< قانۇن شەرھى 3 >
ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى. | 1 |
Потом обративши се идосмо к Васану. И изиђе пред нас Ог, цар васански и сав народ његов на бој у Едрајин.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى. | 2 |
И Господ ми рече: Не бој га се, јер га дадох у твоје руке са свим народом његовим и са земљом његовом, да учиниш с њим онако како си учинио са Сионом царем аморејским, који сеђаше у Есевону.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق. | 3 |
Тако нам даде Господ Бог наш у руке и Ога, цара васанског са свим народом његовим, и разбисмо га и не остависмо му ниједног живог.
شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى. | 4 |
И узесмо тада све градове његове; не би ниједног града ког не узесмо, шездесет градова, сав крај арговски, царство Ога у Васану.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. | 5 |
Сви ти градови беху утврђени зидом високим, вратима и преворницама, осим других места без зидова врло много.
بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. | 6 |
И раскопасмо их као што учинисмо Сиону, цару есевонском, побивши по свим местима и људе и жене и децу.
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. | 7 |
А сву стоку и плен по градовима запленисмо за се.
شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق | 8 |
Тако узесмо онда земљу из руку двојице царева аморејских, која је с ове стране Јордана од потока Арнона до горе Ермона,
(ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛ | 9 |
(Сидонци зову Ермон Сирион, а Амореји га зову Сенир, )
بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق | 10 |
Сва места у равни и сав Галад и сав Васан до Салхе и Едрајина, градове царства Ога у Васану.
(شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان). | 11 |
Јер само Ог цар васански беше остао од дивова. Гле, одар његов, одар гвозден, није ли у Рави синова Амонових? Девет је лаката дуг, а широк четири лакта, лакта човечија.
بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛ | 12 |
Тако наследисмо ту земљу онда; од Ароира, који је на потоку Арнону, и половину горе Галада с градовима њеним дадох синовима Рувимовим и Гадовим.
گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ. | 13 |
И остатак Галада и сав Васан, царство Огово, дадох половини племена Манасијиног; сав крај арговски по свему Васану зваше се земља дивовска.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). | 14 |
Јаир син Манасијин узе сав крај арговски до међе гесурске и махатске; и прозва Васанску својим именом: села Јаирова до данашњег дана.
گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم. | 15 |
А Махиру дадох Галад.
رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛ | 16 |
А Рувимовом племену и Гадовом племену дадох од Галада до потока Арнона, како захвата поток с међама, па до потока Јавока, где је међа синова Амонових.
يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم. | 17 |
И поље и Јордан с међама од Хинерота до мора уз поље, до мора сланог, испод Фазге према истоку.
مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛ | 18 |
И заповедих вам онда и рекох: Господ Бог ваш дао вам је ову земљу у наследство; наоружани хајдете пред браћом својом, синовима Израиљевим, ко је год за војску.
پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛ | 19 |
А жене ваше и деца ваша и стока ваша (знам да имате много стоке) нека остану у градовима вашим, које вам дадох,
پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە [جەڭ قىلىڭلار]؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. | 20 |
Докле не смири Господ и браћу вашу као вас, да и они наследе земљу, коју ће им Господ Бог ваш дати с оне стране Јордана; онда се вратите сваки на своје наследство, које вам дадох.
شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ. | 21 |
А Исусу онда заповедих говорећи: Очи твоје виде све што је учинио Господ Бог ваш са она два цара; онако ће Господ учинити са свим царствима у која дођеш.
سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. | 22 |
Немојте их се бојати, јер ће се Господ Бог ваш бити за вас.
شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ | 23 |
И молих се Господу онда говорећи:
«ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟ | 24 |
Господе Боже! Ти си почео показивати слузи свом величину своју и крепку руку своју, јер који је Бог на небу или на земљи који би творио дела каква су Твоја и у кога би била сила каква је Твоја?
سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم. | 25 |
Дај ми да пређем и видим земљу добру која је преко Јордана и гору добру, Ливан.
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما. | 26 |
Али Господ беше гневан на ме с вас, и не услиши ме, него ми рече: Доста; не говори ми више за то.
سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. | 27 |
Попни се на врх ове горе, и подигавши очи своје на запад и на север и на југ и на исток, види очима својим, јер нећеш прећи преко Јордана.
يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى. | 28 |
Него подај заповести Исусу, и утврди га и укрепи га; јер ће он прећи пред народом тим, и он ће им разделити у наследство земљу коју видиш.
شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق. | 29 |
И остасмо у овој долини према Вет-Фегору.