< قانۇن‭ ‬شەرھى 11 >

ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن. 1
Emdi sen Perwerdigar Xudayingni söygin, Uning tapilighini, belgilimilirini, hökümlirini hem emrlirini izchil tutqin.
شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ جازا-تەربىيىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىنى، مىسىر زېمىنىدا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈستىگە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرمىگەن بالىلىرىڭلارغا سۆزلىمەيمەن 2
Shu ishlarni bügün ésinglarda tutunglar, chünki men Perwerdigar Xudayingning jaza-terbiyisi, ulughluqi, küchlük qoli we uzartilghan bilikini, Misir zéminida Misir padishahi Pirewn’ge hem uning pütkül zémini üstige körsetken möjizilik alametliri we qilghanlirini körmigen baliliringlargha sözlimeymen
3
(چۈنكى ئۇلار [پەرۋەردىگارنىڭ] مىسىرنىڭ قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى، يەنى قىزىل دېڭىزنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۇلارنى غەرق قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى، 4
(chünki ular [Perwerdigarning] Misirning qoshuni, ularning atliri, ularning jeng harwilirigha qilghan ishliri, yeni Qizil Déngizning suliri bilen ularni gherq qilip, üzül-késil halak qilghanliqi,
ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى، 5
Uning siler mushu yerge kelgüche silerge néme qilghanliqi,
ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛ 6
Uning Rubenning ewladi, Éliabning oghulliri Datan we Abiramgha néme qilghanliqi, yeni pütün Israillar arisida yer yüzining aghzini qandaq échip ularni ailisidikiliri we chédirliri bilen qoshup barliq teelluqatliri bilen yutuwetkenlikini körmigenidi);
[مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن]؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى. 7
[men belki silerge söz qilimen]; chünki silerning közliringlar Perwerdigar qilghan barliq ulugh ishlarni kördi.
ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر 8
Emdi, men silerge bügün tapilighan barliq emrlerni tutunglar; shundaq qilsanglar küchlinip, hazir ötüp igilimekchi bolghan zémin’gha kirip uni igileysiler
ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. 9
we Perwerdigar ata-bowiliringlargha qesem qilip ulargha hem ewladlirigha bérishke wede qilghan zéminda, yeni süt bilen hesel éqip turidighan munbet bir zéminda turup uzun ömür körisiler.
چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛ 10
Chünki siler igileshke kiridighan shu zémin siler chiqqan Misir zéminidek emes; u yer bolsa, siler uninggha uruq chachqandin kéyin putunglar bilen sughiridighan köktatliqtek zémin idi;
بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ-جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ، 11
biraq siler igileshke ötidighan shu zémin bolsa tagh-jilghiliri bolghan bir zémindur; u asmandiki yamghurdin su ichidu,
ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. 12
u Perwerdigar Xudaying Özi ezizleydighan bir zémindur; chünki Perwerdigar Xudayingning közliri yilning béshidin yilning axirighiche üzlüksiz uninggha tikilidu.
شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار، 13
Shundaq boliduki, siler Perwerdigar Xudayinglarni söyüp, pütkül qelbinglar we pütkül jéninglar bilen uning ibaditide bolush üchün men silerge bügün tapilighan emrlerge köngül qoyup qulaq salsanglar,
ئۇ: «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛ 14
U: «Men zémininglargha öz peslide yamghur, yeni deslepki we kéyinki yamghurlarni ata qilimen; shuning bilen ashliqliringlar, yéngi sharabinglar we zeytun méyinglarni yighalaysiler;
مەن شۇنداقلا مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت-چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ-ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ. 15
Men shundaqla mal-waranliring üchün ot-chöp bérimen; sen yep-ichip toyunisen» — deydu.
قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛ 16
Qelbinglar aldinip, bashqa ilahlarning qulluqigha kirip, ulargha choqunup ketmeslikinglar üchün özünglargha hézi bolunglar;
بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر. 17
bolmisa, Perwerdigarning ghezipi silerge qozghilip, yamghur yaghmasliqi üchün asmanlarni étiwétip yamghur yaghdurmaydu, tupraq mehsulatlirini bermeydu we Perwerdigar silerge ata qilidighan munbet zémindin yoqitilisiler.
سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ 18
Siler méning bu sözlirimni qelbinglargha püküp jéninglarda saqlanglar, qolunglargha [esletme]-belge qilip téngiwélinglar, péshanenglerge qashqidek simwol qilip ornitiwélinglar;
سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ 19
Siler ularni baliliringlargha ögitisiler; öyde olturghininglarda, yolda méngiwatqininglarda, yatqininglarda we orundin qopqininglarda ular toghruluq sözlenglar;
ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. 20
Ularni öyünglerdiki késheklerge we derwaziliringlargha pütüp qoyunglar.
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ. 21
Shuning bilen silerning Perwerdigar ata-bowiliringlargha bérishke qesem qilip wede qilghan zéminda turidighan künliringlar we baliliringlarning künliri uzun bolidu, yer yüzidiki künliringlar asmanning künliridek bolidu.
مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار، 22
Men bügünki künde silerge tapilighan bu pütkül emrni ixlas bilen tutsanglar, yeni Perwerdigar Xudayinglarni söyüp, uning barliq yollirida méngishinglar bilen uninggha baghlansanglar,
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر. 23
undaqta Perwerdigar silerning köz aldinglarda bu barliq ellerni zéminidin mehrum qilip heydeydu we siler özünglardin chong we küchlük ellerning teelluqatini igileysiler.
تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە [ئەفرات] دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. 24
Tapininglar dessigen herbir jay silerningki bolidu; chégranglar chöl-bayawandin tartip, Liwan’ghiche we [Efrat] deryasidin Ottura Déngizghiche bolidu.
ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ. 25
Héchkim aldinglarda turalmaydu; Perwerdigar Xudayinglar silerge éytqinidek, silerdin bolghan qorqunch we dehshetni siler dessigen barliq jaylar üstige salidu.
مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ 26
Mana, men bügün aldinglargha bext-beriket we lenetni qoyimen;
مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ 27
Men silerge bügün tapilighan Perwerdigar Xudayinglarning emrlirige itaet qilsanglar, bext-beriket bolidu;
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ. 28
Perwerdigar Xudayinglarning emrlirige itaet qilmisanglar, belki siler tonumighan bashqa ilahlargha egiship, men bügün tapilighan yoldin chetnep ketsenglar, silerge lenet chüshidu.
شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر. 29
Shundaq qilishinglar kérekki, Perwerdigar Xudayinglar silerni siler igileshke kiridighan zémin’gha élip kirgendin kéyin, bext-beriketni Gerizim téghi üstide we lenetni Ebal téghi üstide turup jakarlaysiler.
بۇ [تاغلار] ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، گىلگالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا، مەغرىب يولىنىڭ ئارقىسىدا، مورەھتىكى دۇب دەرەخلىرىگە يېقىن يەردە ئەمەسمۇ؟ 30
Bu [taghlar] Iordan deryasining qarshi teripide, Gilgalning udulidiki Arabah tüzlenglikide turuwatqan Qanaaniylarning zéminida, meghrib yolining arqisida, Morehtiki dub derexlirige yéqin yerde emesmu?
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ سىلەر دەرۋەقە ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلىشىسىلەر. 31
Chünki siler Perwerdigar Xudayinglar silerge teqdim qiliwatqan zéminni igilesh üchün uninggha kirishke Iordan deryasidin ötisiler; siler derweqe uni igileysiler we uningda olturaqlishisiler.
سىلەر مەن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ بارلىق ھۆكۈملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. 32
Siler men aldinglargha qoyghan bu barliq hökümler we belgilimilerge emel qilishqa köngül qoyunglar.

< قانۇن‭ ‬شەرھى 11 >