kirgǝnidi, lekin kɵzliri ⱨeq torlaxmiƣan wǝ maƣduridin ⱨeq kǝtmigǝnidi.
ئىسرائىللار مۇسا ئۈچۈن موئابدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى. | 8 |
Israillar Musa üqün Moabdiki tüzlǝngliktǝ ottuz küngiqǝ matǝm tutti. Xuning bilǝn Musa üqün matǝm tutup yiƣlaydiƣan künlǝr tügigǝnidi.
مۇسا قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دانالىق بەرگۈچى روھ بىلەن تولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. | 9 |
Musa ⱪollirini uning üstigǝ ⱪoyƣaqⱪa, Nunning oƣli Yǝxua danaliⱪ bǝrgüqi Roⱨ bilǝn tolƣanidi. Xuning bilǝn Israillar uningƣa itaǝt ⱪilip, Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪildi.
مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛ | 10 |
Musadin keyin uningdǝk Pǝrwǝrdigar bilǝn yüz turanǝ sɵzlǝxkǝn ikkinqi bir pǝyƣǝmbǝr Israil iqidǝ qiⱪmidi;
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە، | 11 |
Pǝrwǝrdigarning uni Misir zeminiƣa ǝwǝtixi bilǝn u xu yǝrdǝ Pirǝwngǝ, uning hizmǝtkarliri wǝ pütkül zeminidikilǝr aldida kɵrsǝtkǝn ⱨǝmmǝ mɵjizilik alamǝt wǝ karamǝtlǝrgǝ,
ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى. | 12 |
ayan ⱪilinƣan xu barliⱪ uluƣ ⱪudrǝtkǝ wǝ Musaning pütkül Israilning kɵz aldida kɵrsǝtkǝn barliⱪ dǝⱨxǝtlik ⱨǝywisigǝ tǝng turƣudǝk ⱨeqⱪandaⱪ adǝm qiⱪmidi.