< قانۇن شەرھى 32 >
«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! | 1 |
蒼天,傾聽,我要發言;大地,聆聽我口要說的話!
تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك، كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ. | 2 |
願我的教訓如雨下降,我的言語似露滴落,像降在綠茵上的細雨,像落在青草上的甘霖!
چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار! | 3 |
因為我要宣揚上主的名,請讚頌我們的天主!
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر. | 4 |
他是磐石,他的作為完美無比;他的行徑公平正直,他是忠實無妄的天主,公義而又正直。
ئەمما [ئۆز خەلقى] ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر! | 5 |
那不堪稱為子女的,自趨墮落,背叛了他,實在是個邪惡敗壞的世代!
ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ | 6 |
愚昧無知的人民,你們就這樣報答上主嗎﹖他不是生育你,創造你,使你生存的大父嗎﹖
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. | 7 |
你回想往古的時日,思念歷代的歲月;問你的父親,問你的長輩,他必給你講述;
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر-بىرىدىن بۆلگىنىدە، ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن. | 8 |
當至高者為民族分配產業時,分佈人的子孫時,按照天使的數目,為萬民劃定了疆界;
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر. | 9 |
但雅各伯是上主所保留的一分,以色列成為他特有的產業。
ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛ | 10 |
上主在曠野之地,在野獸咆哮的原野,發見了他,遂將他抱起,加以撫育,加以保護,有如自己的眼珠。
خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك، | 11 |
老鷹怎樣守候自己的窩巢,飛翔在幼雛之上,上主也怎樣伸展雙翅,把他背在自己的翼上。
پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. | 12 |
上主獨自領導了他,他旁邊並沒有外邦的神祇。
ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛ | 13 |
上主使他馳騁於高原之上,以田間的出產養育他,使他享受巖穴間的蜜,堅石中的油,
ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، قوزىلارنىڭ يېغىنى، باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ. | 14 |
牛酪和羊乳,肥美的羔羊和公羊,巴商的公牛與山羊,以及上等的麥麵;並以葡萄美酒作你的飲品。
لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، بوردىلىپ كەتتىڭ، تويۇنۇپ كەتتىڭ! ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى. | 15 |
雅各伯吃肥了,耶叔戎吃胖了,會踢人了。──的確,你胖了,肥了,飽滿了。──他遂拋棄了造他的天主,輕視了救他的磐石。
ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. | 16 |
他們以邪神的敬禮激起他的妒火,以可憎惡的事物,惹他動怒;
ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى. | 17 |
他們所祭祀的是邪神,而非真神,是向來所不認識的神,是近來新興,你們的祖先所不敬畏的神。
سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ. | 18 |
你忽略了那生你的磐石,忘記了那使你出世的天主。
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 19 |
上主一見,大為震怒,遂拋棄了自己的子女,
«مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر. | 20 |
說我要掩面不顧他們,要看他們的結局如何;這實在是敗壞的一代,毫無信實的子女。
ئىگە-تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن. | 21 |
他們以虛妄之神,激起我的怒火,以虛無之物,惹我動怒;我也要以那不成子民的人激起他們的妒火,以愚昧的民族惹他們發怒。
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ. (Sheol ) | 22 |
我的怒火一燃起,必燒到陰府的深底,吞滅大地及其出產,焚毀山岳的基礎。 (Sheol )
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ يا-ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن. | 23 |
我要將災禍不斷加在他們身上,向他們射盡我的箭矢。
ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن. | 24 |
他們必因饑餓而衰弱,必為熱症、毒疫所消滅;我還使尖牙的野獸和土中爬行的毒蟲傷害他們。
تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. | 25 |
外有刀劍,內有恐怖,使少男少女,乳兒白頭,同歸於盡。
مەن: «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم، | 26 |
我原想粉碎他們,將他們的記念由人間消滅;
بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، [بۇ ئىشنى قىلمىدىم]. | 27 |
但我怕仇人自誇,怕敵人誤會說:「是我的手得勝了,而不是上主行了這一切。」
ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل-پەمى يوقتۇر. | 28 |
他們原是無謀的民族,沒有一點見識。
ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى! | 29 |
如果他們有點智慧,定會明瞭此事,看清未來的局勢。
ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟ | 30 |
「若不是他們的磐石出賣了他們,上主放棄了他們一人怎能追擊一千,兩人怎能打跑一萬﹖」
چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن! | 31 |
連我們的仇人也承認,他們的磐石不如我們的磐石。
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر، | 32 |
誠然,他們的葡萄秧,出自索多瑪的葡萄園,來在哈摩辣的田園;他們的葡萄是毒葡萄,粒粒葡萄皆酸苦。
شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر. | 33 |
他們的酒是蛇的毒汁,是蝮蛇的猛烈毒液。
[پەرۋەردىگار]: «بۇلارنىڭ [ھەممىسى] مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟ | 34 |
這事豈不是貯藏在我身旁,封閉在我府庫裏﹖
ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ. | 35 |
等到他們失足之時,我必復仇報復;他們滅亡的日子確已臨近,給他們預定的命運就要來到。
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ [ئازىيىپ]، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. | 36 |
因為上主要衛護自己的人民,憐恤自己的僕人。當他看見他們的能力已逝,奴隸與自由人已到絕境,
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟ | 37 |
必問說:「他們的神祇在那裏,他們投靠的磐石究在何處﹖
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن! | 38 |
一向吃他們祭牲脂肪的,喝他們奠祭酒漿的,都在那裏﹖讓他們起來援助你們罷! 讓他們做你們的保障罷!
ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. | 39 |
現在你們應認清,只有我是「那一位,」除我以外沒有別神;我使人死,也使人活;我擊傷人,也加以治療;誰也不能由我手中救出。
چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ، | 40 |
我向天舉手宣誓:我生活至於永遠!
چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن! | 41 |
我一磨亮我的刀劍,我一掌握裁判權,必向我的敵人雪恨,對恨我的人報復。
مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن». | 42 |
我要使我的箭矢醉飲鮮血,使我的刀劍吞食血肉:陣亡和俘虜的鮮血,仇敵將領的頭顱。」
ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ». | 43 |
萬國,你們應向他的百姓祝賀! 因為上主必為自己的僕人報血仇,向仇敵報復,聖潔自己的土地和百姓。
ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. | 44 |
梅瑟和農的兒子若蘇厄前來,將這篇詩歌的話朗誦給百姓聽。
ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ | 45 |
梅瑟向全以色列人一朗誦完了,
ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك. | 46 |
就對他們說:「你們應把我今日警告你們的一切話記在心內,好吩咐你們的子孫,謹守遵行這法律上的一切話。
چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى. | 47 |
因為這為你們不是空洞的話,而是關係你們的生命;由於遵守這話,你們纔能在過約但河後所要佔領的地上,長久居留。」
يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 48 |
上主就在當天對梅瑟說:「
سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن. | 49 |
你到摩阿布去,上這座阿巴陵山,即面對耶里哥的乃波山上去,觀看我要給以色列子民作產業的客納罕地。
ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛ | 50 |
你要死在你所上的山上,歸到你本族那裏,像你哥哥亞郎死在曷爾山,歸到他本族那裏一樣。
چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار. | 51 |
因為你們在親曠野,卡德士的默黎巴水邊,在以色列子民中對我失信,沒有在他們中尊我為聖;
شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن. | 52 |
為此,我賜給以色列子民的地方,你只可由對面眺望,卻不能進去。」