< قانۇن شەرھى 2 >
ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئېيتقاندەك قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن سەپەرگە ئاتلاندۇق؛ بىز نۇرغۇن كۈنلەر سېئىر تېغى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. | 1 |
Tad mēs griezāmies un gājām uz tuksnesi pa niedru jūras ceļu, kā Tas Kungs uz mani bija runājis, un gājām ap Seīra kalniem daudz dienas.
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ | 2 |
Un Tas Kungs uz mani runāja sacīdams:
«سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. | 3 |
Jūs diezgan esat gājuši ap tiem kalniem, griežaties pret ziemeļiem.
خەلققە: ــ سىلەر سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىندىشىڭلار ئەساۋلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان بولدۇڭلار؛ ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىپ، | 4 |
Un pavēli tiem ļaudīm sacīdams: jums jāstaigā caur savu brāļu, Ēsava bērnu, robežām, kas Seīrā dzīvo, tie no jums bīsies.
ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەتتا تاپانچىلىق يەرنىمۇ بەرمەيمەن؛ چۈنكى سېئىر تېغىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. | 5 |
Bet tikai sargājaties, nekarojiet ar tiem, jo Es jums no viņu zemes nedošu ne pēdas platuma, jo Es Ēsavam esmu devis Seīra kalnus par daļu.
سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىڭلار، پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىڭلار. | 6 |
Barību pērkat no viņiem par naudu, ka ēdat, un arī ūdeni pērkat no viņiem par naudu, ka dzerat.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قولۇڭلاردىكى بارلىق ئەجىرنى بەرىكەتلەپ كەلگەن؛ ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىپايان چۆل-باياۋاندىن مېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قىرىق يىل سىلەر بىلەن بىللە بولدى؛ ھېچ نەرسىدىن كەم بولمىدىڭلار» ــ دېدى. | 7 |
Jo Tas Kungs, tavs Dievs, tevi ir svētījis visos tavos rokas darbos, Viņš zina tavu staigāšanu caur šo lielo tuksnesi; šos četrdesmit gadus Tas Kungs, tavs Dievs, ir bijis ar tevi; nekā tev nav trūcis.
شۇنىڭ بىلەن بىز سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋلارنىڭ زېمىنىدىن ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن، شۇنداقلا ئېلات ۋە ئېزىئون-گەبەردىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ موئابدىكى چۆل-باياۋان يولى بىلەن ماڭدۇق. | 8 |
Un mēs gājām garām saviem brāļiem, Ēsava bērniem, kas Seīrā dzīvo, pa klajuma ceļu, no Elata un Eceonģebera, un griezušies gājām pa Moaba tuksneša ceļu.
پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى | 9 |
Tad Tas Kungs uz mani sacīja: neapbēdini Moabu un nekaro ar viņu, jo Es tev nedošu mantību no viņa zemes, tāpēc ka Es Aru esmu devis Lata bērniem par mantību.
(ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. | 10 |
(Senāk tur dzīvoja Emieši, lieli un stipri un gari ļaudis, tā kā tie Enaķieši.
ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ. | 11 |
Tie arīdzan tapa turēti par milžiem, tā kā tie Enaķieši, un Moabieši tos sauca par Emiešiem.
سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش). | 12 |
Un Seīrā senāk dzīvoja Horieši, bet Ēsava bērni tos izdzina un tos izdeldēja savā priekšā un dzīvoja viņu vietā, itin kā Israēls ir darījis savā iemantotā zemē, ko Tas Kungs viņiem ir devis.)
[پەرۋەردىگار: ] «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق. | 13 |
Nu ceļaties un ejat pār Zaredes upi. Tad mēs cēlāmies pār Zaredes upi.
قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى؛ بۇ دەل خۇددى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇ دەۋردىكى جەڭچىلەر بارگاھتىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىدى. | 14 |
Tad nu tās dienas, cik ilgi no Kādeš Barneas esam gājuši, līdz kamēr esam gājuši pār Zaredes upi, ir trīsdesmit astoņi gadi, tiekams viss tas karavīru dzimums lēģerī bija nobeidzies, itin kā Tas Kungs viņiem bija zvērējis.
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى بارگاھتىن يوقىتىپ تۈگەتكۈچە ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قارشى چىققانىدى. | 15 |
Un Tā Kunga roka bija pret viņiem, viņus izdeldēt no lēģera, tiekams tie bija nobeigti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ جەڭچىلەر ئۆلۈپ خەلق ئارىسىدىن پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىن، | 16 |
Un kad visi tie karavīri bija nobeigti un izmiruši no ļaužu vidus,
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ | 17 |
Tad Tas Kungs uz mani runāja sacīdams:
«سىلەر بۈگۈن موئابنىڭ، يەنى ئارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىسىلەر. | 18 |
Tev šodien būs iziet caur Moaba robežām pie Ara
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسىلەر؛ ئەمما ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى. | 19 |
Un nākt Ammona bērnu tuvumā, bet neuzkrīti tiem un nekaro ar tiem, jo no Ammona bērnu zemes Es tev nedošu mantību, tāpēc ka Es to esmu devis par mantību Lata bērniem.
(بۇ زېمىنمۇ «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئىلگىرى گىگانتلار شۇ يەردە تۇرغانىدى؛ ئاممونىيلار ئۇلارنى «زامزۇملار» دەپ ئاتايدۇ. | 20 |
(Šī arīdzan top turēta par milžu ļaužu zemi; milži senāk tur dzīvoja, un Ammonieši tos sauca par Zamzumiešiem,
ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى [ئاممونىيلارنىڭ] ئالدىدا يوقىتىشى بىلەن [ئاممونىيلار] ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. | 21 |
Lieli un stipri un gari ļaudis, kā tie Enaķieši, un Tas Kungs tos izdeldēja viņu priekšā, tā ka šie viņus izdzina un tur dzīvoja viņu vietā.
پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھورىيلارنى يوقاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئەساۋلار ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. | 22 |
Itin kā Viņš darījis Ēsava bērniem, kas Seīrā dzīvo, kuru priekšā Viņš Horiešus izdeldēja, un tie tos izdzina un dzīvoja viņu vietā līdz šai dienai.
ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى). | 23 |
Un Aviešus, kas ciemos dzīvoja līdz Gacai, Kaftorieši, kas no Kaftora nāca, ir izdeldējuši un dzīvojuši viņu vietā.)
ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ | 24 |
Ceļaties, izejat un ejat pāri pār Arnonas upi; redziet, Es esmu devis jūsu rokā Sihonu, Hešbonas ķēniņu, to Amorieti, un viņa zemi; sāc ieņemt un ej karā ar viņu.
مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». | 25 |
Šodien Es sākšu darīt, ka no tevis iztrūcināsies un bīsies tās tautas, kas apakš visas debess; kas tavu slavu dzirdēs, tiem būs trīcēt un drebēt tavā priekšā.
شۇ چاغدا مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھونغا كەدەموت چۆلىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ــ | 26 |
Tad Es sūtīju vēstnešus no Ķedemot tuksneša pie Sihona, Hešbonas ķēniņa, ar miera vārdiem sacīdams:
«بىزنىڭ زېمىنىڭدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغايسەن؛ ئوڭغا، سولغا بۇرۇلماي، پەقەتلا يولدىن چىقماي ماڭىمىز. | 27 |
Ļauj man iet caur tavu zemi, es pa ceļu vien iešu, es neatkāpšos ne pa labo, ne pa kreiso roku.
سەن ماڭا ئوزۇق-تۈلۈكنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن، سۇنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن؛ بىز پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتىمىز، خالاس. | 28 |
Pārdod man par naudu barību, ko ēst, un dod man par naudu ūdeni, ko dzert; tikai kājām es iešu cauri,
سېئىردا تۇرۇۋاتقان ئەساۋلار، ئاردا تۇرۇۋاتقان موئابىيلار بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك سەنمۇ بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگۈچە شۇنداق مۇئامىلە قىلغايسەن» ــ دېدىم. | 29 |
Kā man ir darījuši Ēsava bērni, kas Seīrā dzīvo, un Moabieši, kas Arā dzīvo, tiekams es nāku pāri pār Jardāni tai zemē, ko Tas Kungs, mūsu Dievs, mums dos.
لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق). | 30 |
Bet Sihons, Hešbonas ķēniņš, mums negribēja ļaut iet cauri, jo Tas Kungs, tavs Dievs, viņa prātu apcietināja un viņa sirdi drošināja, lai Viņš to nodotu tavā rokā, itin kā tas šodien ir.
پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا، مەن ئالدىڭلاردا سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇشقا باشلىدىم؛ ئىشنى باشلاڭلار، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىشقا كىرىشىڭلار» ــ دېدى. | 31 |
Un Tas Kungs sacīja uz mani: redzi, Es esmu iesācis tev nodot Sihonu un viņa zemi; sāc ieņemt viņa zemi.
سىھون دەرۋەقە ئۆزى ۋە بارلىق خەلقى بىز بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ياھازغا چىقتى. | 32 |
Un Sihons izgāja mums pretī, pats ar visiem saviem ļaudīm, karot pie Jācas.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭ ئۆزىنى، ئوغۇللىرىنى ۋە بارلىق خەلقىنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق. | 33 |
Bet Tas Kungs, mūsu Dievs, to mums nodeva, un mēs to sakāvām un viņa dēlus un visus viņa ļaudis.
شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئەركەك، قىز-ئايال ۋە بالىلارنى بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتۇق؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى تىرىك قويمىدۇق. | 34 |
Un tanī laikā uzņēmām visas viņa pilsētas un izdeldējām visas pilsētas, vīrus un sievas un bērniņus, mēs neatlicinājām neviena.
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. | 35 |
Tikai tos lopus mēs sev esam paņēmuši un to laupījumu tais pilsētās, ko uzņēmām.
ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. | 36 |
No Aroēra pie Arnonas upes krasta, un no tās pilsētas, kas pie upes, līdz Gileādai, nevienas pilsētas nebija, kas pret mums varēja turēties; visu to Tas Kungs, mūsu Dievs, mums nodeva.
ھالبۇكى، سىلەر ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، چېگرىسى بولغان پۈتكۈل ياببوك ۋادىسىغا، تاغدىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھەرقايسى يەرگە يېقىنلاشمىدىڭلار. | 37 |
Tikai uz Ammona bērnu zemi tu neesi gājis, uz visu to pusi gar Jabokas upi, nedz uz tām pilsētām kalnos, nedz kaut kur, kurp (iet) Tas Kungs, mūsu Dievs, bija aizliedzis.