< قانۇن شەرھى 27 >
مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرنى تۇتۇڭلار. | 1 |
Und es geboten Mose und die Ältesten Israels dem Volke und sprachen: Haltet all das Gebot, das ich euch heute gebiete.
ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈندە، سىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى تىكلەپ ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار؛ | 2 |
Und es geschehe, daß am Tage, da ihr über den Jordan in das Land übersetzet, das Jehovah, dein Gott, dir geben wird, so sollst du dir große Steine aufrichten und sie mit Kalk übertünchen.
ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. | 3 |
Und du sollst darauf alle Worte dieses Gesetzes schreiben, wenn du hinüberziehst, auf daß du in das Land eingehst, das Jehovah, dein Gott, dir gibt, ein Land, das von Milch und Honig fließt, wie Jehovah, der Gott deiner Väter, zu dir geredet hat.
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ بۈگۈنكى ئەمرىم بويىچە شۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. | 4 |
Und es geschehe, daß, wenn ihr über den Jordan übersetzet, sollet ihr diese Steine aufrichten, wie ich euch heute gebiete, auf dem Berge Ebal und sie mit Kalk übertünchen;
سىلەر شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانگاھ ياساڭلار؛ | 5 |
Und sollst allda einen Altar bauen Jehovah, deinem Gott, einen Altar von Steinen, du sollst kein Eisen schwingen über sie.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بۇ قۇربانگاھى يونۇلمىغان، پۈتۈن تاشلاردىن ياسالسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار، | 6 |
Von ganzen Steinen sollst du den Altar Jehovahs, deines Gottes, bauen, und sollst Jehovah, deinem Gotte, Brandopfer darauf opfern.
ۋە شۇ يەردە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار، ئۇلاردىن يەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. | 7 |
Und sollst Dankopfer opfern und allda essen und fröhlich sein vor Jehovah, deinem Gott.
سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار». | 8 |
Und schreibe auf diese Steine alle Worte dieses Gesetzes und präge sie wohl ein.
ئاندىن مۇسا بىلەن لاۋىي كاھىنلار پۈتكۈل ئىسرائىلغا سۆز قىلىپ: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. | 9 |
Und Mose redete und die Priester, die Leviten, zu ganz Israel und sprachen: Merke und höre, Israel! An diesem Tage bist du Jehovah, deinem Gott, zum Volk geworden.
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار» ــ دېيىشتى. | 10 |
Und du sollst hören auf die Stimme Jehovahs, deines Gottes, und tun Seine Gebote und Seine Satzungen, die ich dir heute gebiete.
شۇ كۈنى مۇسا خەلققە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 11 |
Und Mose gebot dem Volk an selbigem Tage und sprach:
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن. | 12 |
Diese sollen auf dem Berge Gerissim stehen, um das Volk zu segnen, wenn ihr über den Jordan übersetzet: Schimeon und Levi und Judah und Issaschar und Joseph und Benjamin.
بۇلار، يەنى رۇبەن، گاد، ئاشىر، زەبۇلۇن، دان بىلەن نافتالى ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە لەنەت ئوقۇشقا تۇرسۇن. | 13 |
Und diese sollen stehen zum Fluche auf dem Berg Ebal: Ruben, Gad und Ascher und Sebulon, Dan und Naphthali.
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىيلار ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ | 14 |
Und die Leviten sollen anheben und mit erhöhter Stimme zu jedem Mann in Israel sprechen:
«كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 15 |
Verflucht sei der Mann, der ein Schnitzbild oder Gußbild macht, einen Greuel Jehovahs, ein Werk von den Händen des Werkmanns gemacht, und es insgeheim aufstellt. Und das ganze Volk antworte und spreche: Amen.
«كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 16 |
Verflucht sei, wer seinen Vater und seine Mutter gering achtet! Und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىسە لەنەتكە قالسۇن»، دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن. | 17 |
Verflucht sei, wer seines Genossen Grenze verrückt, und alles Volk spreche: Amen.
«كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 18 |
Verflucht sei, wer einen Blinden auf dem Wege fehlgehen läßt! Und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 19 |
Verflucht sei, wer dem Fremdling, der Waise und der Witwe das Recht abwendet, und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن ياتسا، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. | 20 |
Verflucht sei, wer bei dem Weibe seines Vaters liegt; denn er hat seines Vaters Decke aufgedeckt, und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. | 21 |
Verflucht sei, der bei irgendeinem Vieh liegt, und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ھەمشىرىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» ــ دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. | 22 |
Verflucht, wer bei seiner Schwester, der Tochter seines Vaters oder der Tochter seiner Mutter liegt; und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى قېينئانىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. | 23 |
Verflucht sei, wer bei seiner Schwiegermutter liegt; und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 24 |
Verflucht sei, wer seinen Genossen heimlich erschlägt! Und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 25 |
Verflucht sei, wer Geschenk nimmt, um eine Seele, unschuldiges Blut, zu erschlagen! Und das ganze Volk spreche: Amen.
«كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. | 26 |
Verflucht sei, wer die Worte dieses Gesetzes nicht bestätigt, daß er sie tue! Und das ganze Volk spreche: Amen.