< قانۇن شەرھى 18 >
لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، | 1 |
Presterna Leviterna, och hela Levi slägt, skola ingen lott eller arf hafva med Israel; Herrans offer och hans arfvedel skola de äta.
بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. | 2 |
Derföre skola de intet arf hafva ibland deras bröder; ty Herren är deras arf, såsom han dem sagt hafver.
كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ. | 3 |
Och detta skall vara Presternas rättighet af folkena, och af dem som offra, ehvad det är fä eller får, att man skall gifva Prestenom bogen, och båda kindbenen, och våmbena;
سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛ | 4 |
Och förstlingen af ditt korn, och dinom must, och dine oljo; och förstlingen af din fårs klippning.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان. | 5 |
Förty Herren din Gud hafver utvalt honom utur alla dina slägter, att han stå skall i tjenstene i Herrans Namn, och hans söner evärdeliga.
ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە | 6 |
Om en Levit kommer utaf någon dina städer, eller eljest af hela Israel, der han en gäst är, och kommer af allo hans själs begärelse, till det rum som Herren utvalt hafver;
ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا، | 7 |
Att han vill tjena i Herrans sins Guds Namn, såsom alle hans bröder Leviterna, som der stå för Herranom;
ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. | 8 |
De skola få lika del till att äta, förutan det han hafver af sina fäders sålda godse.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك. | 9 |
När du kommer uti landet, som Herren din Gud dig gifvandes varder, så skall du icke lära göra dens folksens styggelse;
ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك | 10 |
Att ingen ibland dig varder funnen, som sin son eller dotter låter gå igenom eld, eller den som är en spåman, eller en dagväljare, eller den som på foglalåt aktar, eller trollkarl;
ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛ | 11 |
Eller besvärjare, eller en svartkonstig, eller en tecknatydare, eller den der någon dödan frågar.
چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. | 12 |
Ty den som sådant gör, han är Herranom en styggelse; och för sådana styggelses skull fördrifver dem Herren din Gud för dig.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛ | 13 |
Var utan vank inför Herranom dinom Gud.
چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ. | 14 |
Ty detta folket, som du intaga skall, lyda de dagväljare och spåmän; men du skall icke så göra Herranom dinom Gud.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. | 15 |
En Prophet, såsom mig, skall Herren din Gud uppväcka dig, utaf dig, och utaf dina bröder; honom skolen I lyda.
بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. | 16 |
Såsom du beddes af Herranom dinom Gud i Horeb, på församlingenes dag, och sade: Jag vill icke mer höra Herrans mins Guds röst, och icke mer se den stora elden, att jag icke skall dö.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى. | 17 |
Och Herren sade till mig: De hafva väl sagt.
مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. | 18 |
Jag skall uppväcka dem en Prophet, såsom du äst, utaf deras bröder, och gifva min ord i hans mun; han skall tala till dem allt det jag honom bjuda vill.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن. | 19 |
Och den som min ord icke hörer, som han i mitt Namn talandes varder, af honom vill jag utkräfva det.
ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن. | 20 |
Dock om någor Prophete djerfves tala i mitt Namn, det jag honom icke befallt hafver att tala, och den som talar i andra gudars namn, den Propheten skall dö.
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، | 21 |
Om du nu säga ville i ditt hjerta: Huru kan jag märka, hvilket ord Herren icke talat hafver?
بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما. | 22 |
När den Propheten talar i Herrans Namn, och der varder intet af, och sker intet, så är det det ord, som Herren icke talat hafver. Den Propheten hafver det talat af öfverdådighet: derföre skall du icke frukta dig för honom.