< دانىيال 8 >
پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. | 1 |
"Im dritten Jahre der Regierung Belsazars, des Königs, wurde ein Gesicht mir, Daniel, zuteil, das nach dem ersten mir geworden.
غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆزۈمنى ئېلام ئۆلكىسىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. كۆرۈنۈشتە مەن ئۇلاي چوڭ ئۆستىڭى بويىدا ئىدىم. | 2 |
Ich schaute ein Gesicht. Als es mir ward, befand ich mich zu Susa, in der Burg, die in der Landschaft Elam liegt. Ich schaute aber im Gesicht, daß ich am Tore, das zum Ulai führte, war.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقارنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز بولۇپ، بىر مۈڭگۈز يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى؛ ئېگىزرەك بولغان مۈڭگۈز يەنە بىرسىدىن كېيىنرەك ئۆسۈپ چىققانىدى. | 3 |
Ich schlug nun meine Augen auf und sah: Da stand ein Widder mit zwei Hörnern vor dem Fluß. Die Hörner waren hoch. Doch war das eine höher als das andere. Das höhere aber ragte hinten auf.
مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ۋە ھېچكىم ھېچكىمنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى، بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. | 4 |
Ich sah den Widder stoßen gegen Westen, Norden und nach Süden. Kein einzig Tier getraute sich, ihm standzuhalten; keines konnte sich vor seiner Übermacht erretten. Was ihm beliebte, tat er und er wurde übergroß.
مەن بۇ توغرۇلۇق ئويلاۋاتاتتىم، مانا، غەرب تەرەپتىن بىر تېكە پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن ھالدا پۈتۈن جاھاننى كېزىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىدى. | 5 |
Noch hing ich der Betrachtung nach; da kam ein Ziegenbock von Westen her, durchlief die ganze Erde; doch berührte er den Boden nicht. Ein ganz beträchtlich Horn stand zwischen seinen Augen.
ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەن ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغان ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ قەھرى بىلەن شىددەتلىك ئېتىلدى. | 6 |
Er kam bis zu dem Widder mit zwei Hörnern, den ich am Flusse hatte stehen sehen; er rannte auf ihn zu mit seinem Ungestüm.
مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كېلىپ، غەزەپ بىلەن قوچقارنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. قوچقارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغانىدى، تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ-چەيلىدى، تېكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى. | 7 |
Wie er dem Widder nahe war, sah ich ihn wütend nach ihm stoßen. Er brach ihm beide Hörner ab. Der Widder hatte nicht die Kraft zum Widerstand. Der Bock warf ihn zu Boden und trat ihn mit den Füßen, und keinen gab es, der den Widder seiner Wut entriß.
تېكە بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ خېلى كۈچىيىپ بولغاندا، چوڭ مۈڭگۈزى سۇنۇپ چۈشۈپ، ئەسلىدىكى جايىدىن ئاسماندىكى تۆت شامالغا قاراپ تۇرىدىغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. | 8 |
Der Ziegenbock ward übermäßig groß. Wie er am höchsten war, zerbrach das große Horn. An seiner Stelle kamen andre vier hervor nach den vier Himmelswinden.
بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. | 9 |
An einem jener Hörner brach ein kleines Horn hervor. Doch es erstreckte sich gewaltig hin nach Süd und Ost und nach dem Wunderlande.
ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى | 10 |
Es reckte sich empor bis zu dem Himmelsheer und stürzte manche von dem Heer, ja manche Sterne auf die Erde und trat sie da mit Füßen.
(ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى. | 11 |
Es streckte sich empor bis zu des Heeres Fürsten. Sein täglich Opfer ward ihm weggenommen und sein heiliger Sitz entweiht.
ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. | 12 |
Der Sünde wegen ward das Heer mitsamt dem Opfer preisgegeben. Was hehr und heilig war, das warf das Horn zu Boden. Es unternahm's und hatte Glück damit.
كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. | 13 |
Nun hört' ich einen Heiligen sprechen. Zu einem andern nämlich sprach ein Heiliger: 'Bis wann erfüllt sich die in dem Gesicht geschaute Sünde, die in Vernichtung jenes Opfers und des Heiligtums, in der Zertretung jener Schar besteht?'
ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: ــ بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ــ دېدى. | 14 |
Er sagte zu mir hin: 'Bis auf zweitausend und dreihundert Abendmorgen. Dann wird das Heiligtum gereinigt.'
بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى. | 15 |
Nachdem ich, Daniel, gesehen das Gesicht, wünschte ich mir eine Deutung, und siehe, einer, wie ein Mann gestaltet, stand vor mir.
ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. | 16 |
Nun hört' ich eine Menschenstimme zwischen des Ulai Ufern; sie rief: 'O Gabriel, erkläre dem da drüben das Gesicht!'
[جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى. | 17 |
Da ging er auf mich zu, und als er näher kam, fiel ich erschrocken auf mein Angesicht. Er sprach zu mir: 'Merk auf, du Menschensohn! Denn auf die letzte Zeit geht das Gesicht.'
ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ | 18 |
Als er so zu mir sprach, fiel ich betäubt zur Erde auf mein Angesicht. Da rührte er mich an und richtete mich wieder auf.
«مەن ھازىر ساڭا [خۇدانىڭ] غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر. | 19 |
Er sprach: 'Ich tu dir kund, was in des Zornes letzter Zeit geschehen wird. Es geht ja auf die Zeit des Endes.
سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. | 20 |
Der Widder mit zwei Hörnern, den du sahst, bezeichnet Könige von Medien und Persien.
ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۈڭگۈز بولسا، ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر. | 21 |
Der Ziegenbock den Griechenkönig, und das große Horn, das zwischen seinen Augen ist, den ersten König.
ئۇ مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن ئۆسۈپ چىققان ھېلىقى تۆت مۈڭگۈز بۇ ئەلنىڭ تۆت پادىشاھلىققا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى بىرىنچى پادىشاھلىققا يەتمەيدۇ. | 22 |
Und daß vier andere, nachdem das Horn zerbrochen war, an seiner Statt erschienen, dies bedeutet, daß vier Reiche aus dem selben Volk hervorgehn, doch nicht von gleicher Stärke.
بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. | 23 |
Und gegen ihrer Herrschaft Schluß, wenn die Verschuldungen ihr höchstes Maß erreicht, dann tritt ein unverschämter, ränkevoller König auf,
ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ. | 24 |
und er verstärkt sich seine Macht, doch nicht durch seine Kraft. Er wird erstaunliche Verwüstungen bewirken und doch glücklich sein bei seinem Unterfangen; Mächtige wird er verderben, auch das Volk der Heiligen.
ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ. | 25 |
Ist ihm durch seine Schlauheit dann geglückt sein täuschendes Beginnen, so tötet er im Übermute seines Herzens viele unversehens; gegen den Fürsten aller Fürsten steht er auf. Er aber wird zerschmettert durch den Eingriff einer Macht.
ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر». | 26 |
Und wahr ist das Gesicht von Abendmorgen, wovon die Rede war. Halt aber selber das Gesicht geheim! Es geht auf späte Zeiten.'
مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. | 27 |
Ich, Daniel, war dadurch angegriffen und eine Zeitlang krank und, wiederhergestellt, tat ich zwar königlichen Dienst; doch blieb ich voll Erstaunen über das Gesicht, das jedem unverständlich blieb."