< قانۇن شەرھى 22 >
سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر. | 1 |
Sǝn ⱪerindixingning kalisi ya ⱪoyi ezip kǝtkinini kɵrsǝng, qatiⱪing bolmay yürmǝ; ⱪandaⱪla bolmisun, uni ⱪerindixingning ⱪexiƣa yǝtküzüp bǝr.
ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. | 2 |
Əgǝrdǝ ⱪerindixing sanga yeⱪin olturmisa wǝ yaki igisini tonumisang, xu ⱨaywanni ɵz ɵyünggǝ elip kelip, ⱪerindixing uni izdǝp kǝlgüqǝ ɵzüng saⱪlap andin uningƣa tapxurup bǝrgin.
سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن. | 3 |
Sǝn ohxaxla uning yitkǝn exiki yaki kiyimlirinimu xundaⱪ ⱪil; xundaⱪla ⱪerindixingning ⱨǝrⱪandaⱪ yitkǝn nǝrsisini tepiwalsang, unimu xundaⱪ ⱪilƣin; sǝn ɵzüngni bu ixtin ⱪaqurmiƣin.
ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن. | 4 |
Əgǝr ⱪerindixingning exiki yaki kalisining yolda yiⱪilip qüxkinini kɵrsǝng, sǝn bu ǝⱨwaldin ɵzüngni ⱪaqurmiƣin; ⱪerindixingƣa yardǝmlixip uliƣini tartip turƣuzƣin.
ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ. | 5 |
Ayal kixi bolsa ǝrlǝrning kiyimini kiymisun; xuningƣa ohxaxla ǝr kixi ayal kixining kiyimini kiymisun; qünki kimki xundaⱪ ⱪilsa, Pǝrwǝrdigar Hudayingning aldida yirginqlik bolidu.
ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛ | 6 |
Əgǝr sǝn yolda ketiwetip, bir dǝrǝhtǝ yaki yǝrdǝ baliliri yaki tuhumliri bolƣan ⱪuxning uwisiƣa uqrisang, anisi tuhum yaki balilirini besip yatⱪan bolsa, ana-balilirini biraⱪla almiƣin;
ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. | 7 |
ⱨeq bolmiƣanda sǝn anisini ⱪoyuwetip, balilirinila alsang bolidu; xundaⱪ ⱪilsang sanga yahxi bolup uzun ɵmür kɵrisǝn.
يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن. | 8 |
Yengi bir ɵy salsang, ɵgzǝnggǝ bir tosma tam yasiƣin; bolmisa birsi uningdin yiⱪilip qüxsǝ, ɵzünggǝ ⱪan tɵkülüx gunaⱨini kǝltürüxüng mumkin.
ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ. | 9 |
Ɵz üzümzarliⱪingƣa ikki hil uruⱪ qaqmiƣin; bolmisa teriƣiningning ⱨǝmmisi wǝ üzümzarliⱪning mǝⱨsulatliri bulƣanƣan ⱨesablinidu.
سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن. | 10 |
Sǝn kala bilǝn exǝkni birgǝ ⱪoxup yǝr ⱨǝydimigin.
يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن. | 11 |
Yung wǝ kanaptin ibarǝt ikki hil yiptin toⱪolƣan kiyimni kiymigin.
سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن. | 12 |
Sǝn yepinƣan tonungning tɵt burjikigǝ pɵpük ⱪoyƣin.
ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، | 13 |
Əgǝr biri hotun elip uningƣa yeⱪinqiliⱪ ⱪilƣandin keyin uningƣa ɵq bolup,
ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، | 14 |
Uning yaman gepini ⱪilip, uningƣa bǝtnam qaplap, ǝrz ⱪilip: «Mǝn bu hotunni aldim, lekin uningƣa yeⱪinqiliⱪ ⱪilsam uning ⱪiz ǝmǝslikini bildim» desǝ,
ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، | 15 |
undaⱪta ⱪizning ata-anisi ⱪizning pakliⱪ ispatini elip xǝⱨǝr dǝrwazisida olturƣan xǝⱨǝrning aⱪsaⱪalliriƣa kǝltürsun,
ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ | 16 |
andin ⱪizning atisi aⱪsaⱪallarƣa sɵz ⱪilip: «Mǝn ⱪizimni bu kixigǝ hotunluⱪⱪa bǝrdim, lekin u uningƣa ɵq bolup ⱪaldi;
ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. | 17 |
wǝ mana, u uning yaman gepini ⱪilip, bǝtnam qaplap ǝrz ⱪilip: «Ⱪizingning ⱪiz ǝmǝslikini bildim» dǝydu. Biraⱪ mana ⱪizimning pakliⱪ ispati!» dǝp, ispat rǝhtni aⱪsaⱪallarning aldida yeyip ⱪoysun.
ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، | 18 |
U waⱪitta xǝⱨǝrning aⱪsaⱪalliri erini tutup uningƣa tayaⱪ-tǝrbiyǝ berip,
ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. | 19 |
Israildiki bir pak ⱪizning yaman gepini ⱪilip, uningƣa bǝtnam qapliding dǝp, yüz xǝkǝl kümüx tɵlǝtsun; andin ular pulni ⱪizning atisiƣa bǝrsun dǝp bekitsun. Əmma ⱪiz bolsa xu kixining hotuni bolup turiwerixi kerǝk; ǝr pütün ɵmridǝ uni ⱪoyup bǝrsǝ bolmaydu.
لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، | 20 |
Lekin bu sɵz rast qiⱪip, ⱪizning pakliⱪ ispati bolmisa,
قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. | 21 |
ⱪizni atisining ɵyining dǝrwazisi aldiƣa aparsun wǝ atisining ɵyidǝ buzuⱪluⱪ ⱪilip Israilning iqidǝ xǝrmǝndilik ⱪilƣanliⱪi üqün uning xǝⱨirining adǝmliri xu yǝrdǝ uni qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürsun. Xundaⱪ ⱪilƣininglarda silǝr ɵzünglardin rǝzillikni qiⱪiriwetisilǝr.
ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. | 22 |
Əgǝr birsi eri bar hotun bilǝn zina ⱪilip tutulup ⱪalsa, zina ⱪilixⱪan ǝr-hotun ikkilisi ɵltürülsun. Xundaⱪ ⱪilƣanda Israilning iqidin rǝzillikni qiⱪiriwetisilǝr.
ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، | 23 |
Əgǝr birsi xǝⱨǝrdǝ biraw bilǝn wǝdilixip ⱪoyƣan bir ⱪizni uqritip, uning bilǝn billǝ bolsa,
ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. | 24 |
ikkilisini xǝⱨǝrning dǝrwazisiƣa elip qiⱪip qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürünglar; ⱪiz bolsa xǝⱨǝrdǝ turup warⱪirimiƣini üqün, ǝr bolsa baxⱪisining wǝdilǝxkǝn ⱪizi bilǝn yatⱪini üqün ɵltürülsun. Xundaⱪ ⱪilip, silǝr ɵzünglardin rǝzillikni qiⱪiriwetisilǝr.
ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. | 25 |
Əgǝr ǝr kixi baxⱪisi bilǝn wǝdilǝxkǝn ⱪizni dalada uqritip, uni tutuwelip uning bilǝn yatsa, pǝⱪǝt ⱪiz bilǝn yatⱪan ǝr kixi ɵltürülsun.
قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. | 26 |
Ⱪizƣa bolsa, ⱨeqnemǝ ⱪilmanglar, qünki ⱪizning ɵzidǝ ɵlümgǝ layiⱪ ⱨeq gunaⱨ yoⱪ. Bu ix bolsa birsi ⱪoxnisiƣa ⱨujum ⱪilip uni ɵltürwǝtkǝngǝ ohxax ixtur.
چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان. | 27 |
Qünki u baxⱪisiƣa wǝdilǝxkǝn ⱪizni dalada tutuwalƣanda, ⱪiz towliƣan bolsimu uni ⱪutⱪuzƣudǝk kixi tepilmiƣan.
ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا، | 28 |
Əgǝr birsi birǝr ǝr bilǝn wǝdilǝxmigǝn ⱪizni tutuwelip, uning bilǝn yetip ⱨǝr ikkisi tutulsa,
قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. | 29 |
ⱪiz bilǝn yatⱪan adǝm ⱪizƣa yeⱪinqiliⱪ ⱪilip har ⱪilƣini üqün ⱪizning atisiƣa ǝllik xǝkǝl kümüx berixi kerǝk; andin ⱪizni ɵzigǝ hotun ⱪilip elixi kerǝk; u pütkül ɵmridǝ uni ⱪoyup bǝrsǝ bolmaydu.
ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك. | 30 |
Ⱨeqkim atisining hotunini almasliⱪi kerǝk, atisining yotⱪinini aqmasliⱪi kerǝk.