< قانۇن شەرھى 33 >
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ | 1 |
以下是神人摩西在未死之先为以色列人所祝的福:
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، سېئىردىن چىقىپ [ئىسرائىل] ئۈستىگە پارلىدى؛ پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى. | 2 |
他说:耶和华从西奈而来, 从西珥向他们显现, 从巴兰山发出光辉, 从万万圣者中来临, 从他右手为百姓传出烈火的律法。
دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ. | 3 |
他疼爱百姓; 众圣徒都在他手中。 他们坐在他的脚下, 领受他的言语。
مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛ | 4 |
摩西将律法传给我们, 作为雅各会众的产业。
خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى. | 5 |
百姓的众首领, 以色列的各支派, 一同聚会的时候, 耶和华在耶书 中为王。
«رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». | 6 |
愿吕便存活,不致死亡; 愿他人数不致稀少。
[مۇسا]نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». | 7 |
为犹大祝福说: 求耶和华俯听犹大的声音, 引导他归于本族; 他曾用手为自己争战, 你必帮助他攻击敌人。
ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ. | 8 |
论利未说: 耶和华啊,你的土明和乌陵 都在你的虔诚人那里。 你在玛撒曾试验他, 在米利巴水与他争论。
ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى. | 9 |
他论自己的父母说: 我未曾看见; 他也不承认弟兄, 也不认识自己的儿女。 这是因利未人遵行你的话, 谨守你的约。
مانا، [لاۋىيلار] ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. | 10 |
他们要将你的典章教训雅各, 将你的律法教训以色列。 他们要把香焚在你面前, 把全牲的燔祭献在你的坛上。
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» | 11 |
求耶和华降福在他的财物上, 悦纳他手里所办的事。 那些起来攻击他和恨恶他的人, 愿你刺透他们的腰, 使他们不得再起来。
ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ» | 12 |
论便雅悯说: 耶和华所亲爱的必同耶和华安然居住; 耶和华终日遮蔽他,也住在他两肩之中。
يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، شەبنەم بىلەن، يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن، | 13 |
论约瑟说: 愿他的地蒙耶和华赐福, 得天上的宝物、甘露, 以及地里所藏的泉水;
كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، | 14 |
得太阳所晒熟的美果, 月亮所养成的宝物;
قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، | 15 |
得上古之山的至宝, 永世之岭的宝物;
يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. | 16 |
得地和其中所充满的宝物, 并住荆棘中上主的喜悦。 愿这些福都归于约瑟的头上, 归于那与弟兄迥别之人的顶上。
ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». | 17 |
他为牛群中头生的,有威严; 他的角是野牛的角, 用以抵触万邦,直到地极。 这角是以法莲的万万, 玛拿西的千千。
زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن! | 18 |
论西布伦说: 西布伦哪,你出外可以欢喜。 以萨迦啊,在你帐棚里可以快乐。
مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». | 19 |
他们要将列邦召到山上, 在那里献公义的祭; 因为他们要吸取海里的丰富, 并沙中所藏的珍宝。
گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛ | 20 |
论迦得说: 使迦得扩张的应当称颂! 迦得住如母狮; 他撕裂膀臂,连头顶也撕裂。
شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». | 21 |
他为自己选择头一段地, 因在那里有设立律法者的分存留。 他与百姓的首领同来; 他施行耶和华的公义 和耶和华与以色列所立的典章。
دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». | 22 |
论但说: 但为小狮子, 从巴珊跳出来。
نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». | 23 |
论拿弗他利说: 拿弗他利啊,你足沾恩惠, 满得耶和华的福, 可以得西方和南方为业。
ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ پۇتى مايغا چىلانسۇن. | 24 |
论亚设说: 愿亚设享受多子的福乐, 得他弟兄的喜悦, 可以把脚蘸在油中。
دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». | 25 |
你的门闩是铜的,铁的。 你的日子如何,你的力量也必如何。
«ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ. | 26 |
耶书 哪,没有能比 神的。 他为帮助你,乘在天空, 显其威荣,驾行穹苍。
ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ. | 27 |
永生的 神是你的居所; 他永久的膀臂在你以下。 他在你前面撵出仇敌, 说:毁灭吧。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ. | 28 |
以色列安然居住; 雅各的本源独居五谷新酒之地。 他的天也滴甘露。
بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». | 29 |
以色列啊,你是有福的! 谁像你这蒙耶和华所拯救的百姓呢? 他是你的盾牌,帮助你, 是你威荣的刀剑。 你的仇敌必投降你; 你必踏在他们的高处。