ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، دالادا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەت تېپىلسا، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەم مەلۇم بولمىسا، | 1 |
כִּי־יִמָּצֵ֣א חָלָ֗ל בָּאֲדָמָה֙ אֲשֶׁר֩ יְהוָ֨ה אֱלֹהֶ֜יךָ נֹתֵ֤ן לְךָ֙ לְרִשְׁתָּ֔הּ נֹפֵ֖ל בַּשָּׂדֶ֑ה לֹ֥א נֹודַ֖ע מִ֥י הִכָּֽהוּ׃ |
ئاقساقاللىرىڭلار بىلەن سوراقچى بەگلىرىڭلار چىقىپ ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن؛ | 2 |
וְיָצְא֥וּ זְקֵנֶ֖יךָ וְשֹׁפְטֶ֑יךָ וּמָדְדוּ֙ אֶל־הֶ֣עָרִ֔ים אֲשֶׁ֖ר סְבִיבֹ֥ת הֶחָלָֽל׃ |
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بولسا ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتوروقمۇ سېلىنمىغان ئىنەك تېپىپ كەلسۇن؛ | 3 |
וְהָיָ֣ה הָעִ֔יר הַקְּרֹבָ֖ה אֶל־הֶחָלָ֑ל וְלָֽקְח֡וּ זִקְנֵי֩ הָעִ֨יר הַהִ֜וא עֶגְלַ֣ת בָּקָ֗ר אֲשֶׁ֤ר לֹֽא־עֻבַּד֙ בָּ֔הּ אֲשֶׁ֥ר לֹא־מָשְׁכָ֖ה בְּעֹֽל׃ |
شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىنەكنى سۈيى توختىماي ئاقىدىغان، ھەيدىلىپ تېرىلمىغان بىر جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ جىلغىنىڭ ئۆزىدە ئىنەكنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن؛ | 4 |
וְהֹורִ֡דוּ זִקְנֵי֩ הָעִ֨יר הַהִ֤וא אֶת־הָֽעֶגְלָה֙ אֶל־נַ֣חַל אֵיתָ֔ן אֲשֶׁ֛ר לֹא־יֵעָבֵ֥ד בֹּ֖ו וְלֹ֣א יִזָּרֵ֑עַ וְעָֽרְפוּ־שָׁ֥ם אֶת־הָעֶגְלָ֖ה בַּנָּֽחַל׃ |
شۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە تاللىغاندۇر. ھەربىر دەۋا ۋە ھەربىر تاياق جازاسى ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە كېسىلسۇن. | 5 |
וְנִגְּשׁ֣וּ הַכֹּהֲנִים֮ בְּנֵ֣י לֵוִי֒ כִּ֣י בָ֗ם בָּחַ֞ר יְהוָ֤ה אֱלֹהֶ֙יךָ֙ לְשָׁ֣רְתֹ֔ו וּלְבָרֵ֖ךְ בְּשֵׁ֣ם יְהוָ֑ה וְעַל־פִּיהֶ֥ם יִהְיֶ֖ה כָּל־רִ֥יב וְכָל־נָֽגַע׃ |
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەردىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى شۇ جىلغىغا كېلىپ، بوينى سۇندۇرۇلغان ئىنەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇپ | 6 |
וְכֹ֗ל זִקְנֵי֙ הָעִ֣יר הַהִ֔וא הַקְּרֹבִ֖ים אֶל־הֶחָלָ֑ל יִרְחֲצוּ֙ אֶת־יְדֵיהֶ֔ם עַל־הָעֶגְלָ֖ה הָעֲרוּפָ֥ה בַנָּֽחַל׃ |
گۇۋاھلىق بېرىپ: «قوللىرىمىز بولسا بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى؛ | 7 |
וְעָנ֖וּ וְאָמְר֑וּ יָדֵ֗ינוּ לֹ֤א שָׁפְכָה (שָֽׁפְכוּ֙) אֶת־הַדָּ֣ם הַזֶּ֔ה וְעֵינֵ֖ינוּ לֹ֥א רָאֽוּ׃ |
ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگەيسەن ۋە ناھەق ئاققان قاننىڭ گۇناھىنى ئىسرائىل خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» ــ دېسۇن؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قان گۇناھىغا كافارەت كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. | 8 |
כַּפֵּר֩ לְעַמְּךָ֙ יִשְׂרָאֵ֤ל אֲשֶׁר־פָּדִ֙יתָ֙ יְהוָ֔ה וְאַל־תִּתֵּן֙ דָּ֣ם נָקִ֔י בְּקֶ֖רֶב עַמְּךָ֣ יִשְׂרָאֵ֑ל וְנִכַּפֵּ֥ר לָהֶ֖ם הַדָּֽם׃ |
سىلەر شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ گۇناھىنى ئۆزۈڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن بولىسىلەر. | 9 |
וְאַתָּ֗ה תְּבַעֵ֛ר הַדָּ֥ם הַנָּקִ֖י מִקִּרְבֶּ֑ךָ כִּֽי־תַעֲשֶׂ֥ה הַיָּשָׁ֖ר בְּעֵינֵ֥י יְהוָֽה׃ ס |
ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار، | 10 |
כִּֽי־תֵצֵ֥א לַמִּלְחָמָ֖ה עַל־אֹיְבֶ֑יךָ וּנְתָנֹ֞ו יְהוָ֧ה אֱלֹהֶ֛יךָ בְּיָדֶ֖ךָ וְשָׁבִ֥יתָ שִׁבְיֹֽו׃ |
بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ، | 11 |
וְרָאִיתָ֙ בַּשִּׁבְיָ֔ה אֵ֖שֶׁת יְפַת־תֹּ֑אַר וְחָשַׁקְתָּ֣ בָ֔הּ וְלָקַחְתָּ֥ לְךָ֖ לְאִשָּֽׁה׃ |
ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ، | 12 |
וַהֲבֵאתָ֖הּ אֶל־תֹּ֣וךְ בֵּיתֶ֑ךָ וְגִלְּחָה֙ אֶת־רֹאשָׁ֔הּ וְעָשְׂתָ֖ה אֶת־צִפָּרְנֶֽיהָ׃ |
ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ. | 13 |
וְהֵסִ֩ירָה֩ אֶת־שִׂמְלַ֨ת שִׁבְיָ֜הּ מֵעָלֶ֗יהָ וְיָֽשְׁבָה֙ בְּבֵיתֶ֔ךָ וּבָֽכְתָ֛ה אֶת־אָבִ֥יהָ וְאֶת־אִמָּ֖הּ יֶ֣רַח יָמִ֑ים וְאַ֨חַר כֵּ֜ן תָּבֹ֤וא אֵלֶ֙יהָ֙ וּבְעַלְתָּ֔הּ וְהָיְתָ֥ה לְךָ֖ לְאִשָּֽׁה׃ |
كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن. | 14 |
וְהָיָ֞ה אִם־לֹ֧א חָפַ֣צְתָּ בָּ֗הּ וְשִׁלַּחְתָּהּ֙ לְנַפְשָׁ֔הּ וּמָכֹ֥ר לֹא־תִמְכְּרֶ֖נָּה בַּכָּ֑סֶף לֹא־תִתְעַמֵּ֣ר בָּ֔הּ תַּ֖חַת אֲשֶׁ֥ר עִנִּיתָֽהּ׃ ס |
ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا | 15 |
כִּֽי־תִהְיֶ֨יןָ לְאִ֜ישׁ שְׁתֵּ֣י נָשִׁ֗ים הָאַחַ֤ת אֲהוּבָה֙ וְהָאַחַ֣ת שְׂנוּאָ֔ה וְיָֽלְדוּ־לֹ֣ו בָנִ֔ים הָאֲהוּבָ֖ה וְהַשְּׂנוּאָ֑ה וְהָיָ֛ה הַבֵּ֥ן הַבְּכֹ֖ור לַשְּׂנִיאָֽה׃ |
ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ. | 16 |
וְהָיָ֗ה בְּיֹום֙ הַנְחִילֹ֣ו אֶת־בָּנָ֔יו אֵ֥ת אֲשֶׁר־יִהְיֶ֖ה לֹ֑ו לֹ֣א יוּכַ֗ל לְבַכֵּר֙ אֶת־בֶּן־הָ֣אֲהוּבָ֔ה עַל־פְּנֵ֥י בֶן־הַשְּׂנוּאָ֖ה הַבְּכֹֽר׃ |
ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن. | 17 |
כִּי֩ אֶת־הַבְּכֹ֨ר בֶּן־הַשְּׂנוּאָ֜ה יַכִּ֗יר לָ֤תֶת לֹו֙ פִּ֣י שְׁנַ֔יִם בְּכֹ֥ל אֲשֶׁר־יִמָּצֵ֖א לֹ֑ו כִּי־הוּא֙ רֵאשִׁ֣ית אֹנֹ֔ו לֹ֖ו מִשְׁפַּ֥ט הַבְּכֹרָֽה׃ ס |
ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا، | 18 |
כִּֽי־יִהְיֶ֣ה לְאִ֗ישׁ בֵּ֚ן סֹורֵ֣ר וּמֹורֶ֔ה אֵינֶ֣נּוּ שֹׁמֵ֔עַ בְּקֹ֥ול אָבִ֖יו וּבְקֹ֣ול אִמֹּ֑ו וְיִסְּר֣וּ אֹתֹ֔ו וְלֹ֥א יִשְׁמַ֖ע אֲלֵיהֶֽם׃ |
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛ | 19 |
וְתָ֥פְשׂוּ בֹ֖ו אָבִ֣יו וְאִמֹּ֑ו וְהֹוצִ֧יאוּ אֹתֹ֛ו אֶל־זִקְנֵ֥י עִירֹ֖ו וְאֶל־שַׁ֥עַר מְקֹמֹֽו׃ |
ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن. | 20 |
וְאָמְר֞וּ אֶל־זִקְנֵ֣י עִירֹ֗ו בְּנֵ֤נוּ זֶה֙ סֹורֵ֣ר וּמֹרֶ֔ה אֵינֶ֥נּוּ שֹׁמֵ֖עַ בְּקֹלֵ֑נוּ זֹולֵ֖ל וְסֹבֵֽא׃ |
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ. | 21 |
וּ֠רְגָמֻהוּ כָּל־אַנְשֵׁ֨י עִירֹ֤ו בָֽאֲבָנִים֙ וָמֵ֔ת וּבִֽעַרְתָּ֥ הָרָ֖ע מִקִּרְבֶּ֑ךָ וְכָל־יִשְׂרָאֵ֖ל יִשְׁמְע֥וּ וְיִרָֽאוּ׃ ס |
ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ۋە جەسىتىنى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان بولساڭلار، | 22 |
וְכִֽי־יִהְיֶ֣ה בְאִ֗ישׁ חֵ֛טְא מִשְׁפַּט־מָ֖וֶת וְהוּמָ֑ת וְתָלִ֥יתָ אֹתֹ֖ו עַל־עֵֽץ׃ |
ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر. | 23 |
לֹא־תָלִ֨ין נִבְלָתֹ֜ו עַל־הָעֵ֗ץ כִּֽי־קָבֹ֤ור תִּקְבְּרֶ֙נּוּ֙ בַּיֹּ֣ום הַה֔וּא כִּֽי־קִלְלַ֥ת אֱלֹהִ֖ים תָּל֑וּי וְלֹ֤א תְטַמֵּא֙ אֶת־אַדְמָ֣תְךָ֔ אֲשֶׁר֙ יְהוָ֣ה אֱלֹהֶ֔יךָ נֹתֵ֥ן לְךָ֖ נַחֲלָֽה׃ ס |