ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن. | 1 |
וְאָהַבְתָּ אֵת יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ וְשָׁמַרְתָּ מִשְׁמַרְתּוֹ וְחֻקֹּתָיו וּמִשְׁפָּטָיו וּמִצְוֺתָיו כׇּל־הַיָּמִֽים׃ |
شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ جازا-تەربىيىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىنى، مىسىر زېمىنىدا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈستىگە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرمىگەن بالىلىرىڭلارغا سۆزلىمەيمەن | 2 |
וִֽידַעְתֶּם הַיּוֹם כִּי ׀ לֹא אֶת־בְּנֵיכֶם אֲשֶׁר לֹֽא־יָדְעוּ וַאֲשֶׁר לֹא־רָאוּ אֶת־מוּסַר יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם אֶת־גׇּדְלוֹ אֶת־יָדוֹ הַחֲזָקָה וּזְרֹעוֹ הַנְּטוּיָֽה׃ |
3 |
וְאֶת־אֹֽתֹתָיו וְאֶֽת־מַעֲשָׂיו אֲשֶׁר עָשָׂה בְּתוֹךְ מִצְרָיִם לְפַרְעֹה מֶֽלֶךְ־מִצְרַיִם וּלְכׇל־אַרְצֽוֹ׃ |
(چۈنكى ئۇلار [پەرۋەردىگارنىڭ] مىسىرنىڭ قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى، يەنى قىزىل دېڭىزنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۇلارنى غەرق قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى، | 4 |
וַאֲשֶׁר עָשָׂה לְחֵיל מִצְרַיִם לְסוּסָיו וּלְרִכְבּוֹ אֲשֶׁר הֵצִיף אֶת־מֵי יַם־סוּף עַל־פְּנֵיהֶם בְּרׇדְפָם אַחֲרֵיכֶם וַיְאַבְּדֵם יְהֹוָה עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ |
ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى، | 5 |
וַאֲשֶׁר עָשָׂה לָכֶם בַּמִּדְבָּר עַד־בֹּאֲכֶם עַד־הַמָּקוֹם הַזֶּֽה׃ |
ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛ | 6 |
וַאֲשֶׁר עָשָׂה לְדָתָן וְלַאֲבִירָם בְּנֵי אֱלִיאָב בֶּן־רְאוּבֵן אֲשֶׁר פָּצְתָה הָאָרֶץ אֶת־פִּיהָ וַתִּבְלָעֵם וְאֶת־בָּתֵּיהֶם וְאֶת־אׇהֳלֵיהֶם וְאֵת כׇּל־הַיְקוּם אֲשֶׁר בְּרַגְלֵיהֶם בְּקֶרֶב כׇּל־יִשְׂרָאֵֽל׃ |
[مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن]؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى. | 7 |
כִּי עֵֽינֵיכֶם הָֽרֹאֹת אֶת־כׇּל־מַעֲשֵׂה יְהֹוָה הַגָּדֹל אֲשֶׁר עָשָֽׂה׃ |
ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر | 8 |
וּשְׁמַרְתֶּם אֶת־כׇּל־הַמִּצְוָה אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוְּךָ הַיּוֹם לְמַעַן תֶּחֶזְקוּ וּבָאתֶם וִֽירִשְׁתֶּם אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם עֹבְרִים שָׁמָּה לְרִשְׁתָּֽהּ׃ |
ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. | 9 |
וּלְמַעַן תַּאֲרִיכוּ יָמִים עַל־הָאֲדָמָה אֲשֶׁר נִשְׁבַּע יְהֹוָה לַאֲבֹתֵיכֶם לָתֵת לָהֶם וּלְזַרְעָם אֶרֶץ זָבַת חָלָב וּדְבָֽשׁ׃ |
چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛ | 10 |
כִּי הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתָּה בָא־שָׁמָּה לְרִשְׁתָּהּ לֹא כְאֶרֶץ מִצְרַיִם הִוא אֲשֶׁר יְצָאתֶם מִשָּׁם אֲשֶׁר תִּזְרַע אֶֽת־זַרְעֲךָ וְהִשְׁקִיתָ בְרַגְלְךָ כְּגַן הַיָּרָֽק׃ |
بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ-جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ، | 11 |
וְהָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם עֹבְרִים שָׁמָּה לְרִשְׁתָּהּ אֶרֶץ הָרִים וּבְקָעֹת לִמְטַר הַשָּׁמַיִם תִּשְׁתֶּה־מָּֽיִם׃ |
ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. | 12 |
אֶרֶץ אֲשֶׁר־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ דֹּרֵשׁ אֹתָהּ תָּמִיד עֵינֵי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ בָּהּ מֵֽרֵשִׁית הַשָּׁנָה וְעַד אַחֲרִית שָׁנָֽה׃ |
شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار، | 13 |
וְהָיָה אִם־שָׁמֹעַ תִּשְׁמְעוּ אֶל־מִצְוֺתַי אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶם הַיּוֹם לְאַהֲבָה אֶת־יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם וּלְעׇבְדוֹ בְּכׇל־לְבַבְכֶם וּבְכׇל־נַפְשְׁכֶֽם׃ |
ئۇ: «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛ | 14 |
וְנָתַתִּי מְטַֽר־אַרְצְכֶם בְּעִתּוֹ יוֹרֶה וּמַלְקוֹשׁ וְאָסַפְתָּ דְגָנֶךָ וְתִירֹֽשְׁךָ וְיִצְהָרֶֽךָ׃ |
مەن شۇنداقلا مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت-چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ-ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ. | 15 |
וְנָתַתִּי עֵשֶׂב בְּשָׂדְךָ לִבְהֶמְתֶּךָ וְאָכַלְתָּ וְשָׂבָֽעְתָּ׃ |
قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛ | 16 |
הִשָּֽׁמְרוּ לָכֶם פֶּן יִפְתֶּה לְבַבְכֶם וְסַרְתֶּם וַעֲבַדְתֶּם אֱלֹהִים אֲחֵרִים וְהִשְׁתַּחֲוִיתֶם לָהֶֽם׃ |
بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر. | 17 |
וְחָרָה אַף־יְהֹוָה בָּכֶם וְעָצַר אֶת־הַשָּׁמַיִם וְלֹֽא־יִהְיֶה מָטָר וְהָאֲדָמָה לֹא תִתֵּן אֶת־יְבוּלָהּ וַאֲבַדְתֶּם מְהֵרָה מֵעַל הָאָרֶץ הַטֹּבָה אֲשֶׁר יְהֹוָה נֹתֵן לָכֶֽם׃ |
سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ | 18 |
וְשַׂמְתֶּם אֶת־דְּבָרַי אֵלֶּה עַל־לְבַבְכֶם וְעַֽל־נַפְשְׁכֶם וּקְשַׁרְתֶּם אֹתָם לְאוֹת עַל־יֶדְכֶם וְהָיוּ לְטוֹטָפֹת בֵּין עֵינֵיכֶֽם׃ |
سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ | 19 |
וְלִמַּדְתֶּם אֹתָם אֶת־בְּנֵיכֶם לְדַבֵּר בָּם בְּשִׁבְתְּךָ בְּבֵיתֶךָ וּבְלֶכְתְּךָ בַדֶּרֶךְ וּֽבְשׇׁכְבְּךָ וּבְקוּמֶֽךָ׃ |
ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. | 20 |
וּכְתַבְתָּם עַל־מְזוּזוֹת בֵּיתֶךָ וּבִשְׁעָרֶֽיךָ׃ |
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ. | 21 |
לְמַעַן יִרְבּוּ יְמֵיכֶם וִימֵי בְנֵיכֶם עַל הָֽאֲדָמָה אֲשֶׁר נִשְׁבַּע יְהֹוָה לַאֲבֹתֵיכֶם לָתֵת לָהֶם כִּימֵי הַשָּׁמַיִם עַל־הָאָֽרֶץ׃ |
مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار، | 22 |
כִּי אִם־שָׁמֹר תִּשְׁמְרוּן אֶת־כׇּל־הַמִּצְוָה הַזֹּאת אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶם לַעֲשֹׂתָהּ לְאַהֲבָה אֶת־יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם לָלֶכֶת בְּכׇל־דְּרָכָיו וּלְדׇבְקָה־בֽוֹ׃ |
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر. | 23 |
וְהוֹרִישׁ יְהֹוָה אֶת־כׇּל־הַגּוֹיִם הָאֵלֶּה מִלִּפְנֵיכֶם וִֽירִשְׁתֶּם גּוֹיִם גְּדֹלִים וַעֲצֻמִים מִכֶּֽם׃ |
تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە [ئەفرات] دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. | 24 |
כׇּל־הַמָּקוֹם אֲשֶׁר תִּדְרֹךְ כַּֽף־רַגְלְכֶם בּוֹ לָכֶם יִהְיֶה מִן־הַמִּדְבָּר וְהַלְּבָנוֹן מִן־הַנָּהָר נְהַר־פְּרָת וְעַד הַיָּם הָאַֽחֲרוֹן יִהְיֶה גְּבֻלְכֶֽם׃ |
ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ. | 25 |
לֹא־יִתְיַצֵּב אִישׁ בִּפְנֵיכֶם פַּחְדְּכֶם וּמוֹרַֽאֲכֶם יִתֵּן ׀ יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם עַל־פְּנֵי כׇל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר תִּדְרְכוּ־בָהּ כַּאֲשֶׁר דִּבֶּר לָכֶֽם׃ |
مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ | 26 |
רְאֵה אָנֹכִי נֹתֵן לִפְנֵיכֶם הַיּוֹם בְּרָכָה וּקְלָלָֽה׃ |
مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ | 27 |
אֶֽת־הַבְּרָכָה אֲשֶׁר תִּשְׁמְעוּ אֶל־מִצְוֺת יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶם הַיּֽוֹם׃ |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ. | 28 |
וְהַקְּלָלָה אִם־לֹא תִשְׁמְעוּ אֶל־מִצְוֺת יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם וְסַרְתֶּם מִן־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶם הַיּוֹם לָלֶכֶת אַחֲרֵי אֱלֹהִים אֲחֵרִים אֲשֶׁר לֹֽא־יְדַעְתֶּֽם׃ |
شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر. | 29 |
וְהָיָה כִּי יְבִֽיאֲךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־אַתָּה בָא־שָׁמָּה לְרִשְׁתָּהּ וְנָתַתָּה אֶת־הַבְּרָכָה עַל־הַר גְּרִזִים וְאֶת־הַקְּלָלָה עַל־הַר עֵיבָֽל׃ |
بۇ [تاغلار] ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، گىلگالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا، مەغرىب يولىنىڭ ئارقىسىدا، مورەھتىكى دۇب دەرەخلىرىگە يېقىن يەردە ئەمەسمۇ؟ | 30 |
הֲלֹא־הֵמָּה בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן אַֽחֲרֵי דֶּרֶךְ מְבוֹא הַשֶּׁמֶשׁ בְּאֶרֶץ הַֽכְּנַעֲנִי הַיֹּשֵׁב בָּעֲרָבָה מוּל הַגִּלְגָּל אֵצֶל אֵלוֹנֵי מֹרֶֽה׃ |
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ سىلەر دەرۋەقە ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلىشىسىلەر. | 31 |
כִּי אַתֶּם עֹבְרִים אֶת־הַיַּרְדֵּן לָבֹא לָרֶשֶׁת אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם נֹתֵן לָכֶם וִֽירִשְׁתֶּם אֹתָהּ וִֽישַׁבְתֶּם־בָּֽהּ׃ |
سىلەر مەن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ بارلىق ھۆكۈملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. | 32 |
וּשְׁמַרְתֶּם לַעֲשׂוֹת אֵת כׇּל־הַֽחֻקִּים וְאֶת־הַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר אָנֹכִי נֹתֵן לִפְנֵיכֶם הַיּֽוֹם׃ |