< قانۇن شەرھى 12 >
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغاندا، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىڭلاردا كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەر مانا مۇنۇلاردۇر: ــ | 1 |
Ata-bowiliringlarning Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigar silǝrning igilixinglarƣa beridiƣan zeminda turƣanda, yǝr yüzidiki barliⱪ künliringlarda kɵngül ⱪoyup tutuxunglar kerǝk bolƣan bǝlgilimilǝr ⱨǝm ⱨɵkümlǝr mana munulardur: —
سىلەر ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ ئېگىز تاغلار، دۆڭلەر ۋە ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدىكى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولغان ئىبادەتگاھلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك؛ | 2 |
Silǝr ⱨǝydǝp qiⱪarƣan ǝllǝrning egiz taƣlar, dɵnglǝr wǝ ⱨǝrbir yexil dǝrǝh astidiki ɵz ilaⱨlirining ⱪulluⱪida bolƣan ibadǝtgaⱨlirini tǝltɵküs yoⱪitixinglar kerǝk;
ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. | 3 |
Ularning ⱪurbangaⱨlirini buzunglar, but tüwrüklirini qeⱪinglar wǝ axǝraⱨlirini ot bilǝn kɵydürüwetinglar; ilaⱨlirining oyma mǝbudlirini kesip taxlanglar; ularning isim-namlirinimu xu yǝrdin yoⱪitixinglar kerǝk.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇلاردەك قىلماڭلار، | 4 |
Silǝr Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning hizmitidǝ ulardǝk ⱪilmanglar,
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛ | 5 |
bǝlki Pǝrwǝrdigar Hudayinglar Ɵz namini tiklǝx üqün barliⱪ ⱪǝbililiringlarning zeminliri arisidin talliƣan, Ɵz turalƣusi bolƣan jayni izdǝnglar, xu yǝrgǝ kelinglar;
شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي-كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛ | 6 |
xu yǝrgǝ silǝr kɵydürmǝ wǝ inaⱪliⱪ ⱪatarliⱪ ⱪurbanliⱪinglarni, mǝⱨsulatliringlardin ondin biri bolƣan ɵxrilǝrni, ⱪolunglardiki kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝlǝrni, ⱪǝsǝmgǝ baƣliⱪ ⱨǝdiyǝlǝrni, ihtiyariy ⱨǝdiyǝlǝrni wǝ ⱪoy-kala padiliringlarning tunji balilirini ǝkilisilǝr;
سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر. | 7 |
Silǝr ailǝngdikilǝr bilǝn ⱪoxulup xu yǝrdǝ Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning aldida ziyapǝt ⱪilinglar, silǝr Pǝrwǝrdigar Hudayinglar silǝrni bǝrikǝtligǝn ⱪol ǝmgikinglarning mewisidin xadlinisilǝr.
سىلەر بىز بۈگۈن قىلغىنىمىزدەك، يەنى ھەربىرىڭلار ئۆز بىلگىنىڭلارچە قىلغىنىڭلاردەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ | 8 |
Silǝr biz bügün ⱪilƣinimizdǝk, yǝni ⱨǝrbiringlar ɵz bilgininglarqǝ ⱪilƣininglardǝk ⱪilmasliⱪinglar kerǝk;
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ئاراملىق ھەم مىراسقا تېخى يېتىپ كەلمىدىڭلار. | 9 |
Qünki Pǝrwǝrdigar Hudayinglar silǝrgǝ beridiƣan aramliⱪ ⱨǝm mirasⱪa tehi yetip kǝlmidinglar.
بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇ سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئارام بەرگەندىن كېيىن، سىلەر تىنچ-ئامان تۇرغاندا، | 10 |
Biraⱪ silǝr Iordan dǝryasidin ɵtüp, Pǝrwǝrdigar Hudayinglar silǝrgǝ miras ⱪilip beridiƣan zeminƣa olturaⱪlaxⱪandin keyin, xundaⱪla u silǝrni ǝtrapinglardiki barliⱪ düxmǝnliringlardin ⱪutⱪuzup aram bǝrgǝndin keyin, silǝr tinq-aman turƣanda,
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ سىلەر شۇ يەرگە كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئەكىلىسىلەر؛ | 11 |
xu qaƣda Pǝrwǝrdigar Hudayinglar Ɵz namini ⱪoyidiƣan bir jay bolidu; silǝr xu yǝrgǝ kɵydürmǝ wǝ inaⱪliⱪ ⱪatarliⱪ ⱪurbanliⱪinglarni, mǝⱨsulatliringlardin ondin biri bolƣan ɵxrilǝrni, ⱪolunglardiki kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝlǝrni wǝ Pǝrwǝrdigarƣa atap ⱪǝsǝm ⱪilƣan esil ⱨǝdiyǝlǝrni ǝkilisilǝr;
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر. | 12 |
wǝ Pǝrwǝrdigar Hudayinglar aldida xadlinisilǝr, yǝni silǝr, oƣul-ⱪizliringlar, ⱪul-dedǝkliringlar wǝ silǝr bilǝn bir yǝrdǝ turuwatⱪan Lawiylar (qünki ularning aranglarda ⱨeqⱪandaⱪ nesiwisi yaki mirasi yoⱪtur) ⱨǝmminglar xadlinisilǝr.
سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى ئۇدۇل كەلگەن جايلاردا قىلماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن؛ | 13 |
Sǝn kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪliringni udul kǝlgǝn jaylarda ⱪilmasliⱪ üqün kɵngül ⱪoyƣin;
پەقەت پەرۋەردىگار ھەممە قەبىلىلىرىڭنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى قىل ۋە شۇ جايدا مېنىڭ ساڭا بارلىق تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىل. | 14 |
Pǝⱪǝt Pǝrwǝrdigar ⱨǝmmǝ ⱪǝbililiringning zeminliri arisidin talliƣan jayda kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪliringni ⱪil wǝ xu jayda mening sanga barliⱪ tapiliƣinimƣa ǝmǝl ⱪil.
ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. | 15 |
Ⱨalbuki, sǝn kɵnglüng tartⱪiniqǝ Pǝrwǝrdigar Hudaying seni bǝrikǝtligini boyiqǝ xǝⱨǝr-yeziliringda ⱨalal ⱨaywanlarni soyup (huddi jǝrǝn yaki keyik gɵxidin yegǝngǝ ohxax), gɵx yesǝng bolidu; mǝyli pak, mǝyli napak kixilǝr bolsun ularning gɵxini yesǝ bolidu.
سىلەر پەقەت ئۇنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر قېنىنى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىشىڭلار كېرەك. | 16 |
Silǝr pǝⱪǝt uni ⱪeni bilǝn ⱪoxup yemǝslikinglar kerǝk; silǝr ⱪenini su tɵkkǝndǝk yǝrgǝ tɵküwetixinglar kerǝk.
سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا-قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر-يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ | 17 |
Sǝn axliⱪtin, yengi xarabtin, zǝytun meyidin ondin biri bolƣan ɵxriliringni yaki kala-ⱪoy padiliringning tunji balilirini, yaki ⱪǝsǝmgǝ baƣliⱪ ⱨǝdiyǝliringni, ihtiyariy ⱨǝdiyǝliringni yaki ⱪolungdiki kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝliringni xǝⱨǝr-yeziliringda yemǝsliking kerǝk;
بەلكى بۇلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا يېيىشىڭ كېرەك، يەنى سەن، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇل-دېدىكىڭ ۋە سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىرگە يېسەڭ بولىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن شادلىنىسەن. | 18 |
bǝlki bularni Pǝrwǝrdigar Hudaying aldida, Pǝrwǝrdigar Hudaying tallaydiƣan jayda yeyixing kerǝk, yǝni sǝn, oƣlung, ⱪizing, ⱪul-dediking wǝ sǝn bilǝn bir yǝrdǝ turuwatⱪan Lawiylar birgǝ yesǝng bolidu; wǝ sǝn Pǝrwǝrdigar Hudaying aldida ǝmgikingning barliⱪ mewisidin xadlinisǝn.
ئۆزۈڭگە ھېزى بولغىنكى، سەن زېمىندا تۇرغان بارلىق كۈنلىرىڭدە لاۋىيلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك. | 19 |
Ɵzünggǝ ⱨezi bolƣinki, sǝn zeminda turƣan barliⱪ künliringdǝ Lawiylardin waz kǝqmǝsliking kerǝk.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك چېگرالىرىڭنى كېڭەيتكەندە، سەن كۆڭلۈڭ تارتىپ: «گۆش يەيمەن» دېسەڭ، سەن كۆڭلۈڭنىڭ تارتقىنىچە گۆش يېسەڭ بولىدۇ. | 20 |
Pǝrwǝrdigar Hudaying sanga wǝdǝ ⱪilƣandǝk qegraliringni kengǝytkǝndǝ, sǝn kɵnglüng tartip: «gɵx yǝymǝn» desǝng, sǝn kɵnglüngning tartⱪiniqǝ gɵx yesǝng bolidu.
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جاي سەندىن بەك يىراق بولسا، سەن پەرۋەردىگار ساڭا تەقدىم قىلغان كالا-قويلاردىن ئېلىپ سويىسەن؛ مەن ساڭا تاپىلىغاندەك ئۇلارنى سويىسەن ۋە شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە بوغۇزلاپ يەيسەن. | 21 |
Əgǝr Pǝrwǝrdigar Hudayinglar Ɵz namini ⱪoyuxⱪa tallaydiƣan jay sǝndin bǝk yiraⱪ bolsa, sǝn Pǝrwǝrdigar sanga tǝⱪdim ⱪilƣan kala-ⱪoylardin elip soyisǝn; mǝn sanga tapiliƣandǝk ularni soyisǝn wǝ xǝⱨǝr-yeziliring iqidǝ kɵnglüng tartⱪiniqǝ boƣuzlap yǝysǝn.
جەرەن ياكى كېيىك يېگەندەك ئۇلارنى يەيسەن؛ مەيلى پاك مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. | 22 |
Jǝrǝn yaki keyik yegǝndǝk ularni yǝysǝn; mǝyli pak mǝyli napak kixilǝr bolsun uning gɵxidin yesǝ bolidu.
پەقەت شۇنىڭدىن ھېزى بولغىنكى، ئۇلارنىڭ قېنىنى يېمە؛ چۈنكى جان دېگەن قاندىدۇر؛ سەن گۆشنى جان بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭ كېرەك. | 23 |
Pǝⱪǝt xuningdin ⱨezi bolƣinki, ularning ⱪenini yemǝ; qünki jan degǝn ⱪandidur; sǝn gɵxni jan bilǝn ⱪoxup yemǝsliking kerǝk.
سەن قاننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ بەلكى ئۇنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋەت. | 24 |
Sǝn ⱪanni yemǝsliking kerǝk; bǝlki uni suni yǝrgǝ tɵkkǝndǝk yǝrgǝ tɵküwǝt.
سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن. | 25 |
Sǝn uni yemǝsliking kerǝk; xundaⱪ ⱪilsang ⱨaling wǝ sǝndin keyinki baliliringning ⱨali yahxi bolidu; qünki sǝn Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ durus bolƣanni ⱪilƣan bolisǝn.
بىراق سەندىكى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ۋە قەسەمگە باغلىق نەرسىلەرنى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا ئاپىرىسەن؛ | 26 |
Biraⱪ sǝndiki Pǝrwǝrdigarƣa atiƣan wǝ ⱪǝsǝmgǝ baƣliⱪ nǝrsilǝrni bolsa, sǝn ularni elip Pǝrwǝrdigar tallaydiƣan jayƣa apirisǝn;
سەن [شۇ يەردە] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى، گۆش بىلەن قېنىنى سۇنغىن؛ باشقا قۇربانلىقلىرىڭنىڭ قېنىنىمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە قۇيغىن ۋە گۆشىنى يېگىن. | 27 |
sǝn [xu yǝrdǝ] Pǝrwǝrdigar Hudayingning ⱪurbangaⱨi üstidǝ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪliringni, gɵx bilǝn ⱪenini sunƣin; baxⱪa ⱪurbanliⱪliringning ⱪeninimu Pǝrwǝrdigar Hudayingning ⱪurbangaⱨi üstidǝ ⱪuyƣin wǝ gɵxini yegin.
مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ. | 28 |
Mǝn sanga tapiliƣan bu barliⱪ sɵzlǝrgǝ ⱪulaⱪ selip kɵngül bɵlgin. Xundaⱪ ⱪilsang, Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning nǝziridǝ yahxi wǝ durus bolƣanni ⱪilƣan bolisǝn wǝ ɵz ⱨaling wǝ sǝndin keyinki ǝwladliringning ⱨali yahxi bolidu.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بارىدىغان يەردىكى ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا يوقىتىدۇ. شۇ چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ شۇ يەردە تۇرغىنىڭدا، | 29 |
Pǝrwǝrdigar Hudaying sǝn baridiƣan yǝrdiki ǝllǝrning zeminini igilixing üqün ularni sening aldingda yoⱪitidu. Xu qaƣda, sǝn ularning zeminini igilǝp xu yǝrdǝ turƣiningda,
شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە: ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە. | 30 |
Xu ǝllǝr aldingda yoⱪitilƣandin keyin, ularning izidin mengixⱪa eziⱪturulmasliⱪing üqün ɵzünggǝ ⱨezi bol wǝ: — «Bu ǝllǝr ɵz ilaⱨlirining ibaditini ⱪandaⱪ tutⱪan bolƣiydi? Mǝnmu xundaⱪ ⱪilip baⱪayqu!» dǝp ularning ilaⱨlirini ⱨeq izdimǝ.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن. | 31 |
Sǝn Pǝrwǝrdigar Hudayingning hizmitidǝ bolƣiningda ⱪǝt’iy ularning yoli boyiqǝ ix tutmasliⱪing kerǝk; qünki nemǝ ix Pǝrwǝrdigarƣa yirginqlik bolsa, nemǝ ix Uningƣa nǝprǝtlik bolsa, ular ɵz ilaⱨliri üqün xu ixlarni ⱪilƣan; ular ⱨǝtta ɵz oƣullirini wǝ ⱪizlirinimu ilaⱨliriƣa atap otta kɵydürüp kǝlgǝn.
مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. | 32 |
Mǝn silǝrgǝ tapiliƣanliki ǝmǝllǝrgǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa kɵngül bɵlünglar; uningƣa ⱨeq nemǝ ⱪoxmanglar, uningdin ⱨeq nǝrsini qiⱪiriwǝtmǝnglar.