< قانۇن‭ ‬شەرھى 31 >

ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛ 1
Andin Musa berip ⱨǝmmǝ Israilƣa sɵz ⱪildi;
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى. 2
u mundaⱪ dedi: «Mǝn bügün bir yüz yigirmǝ yaxⱪa kirdim; ǝmdi silǝrgǝ sǝrdar yaki baxliƣuqi bolalmaymǝn. Pǝrwǝrdigar manga: Sǝn bu Iordan dǝryasidin ɵtmǝysǝn, degǝnidi.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ [دەريادىن] ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ [دەريادىن] ئۆتىدۇ. 3
Lekin Pǝrwǝrdigar Hudayinglar Ɵzi silǝrni yetǝklǝp [dǝryadin] ɵtüp, bu ǝllǝrni aldinglarda wǝyran ⱪilidu; xuning bilǝn ularning mal-mülkini igilǝysilǝr; Pǝrwǝrdigarning eytⱪinidǝk, Yǝxua silǝrning aldinglarda baxlap [dǝryadin] ɵtidu.
پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 4
Pǝrwǝrdigar Siⱨon bilǝn Og degǝn ikki Amoriy padixaⱨi wǝ ularning zeminini ⱨalak ⱪilƣandǝk, u bu ǝllǝrgimu xundaⱪ ⱪilidu.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر. 5
Əmma Pǝrwǝrdigar ularni ⱪolunglarƣa tapxurƣinida, mǝn silǝrgǝ tapiliƣan pütkül ǝmr boyiqǝ ularƣa muamilǝ ⱪilisilǝr.
جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!». 6
Jür’ǝtlik wǝ ⱪǝysǝr bolunglar, ularning aldida titrimǝnglar, ulardin ⱨeq ⱪorⱪmanglar; qünki silǝr bilǝn birgǝ barƣuqi Pǝrwǝrdigar Hudayinglar Ɵzidur; U silǝrdin waz kǝqmǝydu, silǝrni ⱨǝrgiz taxliwǝtmǝydu!».
ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن. 7
Andin Musa Yǝxuani qaⱪirip pütkül Israilning kɵz aldida uningƣa sɵz ⱪilip: «Sǝn jür’ǝtlik wǝ ⱪǝysǝr bolƣin; qünki bu hǝlⱪ Pǝrwǝrdigar ularning ata-bowiliriƣa ⱪǝsǝm ⱪilip berixkǝ wǝdǝ ⱪilƣan zeminƣa kirgǝndǝ sǝn ular bilǝn billǝ berixing kerǝk; sǝn ularƣa uni igilitip miras ⱪildurisǝn.
مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى. 8
Mana, sening aldingda mangƣuqi Pǝrwǝrdigar Ɵzidur; U sǝn bilǝn billǝ bolup sǝndin waz kǝqmǝydu, seni ⱨǝrgiz taxliwǝtmǝydu! Sǝn ⱪorⱪmiƣin, parakǝndǝ bolma!» — dedi.
مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 9
Musa bu ⱪanunni yezip bolup, uni Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtüridiƣan Lawiyning ǝwladi bolƣan kaⱨinlar bilǝn Israilning barliⱪ aⱪsaⱪalliriƣa tapxurup bǝrdi.
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا، 10
Musa ularƣa mundaⱪ buyrudi: — «Ⱨǝr yǝttǝ yilning ahirⱪi yilida, yǝni azadliⱪ yili dǝp bekitilgǝn waⱪitta, «kǝpilǝr ⱨeyti» baxlanƣanda,
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن. 11
Israilning ⱨǝmmisi kelip Pǝrwǝrdigar Hudayingning ⱨuzurida jǝm bolux üqün u tallaydiƣan jayƣa yiƣilƣanda, uni anglisun dǝp pütkül Israilning aldida bu ⱪanunni oⱪup berisǝn.
شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. 12
Xuning üqün [xu qaƣda] barliⱪ hǝlⱪni, ǝr bolsun, ayal bolsun, bala bolsun, ⱪowuⱪliringning iqidǝ turuwatⱪan musapir bolsun, ularning ⱨǝmmisi anglap, ɵginip, Pǝrwǝrdigar Hudayinglardin ⱪorⱪup, bu ⱪanunning barliⱪ sɵzlirini tutup uningƣa ǝmǝl ⱪilsun, dǝp ularni yiƣⱪin.
شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». 13
Xundaⱪ bolsa, ularning bu ⱪanunni tonumiƣan balilirimu uni anglap ɵginip, silǝr igilǝxkǝ Iordan dǝryasidin ɵtüp baridiƣan zeminda yaxiƣan barliⱪ künliridǝ Pǝrwǝrdigar Hudayinglardin ⱪorⱪidiƣan bolidu».
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى. 14
Andin Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: «Mana sening ɵlidiƣan waⱪting yeⱪinlixip ⱪaldi. Əmdi Yǝxuani qaⱪirƣin, ikkinglar jamaǝt qediriƣa berip xu yǝrdǝ ⱨazir bolunglar. Mǝn uningƣa wǝzipǝ tapxurimǝn» dedi. Xuning bilǝn Musa bilǝn Yǝxua ikkisi berip, jamaǝt qedirida ⱨazir boldi.
پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. 15
Pǝrwǝrdigar bulut tüwrükining iqidǝ kɵründi; bulut tüwrüki qedirning dǝrwazisining üstidǝ tohtidi.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ. 16
Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: «Mana, sǝn ata-bowiliringning ⱪexida uhlax aldida turisǝn; andin bu hǝlⱪ ⱪozƣilip, baridiƣan zemindiki yat ilaⱨlarƣa ǝgixip buzuⱪqiliⱪ ⱪilip, Meni taxlap, Mǝn ular bilǝn baƣliƣan ǝⱨdini buzidu.
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ. 17
Xu waⱪitta Mening ƣǝzipim ularƣa tutixip, Mǝn ularnimu taxlap, ulardin yüzümni yoxurimǝn. Ular yutuwetilidu, kɵp balayi’apǝt wǝ külpǝtlǝr bexiƣa qüxidu wǝ ular xu waⱪitta: «Xübⱨisizki, Hudayimiz arimizda bolmiƣini üqün, bu balalar beximizƣa qüxti» — dǝydu.
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. 18
Lekin Mǝn ularning baxⱪa ilaⱨlarƣa mayil bolup ǝgixip, ⱪilƣan ⱨǝmmǝ rǝzillikliri üqün xu küni yüzümni pütünlǝy yoxurimǝn.
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن. 19
Əmdi silǝr ɵzünglar üqün bu ƣǝzǝlni pütüp, uni Israillarƣa ɵgitinglar; bu ƣǝzǝlning keyin Israillarning ǝyibigǝ Mǝn üqün guwaⱨqi boluxi üqün uni ularning aƣziƣa salƣin.
چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. 20
Qünki Mǝn ularni Mǝn ata-bowiliriƣa ⱪǝsǝm bilǝn wǝdǝ ⱪilƣan, süt bilǝn ⱨǝsǝl eⱪip turidiƣan yurtⱪa kirgüzimǝn; andin ular yǝp toyup, sǝmrigǝndǝ baxⱪa ilaⱨlarƣa ǝgixip, ularning ⱪulluⱪiƣa kiridu wǝ Meni kɵzgǝ ilmay ǝⱨdǝmni buzidu.
ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». 21
Əmma xundaⱪ boliduki, kɵp balayi’apǝtlǝr bilǝn külpǝtlǝr ularning bexiƣa qüxkinidǝ, bu ƣǝzǝl ularni ǝyiblǝp guwaⱨ beridu; qünki bu ƣǝzǝl ularning ǝwladlirining aƣzida untulmaydu. Qünki Mǝn ularni ularƣa ⱪǝsǝm bilǝn wǝdǝ ⱪilƣan zeminƣa tehi kirgüzmǝyla ularning nemǝ hiyal ⱪiliwatⱪinini obdan bilimǝn».
شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. 22
Xularni dǝp, Musa xu küni bu ƣǝzǝlni yezip, Israillarƣa ɵgǝtti.
ئاندىن [پەرۋەردىگار] نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى. 23
Andin [Pǝrwǝrdigar] Nunning oƣli Yǝxuaƣa: «Jür’ǝtlik wǝ ⱪǝysǝr bolƣin, qünki sǝn Mǝn Israillarƣa ⱪǝsǝm bilǝn wǝdǝ ⱪilƣan zeminƣa ularni baxlap kirisǝn wǝ Mǝn sǝn bilǝn billǝ bolimǝn» dǝp ǝmr ⱪildi.
مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن 24
Musa bu ⱪanunning sɵzlirini bir kitabⱪa pütünlǝy yezip bolƣandin keyin
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: 25
u Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtürüp mangƣan Lawiylarƣa buyrup mundaⱪ dedi:
ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. 26
— Bu ⱪanun kitabini silǝrning ǝyibinglǝrgǝ guwaⱨqi bolup turuxi üqün Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning ǝⱨdǝ sanduⱪining yeniƣa ⱪoyunglar.
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر! 27
Qünki mǝn silǝrning asiy wǝ boynunglar ⱪattiⱪ ikǝnlikinglarni bilimǝn. Mana, mǝn tehi aranglarda tirik tursam Pǝrwǝrdigarƣa asiyliⱪ ⱪilip kǝldinglar; ɵlümümdin keyin silǝr tehimu xundaⱪ ⱪilisilǝr!
مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار. 28
Mǝn ularning ⱪulaⱪliriƣa bu sɵzlǝrning ⱨǝmmisini anglitixim üqün, xundaⱪla yǝr bilǝn asmanni ularning ǝyibigǝ guwaⱨqi boluxⱪa qaⱪirixim üqün ǝmdi mening aldimƣa ⱪǝbililiringlarning ⱨǝmmǝ aⱪsaⱪalliri wǝ ǝmǝldarlirini yiƣinglar.
چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر». 29
Qünki ɵlümümdin keyin silǝrning tüptin buzulup, mǝn silǝrgǝ ǝmr ⱪilƣan yoldin qǝtnǝp ketidiƣininglarni bilimǝn. Xuning bilǝn künlǝrning ahirida külpǝtlǝr bexinglarƣa qüxidu; qünki silǝr Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪilip, ⱪolliringlarning ixliri bilǝn uning ƣǝzipini ⱪozƣaysilǝr».
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ 30
Andin Musa Israillarning pütkül jamaiti aldida bu ƣǝzǝlning tekistini baxtin-ahirƣiqǝ oⱪup bǝrdi: —

< قانۇن‭ ‬شەرھى 31 >