< قانۇن شەرھى 28 >
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛ | 1 |
“Ne èwɔ Yehowa, wò Mawu la ƒe se siwo katã mele mia nam egbe la dzi pɛpɛpɛ la, awɔ wò nàzu dukɔ gãtɔ le xexea me,
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ بۇ ھەممە بەخت-بەرىكەتلەر ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ | 2 |
eye yayra siawo katã agbã go ɖe dziwò ne àɖo to Yehowa, wò Mawu la ƒe gbe.
سەن شەھەردە بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، سەھرادىمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. | 3 |
Woayra wò le du me kple agble me siaa.
بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى بىلەن يېرىڭنىڭ مېۋىسى، چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى، يەنى كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭ تۇغقىنى بولسا، بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. | 4 |
Woayra wò alimeviwo, eye wò agblemenukuwo, wò lãwo ƒe viwo, wò nyiwo kple wò alẽwo siaa adzi ɖe edzi.
سېۋىتىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ، تەڭنەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. | 5 |
Woayra wò kusi kple wò amɔze.
سەن كىرسەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، چىقساڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. | 6 |
Woayra wò ne èva aƒe me kple ne èdo go.
ساڭا قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئالدىڭدا مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر يول بىلەن ساڭا ھۇجۇمغا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن ئالدىڭدىن قاچىدۇ. | 7 |
“Yehowa aɖu wò futɔwo dzi le ŋgɔwò. Woaƒo ƒu alũ ɖe dziwò, gake woaka ahlẽ asi to teƒe adre le ŋgɔwò!
سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ. | 8 |
Yehowa ayra wò kple nuku nyuiwo kple nyi siwo ƒe lãme nyo. Ana nàkpɔ dzidzedze le nu sia nu si nàwɔ ne èva ɖo anyigba si Yehowa, wò Mawu la le nawòm la dzi.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ يوللىرىدا ماڭساڭ، ئۆزى قەسەم بىلەن ساڭا ۋەدە قىلغاندەك پەرۋەردىگار سېنى تىكلەپ ئۆزىگە مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ. | 9 |
“Yehowa wò Mawu atrɔ wò nàzu dukɔ kɔkɔe na eɖokui abe ale si wòdo ŋugbe be yeawɔ ne ànya wɔ ɖe yeƒe sewo dzi, eye nàzɔ le yeƒe mɔwo dzi la ko ene.
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭنى كۆرۈپ سەندىن قورقىدۇ. | 10 |
Dukɔwo katã le xexea me adze sii be Yehowa tɔ nènye, eye woƒe nu aku.
پەرۋەردىگار سېنى ياشنىتىدۇ؛ ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا سېنى ئۆز بەدىنىڭنىڭ مېۋىسى بىلەن چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنى مول ۋە بەركەتلىك قىلىدۇ. | 11 |
“Yehowa ana nu nyuiwo wò le anyigba la dzi ale be viwòwo, wò lãwo kple wò agblemenukuwo nasɔ gbɔ fũu abe ale si wòdo ŋugbe ene.
پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بەرىكەتلەش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى ساڭا ئاچىدۇ؛ ئۆزۈڭ ھېچ كىمدىن قەرز ئالمايسەن، بەلكى كۆپ ئەللەرگە قەرز بېرىسەن. | 12 |
Yehowa aʋu dziƒo nu, tsi adza na wò, eye wòana agblemenukuwo wò ɣe sia ɣi. Ayra nu sia nu si nàwɔ; àdo nugbana na dukɔ geɖewo, gake wò ŋutɔ ya màdo nugbana le wo si o.
پەرۋەردىگار سېنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ؛ سەن پەقەت ئۈستى بولۇپ، ئاستى بولمايسەن. ئەگەر مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ، | 13 |
Ne mianya ɖo to, eye miawɔ Yehowa miaƒe Mawu ƒe se siwo mele dedem na mi egbea dzi ko la, Yehowa awɔ wò nàzu ta, eye mànye asike o; àɖu dzi le nu sia nu me ɣe sia ɣi.
شۇنداقلا مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەممە سۆزلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتمىسەڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ قۇللۇقىغا كىرمىسەڭ، شۇنداق بولىدۇ. | 14 |
Ke yayra siawo dometɔ ɖe sia ɖe ku ɖe ale si màɖe asi le se siwo mede na wò la dzi wɔwɔ ŋu le mɔ aɖeke nu o la ŋu. Gawu la, mèkpɔ mɔ asubɔ mawu bubu aɖeke gbeɖegbeɖe o.”
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ | 15 |
“Ne màɖo to Yehowa, wò Mawu la ƒe gbe o, eye màwɔ ɖe eƒe se kple ɖoɖo siwo mexlẽ na wò egbea dzi o la, Mawu ƒe fiƒode siawo katã ava dziwò, eye woaɖi ŋuwò.
سەن شەھەردە لەنەتكە قالىسەن، سەھرادىمۇ لەنەتكە قالىسەن. | 16 |
Ne èle du me la, aɖi ŋuwò eye ne èle agble hã, aɖi ŋuwò.
سېۋىتىڭ لەنەتكە قالىدۇ، تەڭنەڭمۇ لەنەتكە قالىدۇ. | 17 |
Aɖi wò kusi kple wò amɔze hã ŋu.
بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى، يېرىڭنىڭ مېۋىسى، كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇغقىنى لەنەتكە قالىدۇ. | 18 |
Aɖi wò alimeviwo, wò agblemenukuwo, wò nyiwo kple wò alẽwo hã ŋu.
سەن كىرسەڭمۇ لەنەتكە قالىسەن، چىقساڭمۇ لەنەتكە قالىسەن. | 19 |
Ne èva aƒe me la, aɖi ŋuwò, ne èdo go hã aɖi ŋuwò.
سېنىڭ پەرۋەردىگارنى تاشلىغان رەزىل قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۇ سەن يوق قىلىنغۇچە، تېزدىن ھالاك قىلىنغۇچە، قولۇڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنىڭ ئۈستۈڭگە لەنەت، پاراكەندىلىك ۋە دەشنەم چۈشۈرىدۇ. | 20 |
“Yehowa ŋutɔ aƒo fi ade wò; àtɔtɔ, eye màkpɔ dzidzedze le nu sia nu si nàwɔ la me o va se ɖe esime wò ŋutɔ nàtsrɔ̃ mlɔeba le ale si nègblẽ Mawu ɖi la ta.
پەرۋەردىگار سەن ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن سېنى يوقاتقۇچە ساڭا ۋابا چاپلاشتۇرىدۇ. | 21 |
Yehowa akplɔ dɔvɔ̃ ade dowòme va se ɖe esime nàtsrɔ̃ ɖa keŋkeŋ le anyigba si dzi yim nèle la ƒe ŋkume.
پەرۋەردىگار سېنى سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ياللۇغلۇق كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، چاۋىرىش ئاپىتى ۋە ھال ئاپىتىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئاپەتلەر سەن يوق قىلىنغۇچە سېنى قوغلايدۇ. | 22 |
Yehowa akplɔ kpedɔ, ŋudza, lãmedɔ bubuwo, dɔvɔ̃ kple aʋawɔwɔ ade dowòme. Ana wò agblemenukuwo nayrɔ, eye woadzi ŋɔviwo. Dzɔgbevɔ̃e siawo katã adze yowòme va se ɖe esime nàtsrɔ̃, eye nuwò nayi.
بېشىڭنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، ئايىغىڭنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك بولىدۇ. | 23 |
“Dziƒowo asẽ dzi me abe akɔbli ene ɖe wò tame, eye anyigba anɔ abe gayibɔ ene ɖe tewò.
پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭدا ياغىدىغان يامغۇرنى توپا-چاڭ ۋە قۇم قىلىدۇ؛ ئۇلار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئاسماندىن ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. | 24 |
Anyigba la aƒu abe ʋuʋudedi ene le kuɖiɖi ta, eye ahom atu, eye kekuiwo atsrɔ̃ wò.
پەرۋەردىگار ئۆزى سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالىسىلەر. | 25 |
“Yehowa ana wò futɔwo naɖu dziwò. Wò aʋakɔ aƒo ƒu azɔ ayi aʋa, ke atɔtɔ, aka ahlẽ le futɔwo ŋkume, eye nàtsa tsaglalã le anyigbadzidukɔwo dome.
ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار بىلەن يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ؛ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. | 26 |
Wò ame kukuwo azu nuɖuɖu na xewo kple gbemelãwo, eye ame aɖeke manɔ anyi anya wo ɖa o.
پەرۋەردىگار سېنى مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى، چىقان-ھۈررەكلەر، تەمرەتكە، قىچىشقاق بىلەن ئۇرىدۇ. | 27 |
“Yehowa, wò Mawu la aɖo Egiptetɔwo ƒe ƒoƒoe, anyi kple akpa ɖe dowòme, eye atike manɔ anyi na wo dometɔ aɖeke o.
پەرۋەردىگار سېنى ساراڭلىق، كورلۇق ۋە پاراكەندىلىك بىلەن ئۇرىدۇ. | 28 |
Ana tsukuku, ŋkuagbã, vɔvɔ̃ kple dzodzo nyanyanya nadze dziwò;
سەن كۈپكۈندۈزدە كور كىشى قاراڭغۇدا تەمتىلىگەندەك تەمتىلەپ يۈرىسەن، بارلىق يوللىرىڭ ئاقمايدۇ؛ سەن كۈندىن-كۈنگە پەقەت زۇلۇم بىلەن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغۇچى بولىسەن، سېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. | 29 |
àtsa asi le ŋdɔkutsu dzatsi nu abe ale si ŋkuagbãtɔ tsaa asi le viviti me ene tututu. Nu siwo katã nàwɔ la dometɔ aɖeke madze edzi na wò o. Woate wò ɖe to; woada adzo wò enuenu, eye naneke maɖe wò o.
سەن بىر خوتۇن بىلەن ۋەدىلەشسەڭ باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن ياتىدۇ؛ ئۆينى سالساڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرالمايسەن، تەك تىككەن بولساڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن. | 30 |
“Ŋutsu bubu sãa aɖe nyɔnu si ta nèbia, ame bubu sãa anɔ aƒe si nètso la me, eye ame bubu sãa aɖu waingble si nède la me kutsetsewo.
كالاڭ كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا سويۇلىدۇ، لېكىن گۆشىدىن يېيەلمەيسەن؛ قاراپ تۇرۇپ ئېشىكىڭ سەندىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، ساڭا يېنىپ كەلمەيدۇ. قويلىرىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە ياردەمگە ھېچكىم چىقمايدۇ. | 31 |
Woafli wò nyitsuwo ƒe lã le wò ŋutɔ wò ŋkume, ke woƒe lãkɔ kakɛ aɖeke gɔ̃ hã maka nu na wò o. Woanya wò tedziwo dzoe le wò ŋkume, eye womagatrɔ ava gbɔwò gbeɖe o. Woatsɔ wò alẽwo na wò futɔwo, eye ame aɖeke manɔ anyi axɔ na wò o.
ئوغۇل بىلەن قىزلىرىڭ باشقا بىر ئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ، كۆزلىرىڭ پۈتۈن كۈن ئۇلارغا تەلمۈرۈش بىلەن چارچايدۇ؛ لېكىن قولۇڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. | 32 |
Ànɔ viwò ŋutsuwo kple viwò nyɔnuwo kpɔm hafi woakplɔ wo adzoe abe kluviwo ene. Wò ŋkuwo atsi wo ŋu, wò dzi agbã, gake màte ŋu awɔ naneke o.
يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىنى سەن تونۇمايدىغان بىر ئەل يەپ كېتىدۇ؛ سەن بارلىق كۈنلىرىڭدە ئېزىلىپ زۇلۇم تارتىسەن؛ | 33 |
Didiƒe dukɔ aɖe si ƒe ŋkɔ mèse kpɔ gɔ̃ hã o la aɖu wò agblemenuku siwo nèƒã kple kutrikuku geɖe. Woate wò ɖe anyi, eye woafiti wò ɣe sia ɣi.
كۆزلىرىڭ كۆرگەن ئىشلاردىن سەن ساراڭ بولۇپ كېتىسەن. | 34 |
Dzɔgbevɔ̃e siwo nàkpɔ woaƒo xlã wò la ana nàku tsu.
پەرۋەردىگار سېنى تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە، تىزىڭ بىلەن پاچاق-پۇتلىرىڭغىچە ساقايماس دەھشەتلىك يارا-چاقىلار بىلەن ئۇرىدۇ. | 35 |
Yehowa ana ƒoƒoe naƒo wò tso tagbɔ va se ɖe afɔgɔme.
پەرۋەردىگار سېنى ئۆز ئۈستۈڭگە تىكلىگەن پادىشاھىڭغا قوشۇپ ئۆزۈڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ تونۇمىغان بىر ئەلگە تۇتۇپ بېرىدۇ. سەن شۇ يەردە تۇرۇپ ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىسەن. | 36 |
“Yehowa, wò Mawu la aɖe aboyo wò kple fia si nàɖo la ayi dukɔ aɖe si ŋu wò ŋutɔ kple tɔgbuiwòwo siaa miebu kpɔ o la me, àsubɔ mawu siwo wowɔ kple ati kple kpe.
سەن پەرۋەردىگار سېنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ۋەھىمە، سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىسەن. | 37 |
Àzu ŋɔdzinu, lodonu kple alɔmeɖenu le dukɔwo katã dome, elabena Yehowa aɖe wò aƒu gbe.
سەن ئېتىزلىققا بېرىپ كۆپ ئۇرۇق چاچىسەن، لېكىن چېكەتكىلەر ئۇلارنى يەپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن ئاز يىغىپ كېلىسەن. | 38 |
“Àƒã nukuwo fũu, gake nuku ʋɛ aɖewo ko nàŋe, elabena ʋetsuviwo agblẽ wò nukuawo.
تاللارنى تىكىپ پەرۋىش قىلساڭمۇ، ئۇلارنى قۇرتلار يەپ كېتىپ، نە مېۋىسىنى يىغالمايسەن، نە شاراب ئىچەلمەيسەن. | 39 |
Àde waingblewo, eye nàwɔ dɔ le wo me kple vevidodo nu, ke màɖu woƒe tsetseawo o, eye màno wain si woafia tso wo me hã o, elabena ŋɔ aɖu wo.
زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدە زەيتۇن باغلىرىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېيى بىلەن بەدىنىڭنى مەسىھلەپ مايلىيالمايسەن؛ چۈنكى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر پىشمايلا چۈشۈپ كېتىدۇ. | 40 |
Amitiwo amie ɖe afi sia afi, gake màkpɔ ami wòasɔ gbɔ be nàsi na ɖokuiwò gɔ̃ hã o.
ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنت كۆرسەڭمۇ، لېكىن ئۇلار يېنىڭدا تۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ. | 41 |
Woalé viwò ŋutsuwo kple viwò nyɔnuwo abe kluviwo ene adzoe le gbɔwò.
سېنىڭ ھەربىر دەرىخىڭ بىلەن يېرىڭنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەر ئۆزىنىڭ قىلىدۇ. | 42 |
Ʋetsuviwo agblẽ wò atiwo kple wò waingblewo.
ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سەندىن بارغانسېرى ئۈستۈن بولۇپ، سەن بارغانسېرى تۆۋەن بولۇپ قالىسەن. | 43 |
Amedzro siwo le dowòme la anɔ hotsui kpɔm ɖe edzi,
ئۇ ساڭا قەرز بەرگۈچى بولىدۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا قەرز بېرەلمەيسەن. ئۇ باش بولىدۇ، سەن قۇيرۇق بولىسەن. | 44 |
le esime wò ŋutɔ nànɔ ahe dam ɖe edzi. Woado nugbana na wò, ke wò ya màdo naneke na wo o! Woawoe anye ta, eye wò ŋutɔ nàzu asike!
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇ ساڭا تاپىلىغان ئەمر ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى سەن ھالاك قىلىنغۇچە سېنى قوغلاپ يېتىپ، ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. | 45 |
“Fiƒode siawo katã aɖi ŋuwò, eye woanɔ yowòme va se ɖe esime nàtsrɔ̃ keŋkeŋ le esi nègbe be yemaɖo to Yehowa, wò Mawu o la ta.
بۇ لەنەتلەر ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك چۈشىدىغان مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ. | 46 |
Ŋɔdzinu siawo ava wò kple wò dzidzimeviwo dzi, eye woanye nusɔsrɔ̃ na wò.
سەن كەڭرىچىلىكتە شادلىق ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولمىغاچقا، | 47 |
Esi mèsubɔ Yehowa wò Mawu kple dzidzɔ le nu nyui siwo katã wòwɔ na wò o la ta,
بۇنىڭ ئورنىغا سەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدە بولۇپ پەرۋەردىگار ساڭا قارشى ئەۋەتىدىغان دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ قالىسەن؛ ئۇ سېنى ھالاك قىلغۇچە بوينۇڭغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالىدۇ. | 48 |
Yehowa ana nàzu kluvi na wò futɔwo le dɔwuame, tsikɔwuame kple amamanɔnɔ me. Nu sia nu ahiã wò. Yehowa ade gakɔkuti kɔ na wò va se ɖe esime wòatsrɔ̃ wò ɖa gbidii.
پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەنى يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن سەن تىلىنى بىلمەيدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىدىغان بىر ئەلنى ساڭا قارشى ئەۋەتىدۇ. | 49 |
“Yehowa akplɔ dukɔ aɖe si ƒe gbe mèse o la tso didiƒe ke, wòava dze dziwò abe ale si hɔ̃ dzea eƒe nuɖuɖu dzi ene.
ئۇ ئەلپازى ئەشەددىي، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە ياشلارغا مېھىر كۆرسەتمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ. | 50 |
Dukɔ sia me tɔwo nye ame nyanyrawo, ame siwo makpɔ nublanui na ɖeviwo alo ame tsitsiwo o.
ئۇ سەن ھالاك بولغۇچە، چارۋىلىرىڭنىڭ نەسلى بىلەن يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سېنى يوقىتىپ بولمىغۇچە ساڭا نە ئاشلىق، نە يېڭى شاراب، نە زەيتۇن مېيى، نە كالاڭنىڭ موزايلىرى نە قوي پادىلىرىڭنىڭ قوزىلىرىدىن بىر نېمىنى قويمايدۇ. | 51 |
Woaɖu nu le wò aƒe me va se ɖe esime wò nyiwo, agblemenukuwo, bli, wain yeye, ami, nyiviwo kple alẽviwo navɔ keŋkeŋ.
سەن تايانغان پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى ھەممە ئېگىز، مەھكەم سېپىللىرىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكۈچە، ئۇ پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى بارلىق دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدىكى ھەممە دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ. | 52 |
Dukɔ ma aɖe to ɖe wò duwo, eye wòamu wò gli kɔkɔ siwo ŋu nèɖoa ŋu ɖo be woaxɔ na ye la aƒu anyi.
شۇ ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قىستاپ كېلىشلىرى بىلەن بولغان قامال-قىستاڭنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئىچىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان، ئۆز تېنىڭنىڭ مېۋىسى بولغان ئوغۇللىرىڭنىڭ گۆشىنى ۋە قىزلىرىڭنىڭ گۆشىنى يەيسەن. | 53 |
Àɖu wò ŋutɔ viwò ŋutsuviwo kple viwò nyɔnuviwo ƒe lã gɔ̃ hã le ɣeyiɣi vɔ̃ siwo gbɔna, esime woaɖe to ɖe wò la me.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نازۇك، ئىنتايىن سىلىق-سىپايە بىر ئادەم قېرىندىشى، قۇچىقىدىكى ئايالى، شۇنداقلا تېخى تىرىك بالىلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ | 54 |
Nublanuikpɔnamela gãtɔ siwo le dowòme la asẽ ŋuta le eya ŋutɔ nɔvia ŋutsu, srɔ̃a lɔlɔ̃a kple via siwo aganɔ agbe la ŋu.
شۇڭا، دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسىدە سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنېمە قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يەۋاتقان بالىلىرىنىڭ گۆشىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئازراقمۇ بەرمەيدۇ. | 55 |
Mana viawo ƒe lã si ɖum wòanɔ hã wo o, le dɔtoto si va dua me esi futɔwo ɖe to ɖee ta.
ئاراڭلاردىكى ئەسلىدە نازۇك ۋە سىلىق-سىپايە بولغان، سىلىق-سىپايىلىكى ۋە نازۇكلۇقىدىن پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەشنىمۇ خالىمايدىغان ئايال قۇچىقىدىكى ئېرى، ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ چۈنكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسى بىلەن سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنەرسە قالمىغاچقا، ئۇ ئۆز پۇتى ئارىلىقىدىن چىققان بالا ھەمراھى بىلەن ئۆزى تۇغقان بالىلىرىنى يوشۇرۇنچە يەيدۇ. | 56 |
Wò nyɔnu bɔbɔe si malɔ̃ be yeatu afɔ anyigba na gɔ̃ hã o la, agbe mana nu srɔ̃a lɔlɔ̃a, via ŋutsuwo kple via nyɔnuwo gɔ̃ hã o.
Aɣla amenɔ si le eƒe atawo dome kple vidzĩ si wòdzi la ɖe wò ale be eya ɖeka nate ŋu aɖu wo le adzame. Le ɣeyiɣi si me woaɖe to ɖe dua la, dɔwuame kple fukpekpe si wò futɔwo ahe vɛ la nu asẽ ŋutɔŋutɔ.
سەن بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىدىن قورقمىساڭ، | 58 |
“Ne ègbe mèwɔ se siwo katã woŋlɔ ɖe agbalẽ sia me dzi o, eye nèto esia me gbe, mèvɔ̃ Yehowa, wò Mawu la ƒe ŋkɔ si ŋu bubu kple ŋɔdzi le o la,
پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدىغان ۋابالار ھەم نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابالارنى ئاجايىب قىلىدۇ؛ ئۇ دەھشەتلىك، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ۋابالارنى ۋە ئېغىر، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە ۋە نەسلىڭگە چۈشۈرىدۇ؛ | 59 |
ekema Yehowa ahe dɔvɔ̃ si nu matso o la va wò kple viwòwo dzi.
پەرۋەردىگار سەن قورقىدىغان، مىسىردىكى بارلىق كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرۈپ، ساڭا چاپلاشتۇرىدۇ. | 60 |
Yehowa ahe Egiptetɔwo ƒe dɔléle siwo nèvɔ̃na ŋutɔ la ava dziwò, eye woaxɔ anyigba la dzi.
شۇنىڭدەك بۇ قانۇنىي كىتابتا پۈتۈلمىگەن ھەممە كېسەل ۋە ھەممە ۋابانىمۇ پەرۋەردىگار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدۇ. | 61 |
Menye nu siawo ɖeɖe ko ava dziwò o! Yehowa ahe dɔléle ɖe sia ɖe si le xexea me la, esiwo dzi wometɔ asii le Segbalẽ sia me o hã ava dziwò va se ɖe esime nàtsrɔ̃ gbidigbidi.
شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن بولساڭلارمۇ، ئەمدىلىكتە ئاز بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدىڭلار. | 62 |
Togbɔ be miesɔ gbɔ abe ɣletiviwo ene kpɔ hã la, mia dometɔ ʋɛ aɖewo koe asusɔ. Esiawo katã ava eme ne mèɖo to Yehowa, wò Mawu la ƒe gbe o.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر. | 63 |
Abe ale si Yehowa kpɔ dzidzɔ le ŋuwò, wɔ nu wɔnuku mawo na wò, eye wòna nèdzi sɔ gbɔ ene la, nenema kee, le ɣeyiɣi si gbɔna me la, Yehowa akpɔ dzidzɔ le ale si wòatsrɔ̃ wò ŋu, eye nàbu le anyigba la dzi,
پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ | 64 |
elabena Yehowa aka wò ahlẽ ɖe dukɔwo katã dome tso anyigba la ƒe seƒe ɖeka yi eƒe seƒe bubu. Le afi ma la, àsubɔ mawu siwo wowɔ kple ati kple kpe, mawu siwo wò ŋutɔ kple tɔgbuiwòwo mienya o!
سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا نە ئارام تاپالمايسىلەر، نە تاپىنىڭلار تىرەپ تۇرغۇدەك ھېچ مەزمۇت جاي بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەلكى شۇ يەردە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ جېنىڭلارنى سولاشتۇرىدۇ. | 65 |
Le dukɔ mawo dome la, màkpɔ dzidzeme o, elabena Yehowa ana vɔvɔ̃dzi kple viviti wò, eye wòana nuxaxa kple vɔvɔ̃ nana wò ŋutilã nanyunyɔ.
سىلەر قاراپ تۇرۇپ جېنىڭلار قىلدا ئېسىقلىقتەك تۇرىدۇ؛ سىلەر كېچە-كۈندۈز دەككە-دۈككىدە بولۇپ جېنىمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ــ دەپ قورقىسىلەر؛ | 66 |
Àtsi dzodzodzoe le wò agbe ŋu, ànɔ agbe le vɔvɔ̃ me zã kple keli, eye naneke mana nàxɔe ase be ŋu ake ɖe ye o.
كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن. | 67 |
Le ŋdi la, àgblɔ be, ‘O! Zã mee wòanye hafi!’ Le fiẽ me la, àgblɔ be, ‘O! Ŋkeke me wòanye hafi!’ Àgblɔ nya siawo le ŋɔdzinu siwo aƒo xlã wò la ta.
پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىپ: «سىلەر بۇ يولنى ئىككىنچى يەنە كۆرمەيسىلەر» دېگەن شۇ يول بىلەن سىلەرنى كېمىگە چۈشۈرۈپ مىسىرغا ياندۇرىدۇ. سىلەر شۇ يەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا ئۆزۈڭلارنى ساتىسىلەر، لېكىن سىلەرنى ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ. | 68 |
Ekema Yehowa agbugbɔ mi aɖo ɖe Egipte le tɔdziʋuwo me togbɔ be edo ŋugbe na mi be miagade afi ma o hã hafi! Le afi ma la, miatsɔ mia ɖokuiwo ana woaƒle abe kluviwo ene, gake ame aɖeke madi be yeaƒle mi gɔ̃ hã o.”