< قانۇن شەرھى 17 >
پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. | 1 |
Pǝrwǝrdigar Hudayingƣa ⱨǝrⱪandaⱪ nuⱪsani yaki baxⱪa kǝmqiliki bolƣan kala yaki ⱪoyni ⱪurbanliⱪ süpitidǝ sunmasliⱪing kerǝk; qünki undaⱪ ⱪilix Pǝrwǝrdigar Hudayingƣa yirginqliktur.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا، | 2 |
Pǝrwǝrdigar Hudaying sanga tǝⱪdim ⱪilidiƣan xǝⱨǝr-yezang iqidǝ ǝr bolsun, ayal bolsun, birsining Pǝrwǝrdigar Hudayingning aldida birǝr rǝzil ixni ⱪilƣanliⱪi — Uning ǝⱨdisigǝ hilapliⱪ ⱪilƣanliⱪi, baxⱪa ilaⱨlarƣa (mǝsilǝn, Mǝn sanga ibadǝt ⱪilixⱪa mǝn’i ⱪilƣan ⱪuyax, ay yaki pütkül samawi ⱪoxun bolƣan yultuzlarƣa), ibadǝt ⱪilip ularƣa bax urƣanliⱪi bayⱪalsa,
ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا، | 4 |
— xundaⱪ bir ixtin hǝwǝr tapⱪan yaki uni angliƣan bolsang, undaⱪta sǝn ǝstayidilliⱪ bilǝn sürüxtürgin; bu ix ispatlinip rast qiⱪsa, dǝrwǝⱪǝ Israilda xundaⱪ yirginqlik ix ⱪilinƣan bolsa,
سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك. | 5 |
sǝn xu rǝzil ixni ⱪilƣan ǝr yaki ayalni dǝrwaziliringƣa elip qiⱪip, xu ǝr yaki ayalni ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilip qalma-kesǝk ⱪilixing kerǝk.
بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. | 6 |
Birsini ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilix üqün ikki-üq guwaⱨqining sɵzliri boluxi kerǝk. Birsini birla guwaⱨqining sɵzi bilǝn ɵltürüxkǝ bolmaydu.
ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر. | 7 |
Ɵltürülidiƣanda awwal guwaⱨqilar ⱪol salsun, andin barliⱪ hǝlⱪ ⱪol salsun; xundaⱪ ⱪilsanglar silǝr rǝzillikni aranglardin ⱨǝydiwetisilǝr.
شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار. | 8 |
Xǝⱨǝr-yezanglarda ⱨɵküm qiⱪirixⱪa sanga tǝs kelidiƣan bir ix qiⱪsa, mǝyli hun dǝwasi, ⱨǝⱪ-tǝlǝp dǝwasi yaki zorawanliⱪ dǝwasida, ⱨǝrⱪandaⱪ talax-tartix bolsa ornunglardin turup Pǝrwǝrdigar Hudaying tallaydiƣan jayƣa beringlar.
سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. | 9 |
Silǝr Lawiy kaⱨinlarning wǝ xu qaƣda bolidiƣan soraⱪqi bǝgning yeniƣa barisilǝr wǝ ulardin ⱨɵküm soraysilǝr; ular silǝr üqün ⱨɵküm qiⱪiridu.
سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك. | 10 |
Silǝr Pǝrwǝrdigar tallaydiƣan axu yǝrdǝ turƣanlarning silǝrgǝ tapxuridiƣan ⱨɵküm sɵzi boyiqǝ ijra ⱪilisilǝr; ularning silǝrgǝ kɵrsǝtkinining ⱨǝmmisigǝ ǝmǝl ⱪilip kɵngül bɵlüxünglar kerǝk.
سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار. | 11 |
Silǝr ularning silǝrgǝ kɵrsǝtkǝn ⱪanun ⱨɵkümi boyiqǝ, qiⱪiridiƣan ⱪarari boyiqǝ ⱪilisilǝr; ular silǝrgǝ tapxuridiƣan sɵzdin ong ya solƣa qǝtnǝp kǝtmǝnglar.
ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر. | 12 |
Wǝ baxbaxtaⱪliⱪ ⱪilip, Pǝrwǝrdigar Hudayingning hizmiti üqün xu yǝrdǝ turidiƣan kaⱨinƣa yaki soraⱪqi bǝgkǝ ⱪulaⱪ salmiƣan kixi bolsa, xu adǝm ɵlümgǝ mǝⱨkum bolidu; xuning bilǝn silǝr rǝzillikni Israildin ⱨǝydǝp qiⱪirisilǝr.
شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ. | 13 |
Xundaⱪla, barliⱪ hǝlⱪ bularni anglap ⱪorⱪidu wǝ yǝnǝ baxbaxtaⱪliⱪ ⱪilmaydu.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا: «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ، | 14 |
Sǝn Pǝrwǝrdigar Hudaying sanga tǝⱪdim ⱪilidiƣan zeminƣa kirip uni igiligǝndǝ, xundaⱪla uningda turƣanda: «Mǝn ǝtrapimdiki ǝllǝrningkidǝk ɵzümgǝ bir padixaⱨ tiklimǝkqimǝn» desǝng,
شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك. | 15 |
xu qaƣda sǝn ɵzünggǝ pǝⱪǝt Pǝrwǝrdigar Hudaying tallaydiƣinini tiklǝysǝn; üstünggǝ ⱪerindax bolmiƣan qǝtǝllikni bekitmǝsliking kerǝk.
[پادىشاھ] بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى. | 16 |
[Padixaⱨ] bolsa ɵzi üqün atlarni kɵpǝytmǝsliki yaki atlarni kɵpǝytimǝn dǝp hǝlⱪni Misirƣa ⱪayturmasliⱪi kerǝk; qünki Pǝrwǝrdigar silǝrgǝ: «Silǝr xu yol bilǝn ⱨǝrgiz ⱪaytmasliⱪinglar kerǝk» degǝnidi.
پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك. | 17 |
Padixaⱨ kɵp ayallarni ɵz ǝmrigǝ almasliⱪi kerǝk; bolmisa uning kɵngli ezip ketixi mumkin. U ɵzi üqün altun-kümüxni kɵpǝytmǝsliki kerǝk.
پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك. | 18 |
Padixaⱨliⱪ tǝhtigǝ olturƣinida u ɵzi üqün Lawiy kaⱨinlarning aldida muxu ⱪanunni bir dǝptǝrgǝ kɵqürüp pütüxi kerǝk.
شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. | 19 |
Xu dǝptǝr uning yenida daim boluxi wǝ uni ɵmrining barliⱪ künliridǝ oⱪuxi kerǝk; xundaⱪ ⱪilsa u Pǝrwǝrdigar Hudasidin ⱪorⱪup, muxu ⱪanunning sɵzliri wǝ bǝlgilimilirini tutup ularƣa ǝmǝl ⱪilixni ɵginidu.
شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ. | 20 |
Xundaⱪla uning kɵngli ⱪerindaxliri aldida ⱨakawurlixip kǝtmǝydu, bu ǝmrlǝrdin ong ya solƣa qǝtnǝp kǝtmǝydu wǝ xuningdǝk Israil arisida uning wǝ oƣullirining padixaⱨliⱪ künliri kɵp bolidu.