< قانۇن‭ ‬شەرھى 15 >

ھەربىر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن بىر «خالاس قىلىش»نى جاكارلىغىن. 1
Mfirinhyia nson biara awieeɛ, montwa mo aka mu.
بۇ «خالاس قىلىش» مۇنداق بولىدۇ: ــ بارلىق قەرز ئىگىلىرى قوشنىسىغا بەرگەن قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ ئۇنى قوشنىسىدىن ياكى قېرىندىشىدىن تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى. 2
Ɛkwan a ɛsɛ sɛ mofa so nie: Ɛsɛ sɛ boseabɔni biara a wabɔ ne yɔnko Israelni bosea no, ɔde kyɛ no. Ɛnsɛ sɛ wɔdan wɔn yɔnko anaa wɔn busuani ka, ɛfiri sɛ, Awurade ɛberɛ a wɔde bosea kyɛ no aduru.
چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك. 3
Saa bosea a wɔtwa mu yi ka mo yɔnkonom Israelfoɔ nko ara. Ahɔhoɔ a wɔte mo mu no nka ho.
ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛ 4
Ɛnsɛ sɛ ahiafoɔ ba mo mu ɛfiri sɛ, Awurade, mo Onyankopɔn bɛhyira mo wɔ asase a ɔde rema mo sɛ mo agyapadeɛ sononko no so.
پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ پۈتۈن ئەمرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭلار شۇنداق بولىدۇ. 5
Sɛ moto mo bo ase di Awurade mo Onyankopɔn mmara a mede rema mo ɛnnɛ yi so a, mobɛnya saa nhyira yi.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ؛ سەن كۆپ ئەللەرگە كاپالەتلىك ئېلىپ قەرز بېرىسەن، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسەن؛ سەن كۆپ ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىسەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. 6
Awurade mo Onyankopɔn bɛhyira mo sɛdeɛ wahyɛ mo bɔ no. Mobɛbɔ aman bebree bosea nanso mo deɛ, morenkɔ aboseabɔ da. Mobɛdi aman bebree so nanso wɔrenni mo so.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن كەمبەغەل بىر ئادەم بولسا، سەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى قاتتىق قىلما ياكى ھاجىتى چۈشكەن قېرىندىشىڭغا قولۇڭنى يۇمۇۋالما؛ 7
Sɛ moduru nkuro a Awurade, mo Onyankopɔn, de rema mo no so na sɛ ahiafoɔ wɔ hɔ a, mommpirim mo akoma anaa mommma mo nsam nyɛ den wɔ wɔn so.
سەن بەلكى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولۇڭنى ئوچۇق قىل ۋە ئۇنىڭدا نېمە كەم بولسا چوقۇم ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆتنە بېرىپ تۇر. 8
Mmom, mongo mo nsam na momfɛm wɔn deɛ ɛhia wɔn.
كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ: يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. 9
Monhwɛ na moannya saa adwemmɔne yi wɔ mo tirim sɛ ɛka mu twa berɛ no reyɛ aduru so enti, obi bɛbisa mo bosea a moremma no. Sɛ moammɔ ahiafoɔ no bosea na sɛ wɔsu frɛ Awurade a, wɔbɛbu mo fɔ sɛ moayɛ bɔne.
سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ. 10
Momma no akoma pa mu na Awurade, mo Onyankopɔn, bɛhyira mo ne biribiara a mobɛyɛ so.
چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا: «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» ــ دەپ تاپىلىدىم. 11
Ɛberɛ biara, mobɛhunu ahiafoɔ wɔ mo mu. Ɛno enti na merehyɛ mo sɛ, biribiara a mowɔ no, mo ne ahiafoɔ ne mo nuanom Israelfoɔ nkyɛ.
سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت. 12
Sɛ wo nua Hebrini barima anaa ɔbaa tɔn ne ho ma wo na ɔsom wo mfirinhyia nsia a, afe a ɛtɔ so nson no, gya no ɛkwan.
ئۇنى قويۇۋەتكەندە قۇرۇق قول قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ؛ 13
Na sɛ woregya no ɛkwan a, mma no nkɔ nsapan.
سەن چوقۇم قويلىرىڭدىن، خامىنىڭدىن ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن تەقدىم قىلىشىڭ كېرەك؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە سەن ئۇنىڭغا بەر. 14
Fa nsa a emu go gya no ɛkwan na ma no wo nnwan no, wʼayuporebea mu adeɛ ne wo nsakyimena mu adeɛ bi. Wo ne no nkyɛ wʼadonneɛ bi a Awurade, wo Onyankopɔn, de ahyira wo no bi.
سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم. 15
Monkae sɛ na moyɛ nkoa wɔ Misraim na Awurade, mo Onyankopɔn yii mo firii hɔ. Ɛno enti na mede saa mmara yi rema mo ɛnnɛ yi.
ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا: «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ) 16
Na sɛ ɛba sɛ wʼakoa ka kyerɛ wo sɛ, “Merennya wo hɔ nkɔ”, ɛfiri sɛ, ɔpɛ wo ne wʼabusuafoɔ asɛm na ne ho tɔ no wɔ wo nkyɛn a,
ــ شۇ چاغدا سەن بىگىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىكتە تەش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دېدىكىڭگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن. 17
ɛnneɛ, fa fitiiɛ bɔne nʼaso mu na ɔnyɛ wʼakoa daa. Wo mfenaa nso, yɛ wɔn saa ara.
[قۇلۇڭنى] يېنىڭدىن قويۇۋېتىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاچقا، قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ؛ [ئۇنى قويۇۋەتسەڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنى بەرىكەتلەيدۇ. 18
Mma no nyɛ wo ya sɛ woregyaa wʼasomfoɔ no ama wɔafa wɔn ho akɔdie. Monkae sɛ, mfeɛ nsia ni no, wɔasom wo a sɛ wokɔfaa apaafoɔ sɛ wɔnsom wo a, anka wobɛtua apaafoɔ no sika mmɔho mmienu, na Awurade mo Onyankopɔn bɛhyira mo wɔ biribiara a moyɛ ho.
كالىلىرىڭ ۋە قويلىرىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغان بارلىق تۇنجى ئەركەك موزاي-قوزىلىرىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتا؛ كالىلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ھېچقانداق ئەمگەككە سالما، قويلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىما. 19
Mo anantwie ne mo nnwan mmakan anini no, monyi nsi hɔ mma Awurade, mo Onyankopɔn. Mo anantwie mmakan no, mommfa wɔn nkɔ mo mfuo mu nkɔyɛ nnwuma na monntwitwa mo nnwan mmakan ho nwi nso.
سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر ھەر يىلى شۇ مېلىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا يەڭلار. 20
Mmom, mo ne mo abusuafoɔ, afe biara, monnwe saa mmoa yi wɔ baabi a Awurade, mo Onyankopɔn bɛyi ama mo no wɔ nʼanim.
بىراق [شۇ] ھايۋانلارنىڭ بىر يېرى مېيىپ بولسا، مەيلى ئۇ مەجرۇھ ، كور ياكى ئۇنىڭدا ھەرقانداق نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك. 21
Na sɛ ɛba sɛ abakan no bi adi dɛm, sɛ ebia, ɔtɔ apakye anaa nʼani afira anaa wadi ɛdɛm foforɔ bi a, mommfa no mmɔ afɔdeɛ mma Awurade mo Onyankopɔn.
بەلكى ئۇنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە يېسەڭ بولىدۇ؛ كىشىلەر مەيلى پاك ياكى ناپاك بولسۇن، ئۇنى جەرەن ياكى كېيىكنى يېگەندەك يېسە بولىدۇ. 22
Mmom, momfa no nyɛ aduane mma abusuafoɔ wɔ fie. Sɛ obi ho te o, sɛ ne ho nte o, ɔtumi di bi sɛdeɛ obiara tumi we ɔtwe anaa ɔdabɔ nam no.
پەقەت سەن ئۇنىڭ قېنىنى يېمە؛ قېنىنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك تۆكۈۋەت. 23
Nanso, monnni mogya no. Monhwie ngu fam te sɛ nsuo.

< قانۇن‭ ‬شەرھى 15 >