< قانۇن شەرھى 26 >
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا، | 1 |
Sen Perwerdigar Xudaying sanga miras qilip béridighan zémin’gha kirip uni özüngning qilip igilep olturaqlashqanda,
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛ | 2 |
Perwerdigar Xudaying sanga béridighan zéminning hosulini alghanda, sen yerning deslepki pishqan méwisini élip, séwetke sélip Perwerdigar Xudaying Öz namini qoyushqa tallaydighan jaygha élip bérishing kérek;
ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان زېمىنغا كىردىم، بۈگۈن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغىنىغا گۇۋاھمەن»، دەپ ئېيتىسەن. | 3 |
andin shu waqittiki kahinning qéshigha keltürüp, uninggha: «Perwerdigar Özi bizge bérishke ata-bowilirimizgha qesem qilghan zémin’gha kirdim, bügün men Perwerdigar Xudayingning aldida shundaq bolghinigha guwahmen», dep éytisen.
كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ؛ | 4 |
Kahin séwetni qolungdin élip uni Perwerdigar Xudayingning qurban’gahining aldida qoyidu;
ئاندىن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيسەن: ــ «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب بىر ئارامىي ئىدى؛ مىسىرغا چۈشۈپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ يەردە سانى ئاز مۇساپىر بولسىمۇ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئۇلۇغ، كۈچلۈك، چوڭ بىر خەلق بولدى. | 5 |
andin sen Perwerdigar Xudayingning aldida söz qilip mundaq deysen: — «Méning atam esli ghérib bir aramiy idi; Misirgha chüshüp olturaqlashti; ular shu yerde sani az musapir bolsimu, barghanséri köpiyip ulugh, küchlük, chong bir xelq boldi.
لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، زۇلۇم سېلىپ بىزنى ئېغىر ئەمگەككە سالدى. | 6 |
Lékin Misirliqlar bizge qattiq qolluq qilip, zulum sélip bizni éghir emgekke saldi.
ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىۋىدۇق، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ بىز تارتىۋاتقان خارلىق، جاپا ۋە زۇلۇمغا نەزىرىنى سالدى. | 7 |
Emma biz ata-bowilirimizning Xudasi Perwerdigargha peryad qiliwiduq, Perwerdigar awazimizni anglap biz tartiwatqan xarliq, japa we zulumgha nezirini saldi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قول ۋە ئۇزارتقان بىلەك، دەھشەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ | 8 |
Shuning bilen Perwerdigar küchlük qol we uzartqan bilek, dehshetler we möjizilik alametler we karametler bilen bizni Misirdin chiqirip
بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى! | 9 |
bizni bu yerge élip kélip bu zémin’gha, yeni süt bilen hesel éqip turidighan bir zémin’gha ige qildi!
ئەمدى مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن بۇ زېمىننىڭ مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلدىم»، دەيسەن. شۇلارنى دەپ، سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىسەن؛ | 10 |
Emdi mana, ey Perwerdigar, sen Manga bergen bu zéminning méwisining deslepki pishqinini séning qéshinggha ekeldim», deysen. Shularni dep, séwetni Perwerdigar Xudayingning huzurida qoyup, Perwerdigar Xudayingning aldida sejde qilisen;
شۇنداق قىلىپ سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇڭلار؛ ئۆزۈڭ، لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردا تۇرىدىغان مۇساپىرلار قوشۇلۇپ شادلىنىڭلار. | 11 |
shundaq qilip sen we öyüngdikiler Perwerdigar Xudayingning silerge ata qilghan hemme németliridin xush bolunglar; özüng, Lawiylar we aranglarda turidighan musapirlar qoshulup shadlininglar.
سەن ھەر ئۈچىنچى يىلىدا، يەنى ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە يىلىدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەن لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە شۇلاردىن يەپ تويۇنسۇن دەپ بېرىسەن؛ | 12 |
Sen her üchinchi yilida, yeni ondin biri bolghan öshre yilida hemme hosulungning ondin birini öshre ayrip bolghandin kéyin, sen Lawiy bilen musapirgha, yétim-yésir, tul xotunlargha derwaziliringning ichide shulardin yep toyunsun dep bérisen;
ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ شۇنداق دەيسەن: «مەن ئۆيۈمدىن [خۇداغا] مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا تاپىلىغان ئەمر بويىچە بۇلارنى لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا بەردىم؛ مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى نە بۇزمىدىم، نە٪ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم؛ | 13 |
we sen Perwerdigar Xudayingning aldida söz qilip shundaq deysen: «Men öyümdin [Xudagha] muqeddes qilin’ghan nersilerni ayrip élip chiqip, sen Manga tapilighan emr boyiche bularni Lawiy bilen musapirgha, yétim-yésir, tul xotunlargha berdim; men Séning emrliringning héchbirini ne buzmidim, ne héchqachan unutmidim;
ماتەم تۇتقانلىرىمدا شۇلاردىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ بۇنىڭدىن بىرنېمىنى ئالمىدىم؛ ئۆلگەن كىشىگە ئاتاپ بۇنىڭدىن ھېچنېمە بەرمىدىم، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر ئىشتا سەن ماڭا ئەمر قىلغىنىڭ بويىچە قىلدىم. | 14 |
matem tutqanlirimda shulardin héchnémini yémidim, napak halette turup buningdin birnémini almidim; ölgen kishige atap buningdin héchnéme bermidim, belki Perwerdigar Xudayimning awazini anglap her ishta Sen manga emr qilghining boyiche qildim.
ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن». | 15 |
Emdi Sen muqeddes makaning bolghan asmanlardin nezer sélip Öz xelqing Israilni, shundaqla ata-bowilirimizgha qesem bilen qilghan wedeng boyiche, hesel bilen süt aqidighan, bizge bergen bu zéminni beriketligeysen».
بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل. | 16 |
Bügün Perwerdigar Xudaying bu belgilimilerge hem hökümlerge emel qilishqa emr qildi; pütün qelbing, pütün jéning bilen ularni tutup ulargha emel qil.
سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ خۇدايىڭ بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا قوبۇل قىلدىڭ؛ | 17 |
Sen bügün Perwerdigarni özüngning Xudaying bolushqa, shundaqla Uning yollirida méngishqa, Uning belgilimilirige, Uning emrlirige, Uning hökümlirige emel qilip Uning awazigha qulaq sélishqa qobul qilding;
ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى. | 18 |
we Perwerdigar bolsa bügün silerni Özining xas xelqi bolushqa, Uning barliq emrlirini tutushqa (U silerge wede qilghandek) silerni qobul qildi.
شۇنداق بولسا، ئۇ سىلەرگە ئىززەت، نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ بېرىپ، ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەللەردىن سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر. | 19 |
Shundaq bolsa, U silerge izzet, nam-shöhret we shan-sherep bérip, Özi yaratqan barliq ellerdin silerni üstün qilidu. Buning bilen siler Uning éytqinidek, Perwerdigar Xudayinglar üchün muqeddes bir xelq bolisiler.