< دانىيال 9 >
مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) | 1 |
Prve godine Darija sina Asvirova od plemena Midskoga, koji se zacari nad carstvom Haldejskim,
يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. | 2 |
Prve godine njegova carovanja ja Danilo razumjeh iz knjiga broj godina, koje bješe rekao Gospod Jeremiji proroku da æe se navršiti razvalinama Jerusalimskim, sedamdeset godina.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. | 3 |
I okretoh lice svoje ka Gospodu Bogu tražeæi ga molitvom i molbama s postom i s kostrijeti i pepelom.
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! | 4 |
I pomolih se Gospodu Bogu svojemu i ispovijedajuæi se rekoh: o Gospode, Bože veliki i strašni, koji držiš zavjet i milost onima koji te ljube i drže zapovijesti tvoje;
بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، | 5 |
Zgriješismo i zlo èinismo i bismo bezbožni, i odmetnusmo se i otstupismo od zapovijesti tvojih i od zakona tvojih.
شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق. | 6 |
I ne slušasmo sluga tvojih proroka, koji govorahu u tvoje ime carevima našim, knezovima našim i ocima našim i svemu narodu zemaljskom.
ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. | 7 |
U tebe je, Gospode, pravda a u nas sram na licu, kako je danas, u Judejaca i u Jerusalimljana i u svijeh Izrailjaca, koji su blizu i koji su daleko po svijem zemljama kuda si ih razagnao za grijehe njihove, kojima ti griješiše.
ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. | 8 |
Gospode, u nas je sram na licu, u careva naših, u knezova naših i u otaca naših, jer ti zgriješismo.
ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. | 9 |
U Gospoda je Boga našega milost i praštanje, jer se odmetnusmo od njega,
بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. | 10 |
I ne slušasmo glasa Gospoda Boga svojega da hodimo po zakonima njegovijem, koje nam je dao preko sluga svojih proroka.
پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. | 11 |
I sav Izrailj prestupi zakon tvoj, i otstupi da ne sluša glasa tvojega; zato se izli na nas prokletstvo i zakletva napisana u zakonu Mojsija sluge Božijega, jer mu zgriješismo.
سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! | 12 |
I on potvrdi rijeèi svoje koje je govorio za nas i za sudije naše, koje su nam sudile, pustivši na nas zlo veliko, da tako ne bi pod svijem nebom kako bi u Jerusalimu.
مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. | 13 |
Kako je pisano u zakonu Mojsijevu, sve to zlo doðe na nas, i opet se ne molismo Gospodu Bogu svojemu da bismo se vratili od bezakonja svojega i pazili na istinu tvoju.
دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. | 14 |
I Gospod nasta oko zla i navede ga na nas; jer je pravedan Gospod Bog naš u svijem djelima svojim koja èini, jer ne slušasmo glasa njegova.
ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! | 15 |
Ali sada, Gospode Bože naš, koji si izveo narod svoj iz zemlje Misirske rukom krjepkom, i stekao si sebi ime, kako je danas, zgriješismo, bezbožni bismo.
ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. | 16 |
Gospode, po svoj pravdi tvojoj neka se odvrati gnjev tvoj i jarost tvoja od grada tvojega Jerusalima, svete gore tvoje; jer sa grijeha naših i s bezakonja otaca naših Jerusalim i tvoj narod posta rug u svijeh koji su oko nas.
ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. | 17 |
Sada dakle poslušaj, Bože naš, molitvu sluge svojega i molbe njegove, i obasjaj licem svojim opustjelu svetinju svoju, Gospoda radi.
ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. | 18 |
Bože moj, prigni uho svoje, i èuj; otvori oèi svoje, i vidi pustoš našu i grad, na koji je prizvano ime tvoje, jer ne pravde svoje radi nego radi velike milosti tvoje padamo pred tobom moleæi se.
ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!». | 19 |
Gospode, usliši, Gospode, oprosti, Gospode, pazi i uèini, ne èasi, sebe radi, Bože moj, jer je tvoje ime prizvano na ovaj grad i na tvoj narod.
مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، | 20 |
A dok ja još govorah i moljah se i ispovijedah grijeh svoj i grijeh naroda svojega Izrailja, i padah moleæi se pred Gospodom Bogom svojim za svetu goru Boga svojega,
تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. | 21 |
Dok još govorah moleæi se, onaj èovjek Gavrilo, kojega vidjeh prije u utvari, doletje brzo i dotaèe me se o veèernjoj žrtvi.
جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. | 22 |
I nauèi me i govori sa mnom i reèe: Danilo, sada izidoh da te urazumim.
سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن: | 23 |
U poèetku molitve tvoje izide rijeè, i ja doðoh da ti kažem, jer si mio; zato slušaj rijeè, i razumij utvaru.
ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. | 24 |
Sedamdeset je nedjelja odreðeno tvome narodu i tvome gradu svetom da se svrši prijestup i da nestane grijeha i da se oèisti bezakonje i da se dovede vjeèna pravda, i da se zapeèati utvara i proroštvo, i da se pomaže sveti nad svetima.
شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. | 25 |
Zato znaj i razumij: otkad izide rijeè da se Jerusalim opet sazida do pomazanika vojvode biæe sedam nedjelja, i šezdeset i dvije nedjelje da se opet pograde ulice i zidovi, i to u teško vrijeme.
بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. | 26 |
A poslije te šezdeset i dvije nedjelje pogubljen æe biti pomazanik i ništa mu neæe ostati; narod æe vojvodin doæi i razoriti grad i svetinju; i kraj æe mu biti s potopom, i odreðeno æe pustošenje biti do svršetka rata.
ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ». | 27 |
I utvrdiæe zavjet s mnogima za nedjelju dana, a u polovinu nedjelje ukinuæe žrtvu i prinos; i krilima mrskim, koja pustoše, do svršetka odreðenoga izliæe se na pustoš.