< قانۇن شەرھى 31 >
ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛ | 1 |
Eka Musa nodhi mowuoyo ne jo-Israel kowacho niya,
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى. | 2 |
“Koro sani an ja-higni mia achiel gi piero ariyo kendo koro ok anyal dhi nyime gi telonu. Jehova Nyasaye osewachona ni, ‘Ok iningʼad Jordan.’
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ [دەريادىن] ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ [دەريادىن] ئۆتىدۇ. | 3 |
Jehova Nyasaye ma Nyasachu owuon biro telo e nyimu. Enotiek dhout pinjego duto kendo unukaw pinjegigo duto. Omiyo Joshua notelnu mana kaka Jehova Nyasaye osewacho.
پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. | 4 |
Jehova Nyasaye notimnegi mana gima ne otimone Sihon kod Og, ruodhi ma jo-Amor kaachiel gi pinjegi.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر. | 5 |
Jehova Nyasaye nochiwgi e lwetu to nyaka utimnegi gik moko duto ma asechikou.
جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!». | 6 |
Beduru gi chir kendo motegno. Kik uluorgi kendo kik gimi chunyu nyosre, nimar Jehova Nyasaye ma Nyasachu biro dhi kodu; ok enoweu kata jwangʼou.”
ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن. | 7 |
Eka Musa noluongo Joshua ma owuoyone e nyim jo-Israel duto niya, “Bed motegno kendo ma jachir, nimar nyaka idhi gi jogi e piny mane Jehova Nyasaye osingore ne kweregi ni nomigi kendo nyaka ipog-gi kaka girkeni margi.
مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى. | 8 |
Jehova Nyasaye owuon biro dhi nyimu kendo nobed kodu, ok noweu kata jwangʼou. Kik ubed maluor, bende kik chuny nyosre.”
مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 9 |
Kuom mano Musa nondiko chikegi mi omiyogi jodolo, ma yawuot Lawi, mane otingʼo Sandug Muma mar singruok Jehova Nyasaye. Jodong Israel bende nomi chikego.
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا، | 10 |
Eka Musa nomiyogi chik niya, “E giko mar higa mar abiriyo ka mar abiriyo, ma en higa mar weyo gope, ma bende en kinde mar Sawo mar kiche,
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن. | 11 |
ka jo-Israel duto obiro mochungʼ e nyim Jehova Nyasaye kama obiro yiero, nyaka usomnegi chikegi.
شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. | 12 |
Chokuru ji, chwo, mon kod nyithindo kaachiel gi jopinje mamoko modak e miechu mondo giwinj chikego eka mondo giwinj kendo gipuonjre luoro Jehova Nyasaye ma Nyasachu kendo girit wechene duto maber.
شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». | 13 |
Nyithindgi ma ok ongʼeyo chikni nyaka winji mondo opuonjre luoro Jehova Nyasaye ma Nyasachu ndalo ma udakgo e piny ma ubiro kawo ka usengʼado aora Jordan.”
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى. | 14 |
Jehova Nyasaye nowachone Musa niya, “Ndaloni mar tho koro chiegni. Omiyo biuru gi Joshua mondo uchungʼ e dho Hemb Romo kama abiro miye tich.” Eka Musa kod Joshua nobiro mochungʼ e dho Hemb Romo.
پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. | 15 |
Eka Jehova Nyasaye nofwenyore ka siro e rumbi, kendo rumbi nochungʼ e dhood Hema.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ. | 16 |
Jehova Nyasaye nowachone Musa niya, “Ka isetho to jogi biro dwanyore gi nyiseche mamoko manie piny ma udonjoe, kendo gibiro jwangʼa ma giwe singruok mane atimo kodgi.
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ. | 17 |
Odiechiengno anabed gi mirima kodgi mi ajwangʼ-gi, abiro pandonegi wangʼa kendo enotiekgi. Gik mamono kendo maricho notimrenegi kendo odiechiengno ginipenjre ni, ‘Donge masiragi osebiro nikech Nyasachwa ok nikodwa?’
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. | 18 |
Odiechiengno anapand wangʼa nikech timbegi mamono ma gisebedo ka gitimo mar lamo nyiseche mamoko.
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن. | 19 |
“Kuom mano koro ndikni wendni kendo ipuonj jo-Israel kaka iwere mondo wendno obednegi janeno e kinda kodgi.
چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. | 20 |
Ka asekelogi e piny ma opongʼ gi chak kod mor kich, ma en piny mane asingora kakwongʼora ne kweregi, kendo ka gisemetho ma gibedo gi mor, to ginidogi ir nyiseche mamoko ma gilamgi, kagiweya kendo ketho singruokna.
ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». | 21 |
Ka masiche mangʼeny kod chandruok otimorenegi, to wendni nobed janeno e kinda kodgi, nimar wachni nyikwagi wigi ok nowilgo. Angʼeyo gima giikore mar timo, kata kane pok akelogi e piny mane asingonegi kakwongʼora.”
شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. | 22 |
Kuom mano Musa nondiko wendno chiengʼno mopuonje jo-Israel.
ئاندىن [پەرۋەردىگار] نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى. | 23 |
Jehova Nyasaye ne ochiko Joshua wuod Nun niya, “Bed motegno kendo ma jachir, nimar inikel jo-Israel e piny mane asingoranegi kakwongʼora ni anamigi kendo an awuon nabed kodi.”
مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن | 24 |
Kane Musa osetieko ndiko wechegi e kitabu manie chik koa e chakruok nyaka giko,
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: | 25 |
chikni ne omiyo jo-Lawi mane otingʼo Sandug Muma mar singruok mar Jehova Nyasaye.
ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. | 26 |
Nowachonegi niya, “Kaw Kitabu mar Chikegi mondo ikete but Sandug Muma mar singruok mar Jehova Nyasaye ma Nyasachi. Kitabuni nodongʼ kaka janeno e kinda kodu.
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر! | 27 |
Angʼeyo ni un jongʼanyo ma wigi tek. Kaka usebedo ka ungʼanyo ne Jehova Nyasaye kapod angima kendo an kodu, to koro unungʼany marom nade bangʼ kasetho.
مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار. | 28 |
Choknauru jodongo mag ogandau to gi jotendu duto, mondo awuo e wechegi e itgi kendo mondo aluong polo gi piny obedna janeno kuomgi.
چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر». | 29 |
Nimar angʼeyo ni bangʼ thona an gi adiera ni udhi bedo jo-mibadhi mi unuwe yore mane achikou. E ndalo mabiro masira nomaku nikech unutim richo e nyim Jehova Nyasaye kendo unujimb mirimbe gi gik ma lwetu oseloso.”
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ | 30 |
Kuom mano Musa nosomo weche manie wendni kochake nyaka otieke ka oganda jo-Israel ochokore: