< قانۇن شەرھى 16 >
ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان. | 1 |
Abib éyini alahide ésingde tut we ötüp kétish héytini Perwerdigar Xudayinggha atap tebrikligin; chünki Perwerdigar Xudaying séni Abib éyida Misirdin kéchide chiqarghan.
سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛ | 2 |
Sen «ötüp kétish héyti»ning mélini (meyli qoy yaki kala padisidin bolsun) Perwerdigar Xudaying tallap békitidighan jayda uninggha atap qurbanliq qilghin;
شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن. | 3 |
shundaqla sen héchqandaq boldurulghan nanni yémesliking kérek; sen uning bilen yette kün pétir nan, yeni «külpet néni»ni yéyishing kérek; chünki sen Misir zéminidin aldirashliqta chiqting; shuning bilen sen ömrüngning barliq künliride Misir zéminidin chiqqan shu künni yadingda tutqaysen.
يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك. | 4 |
Yette kün chégraliring ichide, öyüngde héchqandaq échitqu tépilmisun; sen birinchi küni kechte qilghan qurbanliq göshlerni etigen’ge qaldurmasliqing kérek.
سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛ | 5 |
Sen ötüp kétish héyti qurbanliqini Perwerdigar Xudaying sanga teqdim qilidighan sheher-yéziliringning herqandiqida qilsang bolmaydu;
بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن. | 6 |
belki ötüp kétish héyti qurbanliqini sen Perwerdigar Xudaying Öz namini turghuzush üchün tallaydighan jaydila qil; uni kechqurun, kün pétish waqtida, yeni Misirdin chiqqandiki waqitqa oxshash waqitta qilisen.
ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ. | 7 |
Uni Perwerdigar Xudaying tallaydighan jayda pishurup yégin; andin etigende chédirliringgha qaytsang bolidu.
سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن. | 8 |
Sen alte kün pétir nan yeysen; yettinchi küni Perwerdigar Xudaying aldida tentenilik sorun küni bolidu; sen héchqandaq ish-emgek qilmaysen.
ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛ | 9 |
Andin yette heptini sanaysen; ashliqqa orghaq salghandin bashlap yette heptini sanashqa bashlaysen;
ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن. | 10 |
andin sen «heptiler héyti»ni Perwerdigar Xudaying aldida qolungdiki ixtiyariy hediye bilen ötküzisen; Perwerdigar Xudaying sanga beriketliginige qarap uni ixtiyaren sunisen.
شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر. | 11 |
Shuning bilen sen Perwerdigar Xudaying aldida, U Öz namini turghuzushqa tallaydighan jayda shadlinisen; sen özüng, oghlung, qizing, qulung, dédiking, sen bilen bir yerde turuwatqan Lawiylar, aranglardiki musapirlar, yétim-yésirler we tul xotunlar shadlinisiler.
سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن. | 12 |
Sen shuning bilen eslide Misirda qul bolghanliqingni ésingge keltürüp, bu barliq belgilimilerni tutup emel qilghin.
سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر. | 13 |
Sen «kepiler héyti»ni yette kün ötküzisen; sen xaman we sharab kölchikingni yighqan chéghingda, oghlung, qizing, qulung, dédiking, sheher derwazisi ichide turidighan Lawiylar, musapirlar, yétim-yésirler we tul xotunlar shu héytta shadlinisiler.
پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن. | 15 |
Perwerdigar tallaydighan jayda sen yette kün Perwerdigar Xudaying aldida héyt ötküzisen; chünki Perwerdigar Xudaying barliq mehsulatliringda, qolung qilghan ishlarda séni beriketleydu we sen derweqe pütünley shadlinisen.
يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛ | 16 |
Yilda üch qétim, pétir nan héyti, heptiler héyti we kepiler héytida séning barliq erkekliring Perwerdigar Xudaying aldida, u tallaydighan jayda hazir bolushi kérek; ular Perwerdigar aldida quruq qol hazir bolsa bolmaydu;
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن. | 17 |
belki Perwerdigar Xudayingning sanga teqdim qilghan berikiti boyiche herbiri qolidin kélishiche sunsun.
خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك. | 18 |
Xelqning üstidin adalet yürgüzüp adil höküm chiqirish üchün, sen Perwerdigar Xudaying sanga teqdim qilidighan barliq sheher-yéziliring ichide herbir qebilide soraqchi we emeldarlarni békitishing kérek.
ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. | 19 |
Adaletni burmilisang bolmaydu; ademlerge yüz-xatire qilsang bolmaydu; para alsang bolmaydu; para bolsa aqilanilerning közlirini kor qilidu hem adillarning sözlirini burmilaydu.
سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن. | 20 |
Sen mutleq adaletni izdishing kérek; shundaq qilsang hayat körisen hemde Perwerdigar Xudaying sanga teqdim qilidighan zéminni igileysen.
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك | 21 |
Sen özüng üchün yasaydighan Perwerdigar Xudayingning qurban’gahining etrapigha «asherah» buti qilinidighan héchqandaq derex tikmesliking kérek
ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. | 22 |
we özüng üchün héchqandaq but tüwrüki tiklimesliking kérek; undaq nersiler Perwerdigar Xudayinggha yirginchliktur.