< قانۇن شەرھى 10 >
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاينى ئويۇپ چىقىپ، تاغقا يېنىمغا كەل. ئۆزۈڭگە ياغاچتىن بىر ساندۇق ياسىغىن. | 1 |
N'aquelle mesmo tempo me disse o Senhor: Alisa duas taboas de pedra, como as primeiras, e sobe a mim a este monte, e faze-te uma arca de madeira:
مەن بۇ تاختايلارغا سەن چېقىۋەتكەن ئاۋۋالقى تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يازىمەن؛ سەن ئۇلارنى ساندۇققا قويىسەن» ــ دېدى. | 2 |
E n'aquellas taboas escreverei as palavras que estavam nas primeiras taboas que quebraste, e as porás na arca.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم، ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاي ئويۇپ چىقتىم؛ ئىككى تاختاينى قولۇمدا كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم. | 3 |
Assim, fiz uma arca de madeira de sittim, e alisei duas taboas de pedra, como as primeiras: e subi ao monte com as duas taboas na minha mão.
پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئوت ئىچىدىن تاغدا جامائەت يىغىلغان كۈندە سىلەرگە ئېيتقان شۇ ئون ئەمرنى ئاۋۋالقى پۈتۈكتەك تاختايلارغا يازدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ماڭا تاپشۇردى. | 4 |
Então escreveu nas taboas, conforme á primeira escriptura, os dez mandamentos, que o Senhor vos fallara no dia da congregação, no monte, do meio do fogo: e o Senhor m'as deu a mim
مەن بۇرۇلۇپ تاغدىن چۈشۈپ تاختايلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويدۇم؛ پەرۋەردىگار ماڭا تاپىلىغىنىدەك ئۇلار تېخى ئۇنىڭدا تۇرماقتا. | 5 |
E virei-me, e desci do monte, e puz as taboas na arca que fizera: e ali estão, como o Senhor me ordenou.
شۇ چاغدا ئىسرائىللار بەئەروت-بەنە-يائاكاندىن موسەراھقا يول ئېلىپ ماڭدى؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلدى ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىنلىق قىلدى. | 6 |
E partiram os filhos de Israel de Beeroth-Bene-jaakan a Mosera: ali falleceu Aarão, e ali foi sepultado, e Eleazar, seu filho, administrou o sacerdocio em seu logar.
ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر). | 7 |
D'ali partiram a Gudgod, e de Gudgod a Jotbath, terra de ribeiros de aguas.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. | 8 |
No mesmo tempo o Senhor separou a tribu de Levi, para levar a arca do concerto do Senhor, para estar diante do Senhor, para o servir, e para abençoar em seu nome até ao dia de hoje.
شۇڭا لاۋىي قەبىلىسىنىڭ [ئىسرائىل] قېرىنداشلىرى ئىچىدە نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراسىدۇر. | 9 |
Pelo que Levi com seus irmãos não tem parte na herança: o Senhor é a sua herança, como o Senhor teu Deus lhe tem dito
مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى. | 10 |
E eu estive no monte, como nos dias primeiros, quarenta dias e quarenta noites: e o Senhor me ouviu ainda por esta vez: não quiz o Senhor destruir-te.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى باشلاپ ئالدىدا يول ئالغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىشقا ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرسۇن» ــ دېدى. | 11 |
Porém o Senhor me disse: Levanta-te, põe-te a caminho diante do povo, para que entrem, e possuam a terra que jurei a seus paes dar-lhes.
ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ | 12 |
Agora, pois, ó Israel, que é o que o Senhor teu Deus pede de ti, senão que temas o Senhor teu Deus, que andes em todos os seus caminhos, e o ames, e sirvas ao Senhor teu Deus com todo o teu coração e com toda a tua alma
Para guardar os mandamentos do Senhor, e os seus estatutos, que hoje te ordeno, para o teu bem?
مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مەنسۇپتۇر؛ يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. | 14 |
Eis que os céus e os céus dos céus são do Senhor teu Deus, a terra e tudo o que n'ella ha.
ھالبۇكى، پەرۋەردىگار پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك بارلىق ئەللەر ئارىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى. | 15 |
Tão sómente o Senhor tomou prazer em teus paes para os amar: e a vós, semente d'elles, escolheu depois d'elles, de todos os povos, como n'este dia se vê
شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار. | 16 |
Circumcidae pois o prepucio do vosso coração, e não mais endureçaes a vossa cerviz.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛ | 17 |
Pois o Senhor vosso Deus é o Deus dos deuses, e o Senhor dos senhores, o Deus grande, poderoso e terrivel, que não faz accepção de pessoas, nem acceita recompensas:
ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر. | 18 |
Que faz justiça ao orphão e á viuva, e ama o estrangeiro, dando-lhe pão e vestido.
شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار. | 19 |
Pelo que amareis o estrangeiro, pois fostes estrangeiros na terra do Egypto.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن؛ سەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولغىن، ئۇنىڭغا باغلانغىن ۋە [پەقەت] ئۇنىڭ نامىدىلا قەسەم ئىچكىن. | 20 |
Ao Senhor teu Deus temerás, a elle servirás, e a elle te chegarás, e pelo seu nome jurarás.
ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇ سەن مەدھىيىلەيدىغان، سېنىڭ خۇدايىڭدۇر؛ | 21 |
Elle é o teu louvor e o teu Deus, que te fez estas grandes e terriveis coisas que os teus olhos teem visto.
ئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى؛ ۋە ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى. | 22 |
Com setenta almas teus paes desceram ao Egypto; e agora o Senhor teu Deus te poz como as estrellas dos céus em multidão.