< قانۇن‭ ‬شەرھى 1 >

تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ 1
در این کتاب، سخنرانی موسی خطاب به قوم اسرائیل، زمانی که آنها در بیابانِ شرق رود اردن بودند، ثبت شده است. آنها در عربه که مقابل سوف، و بین فاران در یک طرف و توفل، لابان، حضیروت و دی ذهب در طرف دیگر قرار داشت، اردو زدند.
ھورەب تېغىدىن چىقىپ، سېئىر تېغىنىڭ يولى بىلەن قادەش-بارنېئاغا بارغۇچە جەمئىي ئون بىر كۈنلۈك يول ئىدى. 2
فاصلهٔ کوه حوریب تا قادش برنیع از طریق کوه سعیر یازده روز است. این سخنرانی در روز اول ماه یازدهم سال چهلم بعد از خروج بنی‌اسرائیل از مصر ایراد شد. در آن زمان، سیحون، پادشاه اموری‌ها که در حشبون حکومت می‌کرد شکست خورده بود و عوج، پادشاه سرزمین باشان که در عشتاروت حکومت می‌کرد، در اَدَرعی مغلوب شده بود. موسی در این سخنرانی به شرح قوانین و دستورهای خداوند می‌پردازد:
ھالبۇكى، مۇسا بۇ بارلىق سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى دەپ ئۆزىگە تاپىلىغىنى بويىچە ئىسرائىللارغا ئېيتقان ۋاقتى قىرىقىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى؛ 3
بۇ ۋاقىت مۇسا ھەشبوننى پايتەخت قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ۋە ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى پايتەخت قىلغان باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب زېمىنىدا مۇسا [پەيغەمبەر] بۇ قانۇن-تەلىمنى شەرھلەشكە باشلاپ، مۇنداق دېدى: ــ 5
«پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھورەب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ: ــ «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغ ئەتراپىدا تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ 6
وقتی ما در کوه حوریب بودیم یهوه خدایمان به ما فرمود: «به اندازه کافی در اینجا مانده‌اید.
ئەمدى بۇرۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامورىيلار تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىككە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان بارلىق جايلارغا، جۈملىدىن ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە، تاغلىقلارغا، ئويمانلىققا، جەنۇبقا، دېڭىز بويلىرىغا، ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ھەم لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار. 7
اکنون بروید و سرزمین کوهستانی اموری‌ها، نواحی درهٔ اردن، دشتها و کوهستانها، صحرای نِگِب و تمامی سرزمین کنعان و لبنان یعنی همهٔ نواحی سواحل مدیترانه تا رود فرات را اشغال نمایید.
مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى. 8
تمامی آن را به شما می‌دهم. داخل شده، آن را تصرف کنید، چون این سرزمینی است که قسم خورده‌ام آن را به نیاکان شما ابراهیم و اسحاق و یعقوب و تمامی نسلهای آیندهٔ ایشان بدهم.»
شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. 9
در آن روزها به مردم گفتم: «شما برای من بار سنگینی هستید و من نمی‌توانم به تنهایی این بار را به دوش بکشم،
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر. 10
چون یهوه خدایتان شما را مثل ستارگان زیاد کرده است.
ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرنى ھازىرقىدىن يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، شۇنداقلا ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! 11
خداوند، خدای نیاکانتان، شما را هزار برابر افزایش دهد و طبق وعده‌اش شما را برکت دهد.
لېكىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداقمۇ سىلەرنىڭ جاپالىرىڭلارنى، يۈكۈڭلارنى ۋە تالاش-تارتىشىڭلارنى كۆتۈرەلەيمەن؟ 12
ولی من چگونه می‌توانم به تنهایی تمامی دعواها و گرفتاریهایتان را حل و فصل نمایم؟
ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلاردىن دانىشمەن، يورۇتۇلغان مۆتىۋەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىمەن» ــ دېدىم. 13
بنابراین از هر قبیله چند مرد دانا و باتجربه و فهمیده انتخاب کنید و من آنها را به رهبری شما منصوب خواهم کرد.»
سىلەر بولساڭلار ماڭا: ــ «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ياخشى گەپ بولدى»، دېدىڭلار. 14
ایشان با این امر موافقت کردند
شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلاردىن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى، يەنى دانىشمەن ھەم مۆتىۋەر ئادەملەرنى تاللاپ، ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، قەبىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەرخىل ئەمەللەرنى تۇتۇشقا تىكلىدىم. 15
و من افرادی را که آنها از هر قبیله انتخاب کرده بودند برایشان گماردم تا مسئولیت گروه‌های هزار، صد، پنجاه و ده نفری را به عهده گرفته، به حل دعواهای آنان بپردازند.
شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛ 16
به آنها دستور دادم که در همه حال، عدالت را کاملاً رعایت کنند، حتی نسبت به غریبه‌ها.
ھۆكۈم چىقارغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلماڭلار؛ مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن سىلەر ھەممىسىنىڭلا ئىشلىرىنى سوراڭلار. سىلەر ئىنسانلارنىڭ سۆلىتىدىن قورقماسلىقىڭلار كېرەك، چۈنكى مۇشۇ ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى خۇداغا تەۋە ئىشتۇر. سىلەرگە تەس چۈشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» ــ دېدىم. 17
به آنها گوشزد کردم: «هنگام داوری از کسی جانبداری نکنید، بلکه نسبت به بزرگ و کوچک یکسان قضاوت نمایید. از مردم نترسید، چون شما از طرف خدا داوری می‌کنید. هر مسئله‌ای که حل آن برایتان مشکل است نزد من بیاورید تا من به آن رسیدگی کنم.»
ئەينى چاغدا مەن قىلىشقا كېرەك بولغان بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تاپىلىغانمەن. 18
در همان وقت دستورهای دیگری را هم که قوم می‌بایست انجام دهند، به ایشان دادم.
بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك ھورەبتىن چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقىغا باردۇق ۋە سىلەر شۇ يولدىكى بىپايان، دەھشەتلىك چۆلنى كۆردۇڭلار؛ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا كەلدۇق. 19
آنگاه طبق دستور خداوند، خدایمان کوه حوریب را ترک گفته، از بیابان بزرگ و ترسناک گذشتیم و سرانجام به میان کوهستانهای اموری‌ها رسیدیم. بعد به قادش برنیع رسیدیم و من به قوم گفتم: «خداوند، خدایمان این سرزمین را به ما داده است. بروید و همچنانکه به ما امر فرموده آن را تصرف کنید. نترسید و هراس به دلتان راه ندهید.»
ۋە مەن سىلەرگە: ــ «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە ئاتا قىلىدىغان، ئامورىيلارنىڭ تېغىغا يېتىپ كەلدۇق. 20
مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ زېمىننى ئالدىڭلارغا قويدى؛ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار؛ قورقماڭلار، ھېچ ھودۇقماڭلار» ــ دېدىم. 21
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا: ــ «بىز زېمىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئادەملەرنى ئەۋەتەيلى؛ ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، چىقىشىمىز كېرەك بولغان يول ۋە بىز ئۇچرايدىغان شەھەرلەر توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزسۇن» ــ دېدىڭلار. 22
ولی آنها جواب دادند: «بیایید افرادی به آنجا بفرستیم تا آن سرزمین را بررسی کنند و گزارشی از شهرهای آنجا به ما بدهند تا ما بدانیم از چه راهی می‌توانیم به آنجا رخنه کنیم.»
بۇ ئىش نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن ئاراڭلاردىن ئون ئىككى ئادەمنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى تاللىدىم. 23
این پیشنهاد را پسندیدم و دوازده نفر، یعنی از هر قبیله یک نفر، انتخاب کردم.
ئۇلار يولغا ئاتلىنىپ تاغقا بېرىپ، ئەشكول جىلغىسىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتى. 24
آنها از میان کوهستانها گذشته، به وادی اشکول رسیده، آنجا را بررسی کردند و با نمونه‌هایی از میوه‌های آن سرزمین بازگشته، گفتند: «سرزمینی که خداوند، خدایمان به ما داده است سرزمین حاصلخیزی است.»
ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى. 25
ھالبۇكى، سىلەر زېمىنغا چىقىشقا ئۇنىمىدىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار 26
ولی قوم از ورود به آنجا خودداری نموده، علیه دستور یهوه خدایتان قیام کردند.
ۋە ئۆز چېدىرىڭلاردا قاقشاپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغانلىقىدىن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان. 27
آنها در خیمه‌هایشان غرغر و شکایت کرده، گفتند: «لابد خداوند از ما بیزار است که ما را از مصر به اینجا آورده تا به دست اموری‌ها کشته شویم.
ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار. 28
کار ما به کجا خواهد کشید؟ برادران ما که آن سرزمین را بررسی کرده‌اند با خبرهایشان ما را ترسانده‌اند. آنها می‌گویند که مردم آن سرزمین بلند قد و قوی هیکل هستند و شهرهایشان بزرگ است و حصارهایشان سر به فلک می‌کشد. آنها غولهایی از بنی‌عناق نیز در آنجا دیده‌اند.»
شۇڭا مەن سىلەرگە: «قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ 29
ولی من به ایشان گفتم: «نترسید و هراس به دلتان راه ندهید.
سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىسىر زېمىنىدا كۆز ئالدىڭلاردا بارلىق قىلغانلىرىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ؛ 30
خداوند، خدای شما هادی شماست و برای شما جنگ خواهد کرد، همان‌طور که قبلاً در مصر و در این بیابان این کار را برای شما کرد. دیده‌اید که در تمام طول راه از شما مراقبت کرده است همان‌طور که یک پدر از بچه‌اش مواظبت می‌کند.»
سىلەر يەنە چۆل-باياۋاندىمۇ بارلىق ماڭغان يوللىرىڭلاردا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگۈچە ئىنسان ئۆز ئوغلىنى قۇچىقىدا كۆتۈرگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭمۇ سىلەرنى كۆتۈرگىنىنى كۆردۇڭلار. 31
شۇنىڭدەك گەرچە ئۇ يەنە كېچىدە ئوتتا، كۈندۈزدە بۇلۇت ئىچىدە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، بارگاھ تىككۈدەك يەرلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار. 32
ولی با این همه به یهوه خدایتان اعتماد نکردند،
33
هر چند خداوند در طول راه آنها را هدایت می‌نمود و پیشاپیش آنها حرکت می‌کرد تا مکانی برای بر پا کردن اردویشان پیدا کند، و شبها با ستونی از آتش و روزها با ستونی از ابر آنها را راهنمایی می‌نمود.
پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ: 34
آری، خداوند شکوه‌هایشان را شنید و بسیار خشمگین شد و قسم خورده، گفت: «حتی یک نفر از تمامی این نسل شریر زنده نخواهد ماند تا سرزمین حاصلخیزی را که به پدرانشان وعده داده بودم ببیند
«بۇ رەزىل دەۋردىكىلەردىن ھېچبىر ئادەم ھەرقانداق يول بىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىشنى قەسەم قىلغان بۇ ياخشى زېمىننى كۆرگۈچى بولمايدۇ! 35
پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، شۇلا زېمىننى كۆرىدۇ ۋە ئۇ ئۆز پۇتى بىلەن كېزىپ چىققان بارلىق يەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بېرىمەن» ــ دەپ قەسەم قىلدى. 36
مگر کالیب پسر یَفُنه. من زمینی را که او بررسی کرده است به او و به نسلش خواهم داد، زیرا از من اطاعت کامل نمود.»
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن. 37
خداوند به خاطر آنها بر من نیز خشمناک شد و به من فرمود: «تو نیز به سرزمین موعود داخل نخواهی شد.
لېكىن ئالدىڭدا خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كىرەلەيدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭغا مىراس قىلدۇرىدۇ. 38
به جای تو، دستیارت یوشع (پسر نون) قوم را هدایت خواهد کرد. او را تشویق کن تا برای به عهده گرفتن رهبری آماده شود.»
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ: «ئۇلار [دۈشمەنلەرنىڭ] ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان بالىلىرىڭلار بولسا، كىرىدۇ؛ مەن ئۇ يەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. 39
سپس خداوند خطاب به همهٔ ما فرمود: «من سرزمین موعود را به همان اطفالی که می‌گفتید دشمنان، آنها را به اسارت خواهند برد، به ملکیت خواهم داد.
لېكىن سىلەر بولساڭلار، بۇرۇلۇپ قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن چۆل-باياۋانغا قايتتىڭلار» ــ دېدى. 40
اما شما اکنون برگردید و از راهی که به سوی دریای سرخ می‌رود به بیابان بروید.»
شۇ چاغدا سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بىز دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە جەڭ قىلغىلى چىقىمىز» ــ دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قورال-ياراقلىرىڭلارنى ئېسىپ، تاغقا چىقماقچى بولدۇڭلار. 41
آنگاه قوم اسرائیل اعتراف نموده، به من گفتند: «ما گناه کرده‌ایم؛ اما اینک به آن سرزمین می‌رویم و همان‌طور که خداوند، خدایمان به ما امر فرموده است برای تصاحب آن خواهیم جنگید.» پس اسلحه‌هایشان را به کمر بستند و گمان کردند که غلبه بر تمامی آن ناحیه آسان خواهد بود.
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ئۇلارغا: ــ «چىقماڭلار، جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن؛ سىلەر چوقۇم دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر»، دېگىن، دېدى. 42
ولی خداوند به من گفت: «به ایشان بگو که این کار را نکنند، زیرا من با ایشان نخواهم رفت و دشمنانشان آنها را مغلوب خواهند کرد.»
مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تاغقا چىقتىڭلار. 43
من به ایشان گفتم، ولی گوش ندادند. آنها مغرور شده، فرمان خداوند را اطاعت نکردند و برای جنگیدن به کوهستان برآمدند.
لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 44
ولی اموری‌هایی که در آنجا ساکن بودند برای مقابله با آنها بیرون آمده، مثل زنبور ایشان را دنبال کردند و از سعیر تا حرمه آنها را کشتند.
سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. 45
آنگاه قوم اسرائیل بازگشته، در حضور خداوند گریستند، ولی خداوند گوش نداد.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار! 46
سپس آنها مدت مدیدی در قادش ماندند.

< قانۇن‭ ‬شەرھى 1 >