< دانىيال 6 >
پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى. | 1 |
他認為更好在國內設立一百二十個總督,分治全國;
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ ۋەزىرلەرنى نازارەت قىلىپ، بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ دانىيال ۋە باشقا ئىككى كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. | 2 |
在這些總督之上另設三位監察史-達尼爾便是其中之一-各總督應向他們述職,這樣可免君王煩勞。
دانىيالدا ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا نازارەتچىلەردىن ۋە ۋەزىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىمەكچى بولدى. | 3 |
這位達尼爾,由於他具有超凡的精神,辦事勝過其他監察史和總督,所以君王有意立他治理全國。
شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى. | 4 |
因此監察史和總督,竭力在達尼爾處理國事上,尋找機會陷害他,卻總不能找到任何可控告他的事實和過失,因為達尼爾忠信可靠,所以在他身上總找不到任何疏忽和過錯。
شۇڭا شۇ ئادەملەر ئۆزئارا: ــ دانىيالنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق باھانە تاپالمايمىز، ــ دېيىشتى. | 5 |
於是這些人說道:「我們若不在他的神的法律上尋找,就找不到陷害達尼爾的任何事。」
شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! | 6 |
這些監察史和總督,便群集到君王前,對君王說:「達理阿大王,萬歲!
ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن! | 7 |
國內的眾監察史、知縣、總督、大臣和省長,都計議請下一道詔書,立一禁令:三十天內,凡不向你大王,而向任何神祇或任何人祈求的,應將他投入獅子圈內。
ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى. | 8 |
大王! 請你現在就立刻下這道禁令,簽署這項文告,人就不能再更改,因為按瑪待人和波斯人的法律,那是不可更改的。」
شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى. | 9 |
達理阿遂簽署了這文告禁令。
دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى. | 10 |
達尼爾一知道君王簽署了這項文告,便回了家。他樓房的窗戶是向著耶路撒冷開的-他每天仍照常三次屈膝跪拜,祈求稱謝自己的天主,如往日所行的一樣。
لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. | 11 |
那些人群集前來,看見達尼爾正在自己的天主前祈求哀禱,
ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. | 12 |
他們遂去見君王,向他提及禁令說:「陛下不是簽署了這樣的一道禁令:三十天內,凡不向大王,而向任何神祇或任何人祈求的,應將他投入獅子圈內嗎﹖」君王回答說:「確有此事! 照瑪待人和波斯人的法律是不可更改的。」
ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. | 13 |
他們便對君王說道:「大王! 猶大俘虜中的那個達尼爾,竟然不介意陛下和陛下所簽署的禁令,仍照常一日三次自作祈禱。」
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى. | 14 |
君王聽了這些話,十分難過,有心要救達尼爾,君王直到日落要設法解救他。
لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېيىشتى. | 15 |
但是那些人又群集到君王前,對君王說:「大王! 陛下要知道瑪待人和波斯人的法律:凡君王所立的禁令和法令,是不可更改的。」
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: ــ سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! ــ دېدى. | 16 |
君王於是下令,將達尼爾逮捕投入獅子圈內。君王對達尼爾說:「願你恒心恭敬的天主拯救救你! 」
بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. | 17 |
遂即移了一塊大石,封住圈口,君王蓋上自己的御璽,大臣們蓋上自己的印章,免得達尼爾的案件發生意外的變化。
ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. | 18 |
然後君王回了王宮,整夜絕食,斷絕娛樂,並徹夜失眠未睡。
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. | 19 |
清晨,天一亮,君王便起來,急速往獅子圈去了,
پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ــ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. | 20 |
一來到獅子圈旁,就哀聲呼喊,向達尼爾說道:「永生天主的僕人達尼爾! 你恒心恭敬的天主真能由獅子口裏拯救你嗎﹖」
دانىيال جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! | 21 |
達尼爾遂對君王說:「大王萬歲!
خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. | 22 |
我的天主曾打發他的天使閉住獅子的口,一點沒有傷害我,因為我在他面前是無罪的;大王! 我即在陛下面前,也從沒有做過什麼傷害人的事。」
بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى. | 23 |
君王非常高興,遂下令將達尼爾從獅子圈裏提出來。達尼爾便從獅子圈裏被提出來,他身上絲毫沒有受到損傷,因為他信賴了自己的天主。
ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى. | 24 |
君王遂下令逮捕那些控告達尼爾的人,將他們和他們的兒子、妻子,都投入獅子圈裏,他們還沒有到獅子圈底,獅子就向他們撲來,捉住他們,將他們的骨頭全咬碎了。
شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! | 25 |
達理阿於是詔告居民於普世的各民族,各邦國及各異語人民說:「願平安常與你們同在!
مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! ــ چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ. | 26 |
我今頒發詔書,諭令我所統轄的全國人民,都應在達尼爾的天主前起敬起畏,因為他是生活永在的天主,他的國永不滅亡,他的王權永遠常存。
ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى». | 27 |
他拯救施援,在天上地下實行神蹟奇事;是他拯救達尼爾脫免獅子的爪牙。」
دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى. | 28 |
這位達尼爾就這樣在達理阿和波斯人居魯士為王時,事事亨通。