< قانۇن‭ ‬شەرھى 13 >

ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە 1
اگر در میان تو نبی‌ای یا بیننده خواب ازمیان شما برخیزد، و آیت یا معجزه‌ای برای شما ظاهر سازد،۱
ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، 2
و آن آیت یا معجزه واقع شود که از آن تو را خبر داده، گفت خدایان غیر راکه نمی شناسی پیروی نماییم، و آنها را عبادت کنیم،۲
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ. 3
سخنان آن نبی یا بیننده خواب را مشنو، زیرا که یهوه، خدای شما، شما را امتحان می‌کند، تا بداند که آیا یهوه، خدای خود را به تمامی دل وبه تمامی جان خود محبت می‌نمایید؟۳
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. 4
یهوه خدای خود را پیروی نمایید و از او بترسید، واوامر او را نگاه دارید، و قول او را بشنوید و او راعبادت نموده، به او ملحق شوید.۴
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. 5
و آن نبی یابیننده خواب کشته شود، زیرا که سخنان فتنه انگیز بر یهوه خدای شما که شما را از زمین مصر بیرون آورد، و تو را از خانه بندگی فدیه داد، گفته است تا تو را از طریقی که یهوه خدایت به توامر فرمود تا با آن سلوک نمایی، منحرف سازد، پس به این طور بدی را از میان خود دور خواهی کرد.۵
قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە، 6
و اگر برادرت که پسر مادرت باشد یا پسر یادختر تو یا زن هم آغوش تو یا رفیقت که مثل جان تو باشد، تو را در خفا اغوا کند، و گوید که برویم وخدایان غیر را که تو و پدران تو نشناختید عبادت نماییم،۶
7
از خدایان امتهایی که به اطراف شمامی باشند، خواه به تو نزدیک و خواه از تو دورباشند، از اقصای زمین تا اقصای دیگر آن،۷
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ 8
او راقبول مکن و او را گوش مده، و چشم تو بر وی رحم نکند و بر او شفقت منما و او را پنهان مکن.۸
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. 9
البته او را به قتل رسان، دست تو اول به قتل اودراز شود و بعد دست تمامی قوم.۹
ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛ 10
و او را به سنگ سنگسار نما تا بمیرد، چونکه می‌خواست تو را از یهوه، خدایت، که تو را از زمین مصر ازخانه بندگی بیرون آورد، منحرف سازد.۱۰
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ. 11
وجمیع اسرائیلیان چون بشنوند، خواهند ترسید وبار دیگر چنین امر زشت را در میان شما مرتکب نخواهند شد.۱۱
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ، 12
اگر درباره یکی از شهرهایی که یهوه خدایت به تو به جهت سکونت می‌دهد خبر یابی،۱۲
13
که بعضی پسران بلیعال از میان تو بیرون رفته، ساکنان شهر خود را منحرف ساخته، گفته اندبرویم و خدایان غیر را که نشناخته‌اید، عبادت نماییم،۱۳
شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، 14
آنگاه تفحص و تجسس نموده، نیکواستفسار نما. و اینک اگر این امر، صحیح و یقین باشد که این رجاست در میان تو معمول شده است،۱۴
ئۇنداقدا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت. 15
البته ساکنان آن شهر را به دم شمشیربکش و آن را با هرچه در آن است و بهایمش را به دم شمشیر هلاک نما.۱۵
ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك. 16
و همه غنیمت آن را در میان کوچه‌اش جمع کن و شهر را با تمامی غنیمتش برای یهوه خدایت به آتش بالکل بسوزان، و آن تا به ابد تلی خواهد بود و بار دیگربنا نخواهد شد.۱۶
تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ. 17
و از چیزهای حرام شده چیزی به‌دستت نچسبد تا خداوند از شدت خشم خود برگشته، برتو رحمت و رافت بنماید، و تو را بیفزاید بطوری که برای پدرانت قسم خورده بود.۱۷
سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ. 18
هنگامی که قول یهوه خدای خودرا شنیده، و همه اوامرش را که من امروز به تو امرمی فرمایم نگاه داشته، آنچه در نظر یهوه خدایت راست است، بعمل آورده باشی.۱۸

< قانۇن‭ ‬شەرھى 13 >