< قانۇن شەرھى 25 >
ئەگەر ئىككى كىشى بىرنەرسىنى تالىشىپ قېلىپ، ھۆكۈم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت ئالدىغا كەلسە، ئۇنداقتا سوراقچىلار دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ ھەقدارنى ھەق، گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھكار دەپ جاكارلىسۇن. | 1 |
人と人との間に争い事があって、さばきを求めてきたならば、さばきびとはこれをさばいて、正しい者を正しいとし、悪い者を悪いとしなければならない。
ئەگەر گۇناھكار ئادەم دەررىگە لايىق بولسا، سوراقچى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساناپ دەررىلىسۇن. | 2 |
その悪い者が、むち打つべき者であるならば、さばきびとは彼を伏させ、自分の前で、その罪にしたがい、数えて彼をむち打たせなければならない。
لېكىن پەقەت قىرىق دەررىلا ئۇرۇلسۇن؛ شۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن، كۆپ ئۇرۇلسا شۇ قېرىندىشىڭ كۆز ئالدىڭدا كەمسىتىلگەن بولىدۇ. | 3 |
彼をむち打つには四十を越えてはならない。もしそれを越えて、それよりも多くむちを打つときは、あなたの兄弟はあなたの目の前で、はずかしめられることになるであろう。
سەن خامان تېپىۋاتقان كالىنىڭ ئاغزىنى بوغمىغىن. | 4 |
脱穀をする牛にくつこを掛けてはならない。
ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛ | 5 |
兄弟が一緒に住んでいて、そのうちのひとりが死んで子のない時は、その死んだ者の妻は出て、他人にとついではならない。その夫の兄弟が彼女の所にはいり、めとって妻とし、夫の兄弟としての道を彼女につくさなければならない。
ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئىسمى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ تۇنجى بالىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلسۇن. | 6 |
そしてその女が初めに産む男の子に、死んだ兄弟の名を継がせ、その名をイスラエルのうちに絶やさないようにしなければならない。
لېكىن ئەگەر بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى [شەھەر] دەرۋازىسىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئېرىمنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلدا قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى؛ ئۇ مەن ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇنىمىدى»، دەپ ئېيتسۇن. | 7 |
しかしその人が兄弟の妻をめとるのを好まないならば、その兄弟の妻は町の門へ行って、長老たちに言わなければならない、『わたしの夫の兄弟はその兄弟の名をイスラエルのうちに残すのを拒んで、夫の兄弟としての道をつくすことを好みません』。
ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، | 8 |
そのとき町の長老たちは彼を呼び寄せて、さとさなければならない。もし彼が固執して、『わたしは彼女をめとることを好みません』と言うならば、
يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن. | 9 |
その兄弟の妻は長老たちの目の前で、彼のそばに行き、その足のくつを脱がせ、その顔につばきして、答えて言わなければならない。『兄弟の家をたてない者には、このようにすべきです』。
شۇ كىشىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: «كەشى سېلىنغۇچىنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالسۇن. | 10 |
そして彼の家の名は、くつを脱がされた者の家と、イスラエルのうちで呼ばれるであろう。
ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەملىشىپ ئېرىنى ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا، | 11 |
ふたりの人が互に争うときに、そのひとりの人の妻が、打つ者の手から夫を救おうとして近づき、手を伸べて、その人の隠し所をつかまえるならば、
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي قولىنى كېسىۋەت. | 12 |
その女の手を切り落さなければならない。あわれみをかけてはならない。
سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن. | 13 |
あなたの袋に大小二種の重り石を入れておいてはならない。
ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئەفاھ ساقلىما. | 14 |
あなたの家に大小二種のますをおいてはならない。
تارازا تېشىڭ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن؛ ئەفاھىڭمۇ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ. | 15 |
不足のない正しい重り石を持ち、また不足のない正しいますを持たなければならない。そうすればあなたの神、主が賜わる地で、あなたは長く命を保つことができるであろう。
چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ. | 16 |
すべてこのような不正をする者を、あなたの神、主が憎まれるからである。
مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ | 17 |
あなたがエジプトから出てきた時、道でアマレクびとがあなたにしたことを記憶しなければならない。
ئۇلار خۇدادىن قورقماي، يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ-چارچاپ ھالىڭلار قالمىغان چاغدا، كەينىڭلاردا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئۇ خۇدادىن ھېچ قورقمىدى. | 18 |
すなわち彼らは道であなたに出会い、あなたがうみ疲れている時、うしろについてきていたすべての弱っている者を攻め撃った。このように彼らは神を恐れなかった。
شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مىراسىڭ بولسۇن دەپ ساڭا ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئەتراپىڭدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئامالەكلەرنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدە ئەسلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆچۈرۈۋەت؛ بۇ ئىشنى ئۇنۇتما. | 19 |
それで、あなたの神、主が嗣業として賜わる地で、あなたの神、主があなたの周囲のすべての敵を征服して、あなたに安息を与えられる時、あなたはアマレクの名を天の下から消し去らなければならない。この事を忘れてはならない。