< قانۇن شەرھى 1 >
تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ | 1 |
Éstas son las palabras que Moisés habló a todo Israel en el desierto al otro lado del Jordán, en el Arabá frente a Suf, entre Parán, Tofel, Labán, Hazerot y Di-zahab.
ھورەب تېغىدىن چىقىپ، سېئىر تېغىنىڭ يولى بىلەن قادەش-بارنېئاغا بارغۇچە جەمئىي ئون بىر كۈنلۈك يول ئىدى. | 2 |
Hay 11 jornadas desde Horeb por el camino de la montaña de Seir hasta Cades Barnea.
ھالبۇكى، مۇسا بۇ بارلىق سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى دەپ ئۆزىگە تاپىلىغىنى بويىچە ئىسرائىللارغا ئېيتقان ۋاقتى قىرىقىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى؛ | 3 |
El primero del mes undécimo del año 40, sucedió que Moisés habló a los hijos de Israel conforme a todo lo que Yavé le ordenó acerca de ellos,
بۇ ۋاقىت مۇسا ھەشبوننى پايتەخت قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ۋە ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى پايتەخت قىلغان باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. | 4 |
después de derrotar a Sehón, rey amorreo, que habitaba en Hesbón, y de vencer en Edrei a Og, rey de Basán, quien vivía en Astarot,
شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب زېمىنىدا مۇسا [پەيغەمبەر] بۇ قانۇن-تەلىمنى شەرھلەشكە باشلاپ، مۇنداق دېدى: ــ | 5 |
al otro lado del Jordán en la tierra de Moab. Moisés comenzó a explicar esta Ley:
«پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھورەب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ: ــ «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغ ئەتراپىدا تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ | 6 |
Yavé nuestro ʼElohim nos habló en Horeb: Bastante tiempo permanecieron en esta montaña.
ئەمدى بۇرۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامورىيلار تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىككە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان بارلىق جايلارغا، جۈملىدىن ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە، تاغلىقلارغا، ئويمانلىققا، جەنۇبقا، دېڭىز بويلىرىغا، ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ھەم لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار. | 7 |
Vuelvan y vayan a la montaña del amorreo, a todos los lugares circunvecinos en el Arabá, en la región montañosa, en los valles, en el Neguev, en la costa del mar, a la tierra del cananeo, al Líbano y hasta el gran río Éufrates.
مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى. | 8 |
Miren que pongo delante de ustedes la tierra que Yavé juró a sus antepasados, Abraham, Isaac y Jacob, que la daría a ellos y después de ellos a su descendencia. Entren y tomen posesión de la tierra.
شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. | 9 |
En aquel tiempo les hablé: Yo solo no puedo llevarlos.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر. | 10 |
Yavé su ʼElohim los multiplicó mucho, y ciertamente hoy son como la multitud de las estrellas en el cielo.
ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرنى ھازىرقىدىن يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، شۇنداقلا ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! | 11 |
Yavé, ʼElohim de sus antepasados, los aumente 1.000 veces más de lo que son y los bendiga tal como les habló.
لېكىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداقمۇ سىلەرنىڭ جاپالىرىڭلارنى، يۈكۈڭلارنى ۋە تالاش-تارتىشىڭلارنى كۆتۈرەلەيمەن؟ | 12 |
Pero ¿cómo puedo yo solo soportar sus problemas, la carga de ustedes y su contención?
ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلاردىن دانىشمەن، يورۇتۇلغان مۆتىۋەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىمەن» ــ دېدىم. | 13 |
Denme de sus tribus varones sabios, entendidos y expertos, a quienes yo designe como sus jefes.
سىلەر بولساڭلار ماڭا: ــ «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ياخشى گەپ بولدى»، دېدىڭلار. | 14 |
Y me respondieron: Bueno es hacer lo que dijiste.
شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلاردىن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى، يەنى دانىشمەن ھەم مۆتىۋەر ئادەملەرنى تاللاپ، ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، قەبىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەرخىل ئەمەللەرنى تۇتۇشقا تىكلىدىم. | 15 |
Tomé, pues, los jefes de sus tribus, varones sabios y expertos, y los designé como sus caudillos, como jefes de miles, centenas, cincuentenas y decenas, y como oficiales de sus tribus.
شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛ | 16 |
Entonces mandé a sus jueces: Escuchen a sus hermanos y juzguen justamente entre un hombre y su hermano, o el extranjero que está con él.
ھۆكۈم چىقارغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلماڭلار؛ مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن سىلەر ھەممىسىنىڭلا ئىشلىرىنى سوراڭلار. سىلەر ئىنسانلارنىڭ سۆلىتىدىن قورقماسلىقىڭلار كېرەك، چۈنكى مۇشۇ ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى خۇداغا تەۋە ئىشتۇر. سىلەرگە تەس چۈشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» ــ دېدىم. | 17 |
No hagan distinción de personas en el juicio. Escuchen tanto al pequeño como al grande. No se intimiden delante de ningún hombre, porque el juicio pertenece a ʼElohim. La causa que les sea demasiado difícil la traerán a mí y yo la oiré.
ئەينى چاغدا مەن قىلىشقا كېرەك بولغان بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تاپىلىغانمەن. | 18 |
En aquel tiempo les prescribí todo lo que debían hacer.
بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك ھورەبتىن چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقىغا باردۇق ۋە سىلەر شۇ يولدىكى بىپايان، دەھشەتلىك چۆلنى كۆردۇڭلار؛ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا كەلدۇق. | 19 |
Así que salimos de Horeb y recorrimos todo aquel vasto y terrible desierto que ustedes vieron en el camino hacia la región montañosa del amorreo, tal como Yavé nuestro ʼElohim nos ordenó, y llegamos a Cades Barnea.
ۋە مەن سىلەرگە: ــ «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە ئاتا قىلىدىغان، ئامورىيلارنىڭ تېغىغا يېتىپ كەلدۇق. | 20 |
Entonces les dije: Llegaron ustedes a la región montañosa del amorreo, la cual Yavé nuestro ʼElohim está a punto de darnos.
مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ زېمىننى ئالدىڭلارغا قويدى؛ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار؛ قورقماڭلار، ھېچ ھودۇقماڭلار» ــ دېدىم. | 21 |
Miren, Yavé su ʼElohim colocó esta tierra delante de ustedes. Suban y tomen posesión, tal como Yavé el ʼElohim de sus antepasados les habló. No teman ni se acobarden.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا: ــ «بىز زېمىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئادەملەرنى ئەۋەتەيلى؛ ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، چىقىشىمىز كېرەك بولغان يول ۋە بىز ئۇچرايدىغان شەھەرلەر توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزسۇن» ــ دېدىڭلار. | 22 |
Todos ustedes acudieron a mí, y dijeron: Enviemos varones delante de nosotros para que exploren la tierra, nos informen acerca del camino por el cual debemos subir, y de las ciudades en las cuales entraremos.
بۇ ئىش نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن ئاراڭلاردىن ئون ئىككى ئادەمنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى تاللىدىم. | 23 |
Me pareció acertado el consejo, por lo cual tomé 12 varones de entre ustedes, un varón por cada tribu,
ئۇلار يولغا ئاتلىنىپ تاغقا بېرىپ، ئەشكول جىلغىسىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتى. | 24 |
quienes salieron. Al subir a la montaña llegaron hasta el arroyo de Escol y exploraron la tierra.
ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى. | 25 |
Tomaron fruto de la tierra en sus manos y nos lo llevaron. Nos informaron y dijeron: ¡La tierra que Yavé nuestro ʼElohim nos da es buena!
ھالبۇكى، سىلەر زېمىنغا چىقىشقا ئۇنىمىدىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار | 26 |
Pero no quisieron entrar, sino se rebelaron contra el mandamiento de Yavé su ʼElohim.
ۋە ئۆز چېدىرىڭلاردا قاقشاپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغانلىقىدىن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان. | 27 |
Murmuraron en sus tiendas y dijeron: Porque nos aborrece Yavé nos sacó de la tierra de Egipto para entregarnos en mano del amorreo para destruirnos.
ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار. | 28 |
¿A dónde subiremos? Nuestros hermanos desmayaron nuestro corazón al decir: Este pueblo es más grande y más alto que nosotros. Las ciudades son grandes y amuralladas hasta el cielo, y también vimos allí a los hijos de Anac.
شۇڭا مەن سىلەرگە: «قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ | 29 |
Entonces les dije: No tengan temor ante ellos,
سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىسىر زېمىنىدا كۆز ئالدىڭلاردا بارلىق قىلغانلىرىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ؛ | 30 |
porque Yavé su ʼElohim va delante de ustedes. Él peleará por ustedes, así como lo hizo por ustedes en Egipto ante sus propios ojos.
سىلەر يەنە چۆل-باياۋاندىمۇ بارلىق ماڭغان يوللىرىڭلاردا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگۈچە ئىنسان ئۆز ئوغلىنى قۇچىقىدا كۆتۈرگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭمۇ سىلەرنى كۆتۈرگىنىنى كۆردۇڭلار. | 31 |
También en el desierto, donde vieron cómo Yavé su ʼElohim los llevó como un hombre lleva a su propio hijo, en todo el camino que anduvieron hasta que llegaron a este lugar.
شۇنىڭدەك گەرچە ئۇ يەنە كېچىدە ئوتتا، كۈندۈزدە بۇلۇت ئىچىدە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، بارگاھ تىككۈدەك يەرلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار. | 32 |
Pero ni aun con esto creyeron a Yavé su ʼElohim,
Quien iba delante de ustedes en el camino con fuego de noche y con nube de día para buscarles lugar donde acampar y mostrarles el camino por donde debían andar.
پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ: | 34 |
Entonces Yavé oyó la voz de sus palabras, se airó y juró:
«بۇ رەزىل دەۋردىكىلەردىن ھېچبىر ئادەم ھەرقانداق يول بىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىشنى قەسەم قىلغان بۇ ياخشى زېمىننى كۆرگۈچى بولمايدۇ! | 35 |
Ninguno de los hombres de esta perversa generación verá la buena tierra de la cual juré a sus antepasados que se la daría,
پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، شۇلا زېمىننى كۆرىدۇ ۋە ئۇ ئۆز پۇتى بىلەن كېزىپ چىققان بارلىق يەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بېرىمەن» ــ دەپ قەسەم قىلدى. | 36 |
excepto Caleb, hijo de Jefone. Él la verá. Daré la tierra que pisó a él y a sus hijos, porque siguió con integridad a Yavé.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن. | 37 |
También por causa de ustedes Yavé se airó contra mí y me dijo: Tampoco tú entrarás allá.
لېكىن ئالدىڭدا خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كىرەلەيدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭغا مىراس قىلدۇرىدۇ. | 38 |
Josué, hijo de Nun, quien está delante de ti para servirte, él entrará allá. Anímalo, porque él hará que Israel la herede.
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ: «ئۇلار [دۈشمەنلەرنىڭ] ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان بالىلىرىڭلار بولسا، كىرىدۇ؛ مەن ئۇ يەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. | 39 |
Además sus pequeños, de los cuales ustedes dijeron que serían una presa, y sus hijos que hoy no conocen bien ni mal, entrarán allá porque a ellos la daré. Ellos la tomarán en posesión.
لېكىن سىلەر بولساڭلار، بۇرۇلۇپ قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن چۆل-باياۋانغا قايتتىڭلار» ــ دېدى. | 40 |
Pero ustedes, devuélvanse y vayan hacia el desierto por el camino del mar Rojo.
شۇ چاغدا سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بىز دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە جەڭ قىلغىلى چىقىمىز» ــ دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قورال-ياراقلىرىڭلارنى ئېسىپ، تاغقا چىقماقچى بولدۇڭلار. | 41 |
Entonces me respondieron: Pecamos contra Yavé. Nosotros ciertamente subiremos y pelearemos, tal como Yavé nuestro ʼElohim nos ordenó. Y cada uno se ató sus armas de guerra y se alistó para subir a la región montañosa.
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ئۇلارغا: ــ «چىقماڭلار، جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن؛ سىلەر چوقۇم دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر»، دېگىن، دېدى. | 42 |
Pero Yavé me dijo: Diles: No suban ni peleen, porque Yo no estoy entre ustedes. De otra manera serán derrotados delante de sus enemigos.
مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تاغقا چىقتىڭلار. | 43 |
Les hablé, pero no escucharon, sino se rebelaron contra el mandato de Yavé, y al persistir con altivez, subieron a la montaña.
لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. | 44 |
Los amorreos que habitaban en aquella montaña salieron a su encuentro y los derrotaron, y como hacen las abejas, los persiguieron desde Seír hasta Horma.
سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. | 45 |
Entonces se volvieron y lloraron delante de Yavé, pero Yavé no escuchó su voz ni les prestó oído.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار! | 46 |
Así que fueron muchos días los que permanecieron en Cades.