< دانىيال 4 >
«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! | 1 |
King Nebuchadnezzar, to people of every nation and language in the whole world: I wish you well!
ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم. | 2 |
It is my pleasure to share with you an account of the signs and wonders the Most High God has done for me.
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ! | 3 |
His signs are incredible. His wonders are amazing! His kingdom is an eternal kingdom, and his rule will last for all generations!
مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقىنىمدا، | 4 |
I, Nebuchadnezzar, was doing well at home, living happily in my palace.
مېنى ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى. | 5 |
But then one night I had a dream that really scared me—I saw visions that terrified me while I lay in my bed.
بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم. | 6 |
So I ordered all the wise men of Babylon brought before me to explain the dream to me.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى. | 7 |
When the magicians, enchanters, astrologers, and diviners came in I told them the dream, but they couldn't explain to me what it meant.
لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا: | 8 |
In the end Daniel came before me and I told him the dream. (He is also called Belteshazzar after my god, and he has the spirit of the holy gods in him.)
ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم. | 9 |
“Belteshazzar, chief of magicians,” I said, “I certainly know that the spirit of the holy gods is in you and that no mystery is difficult for you to explain. So tell me about what I saw in my dream and explain what it means.
ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش. | 10 |
As I lay in bed dreaming, I saw a tree in the middle of the earth—a really large tree.
ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن. | 11 |
It grew strong and tall, reaching high into the sky so it could be seen by everyone in the whole world.
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن. | 12 |
Its leaves were beautiful, and it was full of fruit for all to eat. Wild animals rested in its shade, and birds nested in its branches. It fed all living creatures.
ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ، | 13 |
As I went on dreaming, lying on my bed, I saw a watcher, a holy one, coming down from heaven.
مۇنداق جاكارلىدى: ــ «دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ چېچىۋېتىڭلار. دەرەخ تۈۋىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئۇنىڭ شاخلىرىدىكى قۇشلار تېزىپ كەتسۇن. | 14 |
He cried out in a loud voice, ‘Cut down the tree and chop off its branches! Shake off its leaves and scatter its fruit! Drive the animals away from its shade, and scare off the birds from its branches.
يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن. | 15 |
But leave the stump and its roots in the ground, and bind it with iron and bronze, surrounded by the new grass of the field. Let him become soaked with the dew of heaven, and let him live with the animals outside in the undergrowth.
ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن. | 16 |
Let his mind become like that of an animal. Let him be like this for seven times.
دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر». | 17 |
This is the decree conveyed by the watchers, the verdict declared by the holy ones in order that everyone alive may know that the Most High rules over human kingdoms. He gives them to whoever he chooses—he puts the most humble individuals in charge.’
ــ مەن پادىشاھ نېبوغادنەسار مانا شۇنداق چۆشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن. | 18 |
This is what I, King Nebuchadnezzar, saw in my dream. Now it's up to you, Belteshazzar, to give me the explanation as you have before. None of the wise men in my kingdom could explain it to me. But you can, because the spirit of the holy gods is in you.”
شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. پادىشاھ: ــ ئەي بەلتەشاسار، بۇ چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى ئالاقزادە قىلمىسۇن، ــ دېدى. بەلتەشاسار جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، بۇ چۈش سىلىدىن نەپرەتلەنگەنلەرگە بولسۇن، ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزلىرىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە چۈشكەي! | 19 |
When Daniel (also called Belteshazzar) heard this, he was upset for a while, disturbed as he thought about it. The king told him, “Belteshazzar, don't be worried about the dream and what it means.” “My lord, I only wish this dream was for those who hate you and the explanation for your enemies,” Daniel replied.
بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى! ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. | 20 |
“The tree you saw was growing strong and tall, reaching high into the sky so it could be seen by everyone in the whole world.
Its leaves were beautiful, and it was full of fruit for all to eat. Wild animals lived under its shade, and birds nested in its branches.
ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. | 22 |
This is you, Your Majesty. You have grown strong, your power has become so great that it has reached high into the sky, and your rule extends to the ends of the earth.
ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇرپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ. | 23 |
Then Your Majesty saw a watcher, a holy one, coming down from heaven who said, ‘Cut down the tree and destroy it, but leave the stump and its roots in the ground, and bind it with iron and bronze, surrounded by the new grass of the field. Let him become soaked with the dew of heaven and let him live with the animals outside in the undergrowth. Let his mind become like that of an animal. Let him be like this for seven times.’
ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ | 24 |
This is what it means, Your Majesty, and what the Most High has decreed will happen to my lord the king.
ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ. | 25 |
You will be driven away from human society and you will live with the wild animals. You will eat grass like the cattle, and you will be soaked with the dew of heaven. You will be like this for seven times until you acknowledge that the Most High rules over human kingdoms, and that he gives them to those he chooses.
«دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. | 26 |
However, as it was decreed, the stump and its roots were to be left in the ground. Your kingdom will be restored to you when you acknowledge that Heaven rules.
شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟ | 27 |
So, Your Majesty, please take my advice. Stop sinning and do what's right. End your iniquities and be merciful to the oppressed. Maybe then things will continue to go well for you.”
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى. | 28 |
(However, all this did happen to King Nebuchadnezzar.
ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ: | 29 |
Twelve months later he was walking on the roof of the royal palace in Babylon.
ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 30 |
He said, “I was the one who built this great city of Babylon! By my own great power I built it as my royal residence for my majestic glory!”
ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ: ــ ئەي پادىشاھ نېبوقادنەسار، بۇ سۆز ساڭا كەلدى: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى. | 31 |
The words were still on the king's lips when a voice came from heaven, “King Nebuchadnezzar, this is what is decreed concerning you: the kingdom has been taken away from you.
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى. | 32 |
You will be driven away from human society and you will live with the wild animals. You will eat grass like the cattle, and you will become soaked with the dew of heaven. You will be like this for seven times until you acknowledge that the Most High rules over human kingdoms, and that he gives them to whoever he chooses.”
بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى. | 33 |
Immediately the decree was fulfilled, and Nebuchadnezzar was driven away from human society. He ate grass like the cattle, and his body was soaked with the dew of heaven. His hair grew matted like a vulture, and his nails like bird claws.)
ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر. | 34 |
Once the time had passed, I, Nebuchadnezzar, looked up to heaven and my sanity returned to me. I blessed and praised the Most High and worshiped the One who lives forever. His rule is an eternal rule, and his kingdom lasts for all generations.
ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ | 35 |
Everyone who lives on earth are as nothing compared to him. He does whatever he chooses among the heavenly host and among those who live on earth. No one can hold him back from what he does, or ask him, “What are you doing?”
شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم. | 36 |
When my sanity returned, then my kingdom, majesty, and splendor also returned to me. My advisors and nobles came looking for me, and I was restored as ruler over my kingdom, even greater than before.
ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!». | 37 |
So now I, Nebuchadnezzar, praise, honor, and glorify the King of Heaven, for everything he does is right, and his ways are true. He is able to humble those who are proud.