< دانىيال 7 >
بەلشازار بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا يېتىپ چۈشىدە بىرنەچچە غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردى. ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ خاتىرىلىۋالدى: ــ | 1 |
In the first year of Baltasar king of Babylon, Daniel saw a dream: and the vision of his head was upon his bed: and writing the dream, he comprehended it in few words: and relating the sum of it in short, he said:
كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. | 2 |
I saw in my vision by night, and behold the four winds of the heaven strove upon the great sea.
دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى. | 3 |
And four great beasts, different one from another, came up out of the sea.
بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى. | 4 |
The first was like a lioness, and had the wings of an eagle: I beheld till her wings were plucked off, and she was lifted up from the earth, and stood upon her feet as a man, and the heart of a man was given to her.
مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى. | 5 |
And behold another beast like a bear stood up on one side: and there were three rows in the mouth thereof, and in the teeth thereof, and thus they said to it: Arise, devour much flesh.
قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى. | 6 |
After this I beheld, and lo, another like a leopard, and it had upon it four wings as of a fowl, and the beast had four heads, and power was given to it.
ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. | 7 |
After this I beheld in the vision of the night, and lo, a fourth beast, terrible and wonderful, and exceeding strong, it had great iron teeth, eating and breaking in pieces, and treading down the rest with its feet: and it was unlike to the other beasts which I had seen before it, and had ten horns.
مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى. | 8 |
I considered the horns, and behold another little horn sprung out of the midst of them: and three of the first horns were plucked up at the presence thereof: and behold eyes like the eyes of a man were in this horn, and a mouth speaking great things.
مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. | 9 |
I beheld till thrones were placed, and the Ancient of days sat: his garment was white as snow, and the hair of his head like clean wool: his throne like flames of fire: the wheels of it like a burning fire.
ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى. | 10 |
A swift stream of fire issued forth from before him: thousands of thousands ministered to him, and ten thousand times a hundred thousand stood before him: the judgment sat, and the books were opened.
ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى. | 11 |
I beheld because of the voice of the great words which that horn spoke: and I saw that the beast was slain, and the body thereof was destroyed, and given to the fire to be burnt:
قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى. | 12 |
And that the power of the other beasts was taken away: and that times of life were appointed them for a time, and time.
كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. | 13 |
I beheld therefore in the vision of the night, and lo, one like the son of man came with the clouds of heaven, and he came even to the Ancient of days: and they presented him before him.
ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس. | 14 |
And he gave him power, and glory, and a kingdom: and all peoples, tribes and tongues shall serve him: his power is an everlasting power that shall not be taken away: and his kingdom that shall not be destroyed.
مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى. | 15 |
My spirit trembled, I Daniel was affrighted at these things, and the visions of my head troubled me.
مەن يېقىن تۇرغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ غايىبانە ئالامەتلەرنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا تەبىر بېرىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ | 16 |
I went near to one of them that stood by, and asked the truth of him concerning all these things, and he told me the interpretation of the words, and instructed me:
«بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. | 17 |
These four great beasts are four kingdoms, which shall arise out of the earth.
لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ». | 18 |
But the saints of the most high God shall take the kingdom: and they shall possess the kingdom for ever and ever.
مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى، | 19 |
After this I would diligently learn concerning the fourth beast. which was very different from all, and exceeding terrible: his teeth and claws were of iron: he devoured and broke in pieces, and the rest he stamped upon with his feet:
شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ــ ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى. | 20 |
And concerning the ten horns that he had on his head: and concerning the other that came up, before which three horns fell: and of that horn that had eyes, and a mouth speaking great things, and was greater than the rest.
قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛ | 21 |
I beheld, and lo, that horn made war against the saints, and prevailed over them,
«ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، [خۇدانىڭ] مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى. | 22 |
Till the Ancient of days came and gave judgment to the saints of the most High, and the time came, and the saints obtained the kingdom.
[تەبىر بەرگۈچى] چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. | 23 |
And thus he said: The fourth beast shall be the fourth kingdom upon earth, which shall be greater than all the kingdoms, and shall devour the whole earth, and shall tread it down, and break it in pieces.
ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. | 24 |
And the ten horns of the same kingdom, shall be ten kings: and another shall rise up after them, and he shall be mightier than the former, and he shall bring down three kings.
ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. | 25 |
And he shall speak words against the High One, and shall crush the saints of the most High: and he shall think himself able to change times and laws, and they shall be delivered into his hand until a time, and times, and half a time.
ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ. | 26 |
And judgment shall sit, that his power may be taken away, and be broken in pieces, and perish even to the end.
لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ». | 27 |
And that the kingdom, and power, and the greatness of the kingdom, under the whole heaven, may be given to the people of the saints of the most High: whose kingdom is an everlasting kingdom, and all kings shall serve him, and shall obey him.
بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنكى دانىيال، ئۆز ئويلىرىم ئۆزۈمنى ئالاقزادە قىلدى، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. بىراق بۇ ئىشنى قەلبىمدە پۈكۈپ ساقلىدىم. | 28 |
Hitherto is the end of the word. I Daniel was much troubled with my thoughts, and my countenance was changed in me: but I kept the word in my heart.