< دانىيال 2 >
نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. | 1 |
I sit andet regeringsår drømte Nebukadnezar, og hans sind blev uroligt, så han ikke kunde sove
شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. | 2 |
Så lod Kongen Drømmetyderne, Manerne, Sandsigerne og Kaldæerne kalde, for at de skulde sige ham, hvad han havde drømt. Og de kom og trådte frem for Kongen.
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 3 |
Da sagde Kongen til dem: "Jeg har haft en Drøm, og mit Sind falder ikke til Ro, før jeg får at vide, hvad den betyder."
ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى. | 4 |
Kaldæerne svarede Kongen (på Aramaisk") ): "Kongen leve evindelig! Sig dine Trælle Drømmen, så skal vi tyde den."
پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! | 5 |
Men Kongen svarede Kaldæerne: "Mit Ord står fast! Hvis I ikke både kundgør mig Drømmen og tyder den, skal I hugges sønder og sammen og eders Huse gøres til Skarndynger;
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى. | 6 |
men gengiver I mig Drømmen og tyder den, får I Skænk og Gave og stor Ære af mig. Gengiv mig, derfor Drømmen og tyd den!"
ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم: ــ ئالىيلىرى چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، ئاندىن ئۆزلىرىگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ــ دېدى. | 7 |
De svarede atter: "Kongen sige sine Trælle Drømmen, så skal vi tyde den."
بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن: ــ شۈبھىسىزىكى، سىلەر پەرمانىمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتىسىلەر. | 8 |
Kongen svarede: "Nu ved jeg for vist, at I kun søger at vinde Tid, fordi I ser, mit Ord står fast,
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى. | 9 |
så eders Dom kun kan blive een, hvis I ikke kundgør mig Drømmen, og at I derfor er blevet enige om at lyve for mig og føre mig bag Lyset, til der kommer andre Tider. Sig mig derfor Drømmen, så jeg kan vide, at I også kan tyde mig den."
كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس. | 10 |
Kaldæerne svarede Kongen: "Der findes ikke et Menneske på Jorden, som kan sige, hvad Kongen ønsker at vide; aldrig har jo heller nogen Konge, hvor stor og tnægtig han end var, krævet sligt af nogen Drømmetyder, Maner eller Kaldæer;
چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى. | 11 |
hvad Kongen kræver, er umuligt, og der er ingen, som kan sige kongen det, undtagen Guderne, og de bor ikke hos de dødelige."
پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. | 12 |
Herover blev Kongen vred og såre harmfuld, og han bød, at alle Babels Vismænd skulde henrettes.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا [خىزمەتكارلىرى] دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى. | 13 |
Da nu Befalingen var udgået, og man skulde til at slå Vismændene ihjel, ledte man også efter Daniel og hans Venner for at slå dem ihjel.
شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ | 14 |
Da henvendte Daniel sig med kloge og vel overvejede Ord til Arjok, Øversten for Kongens Livvagt, som var draget ud for at slå Babels Vismænd ihjel.
ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. | 15 |
Han tog til Orde og spurgte Arjok, Kongens Høvedsmand: "Hvorfor er så skarp en Befaling udgået fra Kongen?" Og da Arjok havde sat ham ind i Sagen,
دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. | 16 |
gik Daniel ind til Kongen og bad ham give sig en Frist, så skulde han tyde Kongen Drømmen.
ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى. | 17 |
Så gik Daniel hjem og satte sine Venner Hananja, Misjael og Azarja ind i Sagen,
ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى. | 18 |
og han pålagde dem at bede Himmelens Gud om Barmbjertighed, så han åbenbarede Hemmeligheden, for at ikke Daniel og hans Venner skulde blive henrettet med Babels andre Vismænd.
ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى: | 19 |
Da blev Hemmeligheden åbenbaret Daniel i et Nattesyn; og Daniel priste Himmelens Gud,
«خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. | 20 |
tog til Orde og sagde: "Lovet være Guds Navn fra Evighed og til Evighed, thi ham tilhører Visdom og Styrke!
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. | 21 |
Han lader Tider og Stunder skifte, afsætter og indsætter konger, giver de vise deres Visdom og de indsigtsfulde deres Viden;
ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر. | 22 |
han åbenbarer det dybe og lønlige; han ved, hvad Mørket gemmer, og Lyset bor hos ham.
ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ». | 23 |
Dig, mine Fædres Gud, takker og priser jeg, fordi du gav mig Visdom og Styrke, og nu har du kundgjort mig, hvad vi bad dig om; thi hvad Kongen vil vide, har du kundgjort os!"
ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى. | 24 |
Derfor gik Daniel til Arjok, hvem Kongen havdepålagt at henrette Babels Vismænd, og sagde til ham: "Henret ikke Babels Vismænd, men før mig frem for Kongen, så vil jeg tyde ham Drømmen!"
ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى. | 25 |
Så førte Arjok i Hast Daniel frem for Kongen og sagde til ham: "Jeg har blandt de bortførte Judæere fundet en Mand, som vil tyde Kongen Drømmen!"
پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى. | 26 |
Kongen tog til Orde og spurgte Daniel, som havde fået Navnet Beltsazzar: "Er du i Stand til at kundgøre mig den Drøm, jeg har haft, og tyde den?"
دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. | 27 |
Daniel svarede Kongen: "Den Hemmelighed, Kongen ønsker at vide, kan Vismænd, Manere, Drømmetydere og Stjernetydere ikke sige kongen;
بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ | 28 |
men der er en Gud i Himmelen, som åbenbarer Hemmeligheder, og han har kundgjort Kong Nebukadnezar, hvad der skal ske i de sidste Dage:
ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. | 29 |
Du tænkte, o Konge, på dit Leje over, hvad der skal ske i Fremtiden, og han, som åbenbarer Hemmeligheder, kundgjorde dig, hvad der skal ske.
ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. | 30 |
Og mig er denne Hemmelighed åbenbaret, ikke ved nogen Visdom, som jeg har forud for alle andre levende Væsener, men for at Drømmen kan blive tydet Kongen, så du kan kende dit Hjertes Tanker.
ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. | 31 |
Du så, o Konge, for dig en vældig Billedstøtte; denne Billedstøtte var stor og dens Glans overmåde stærk; den stod foran dig, og dens Udseende var forfærdeligt.
ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، | 32 |
Billedstøttens Hoved var af fint Guld, Bryst og Arme af Sølv, Bug og Lænder af Kobber.
يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. | 33 |
Benene af Jern og Fødderne halvt af Jern og halvt af Ler.
ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. | 34 |
Således skuede du, indtil en Sten reves løs, dog ikke ved Menneskehænder, og ramte Billedstøttens Jern og Lerfødder og knuste dem;
ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى. | 35 |
og på een Gang knustes Jern, Ler, Kobber, Sølv og Guld og blev som Avner fra Sommerens Tærskepladser, og Vinden bar det sporløst bort; men Stenen, som ramte Billedstøtten, blev til et stort Bjerg, der fyldte hele Jorden.
كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. | 36 |
Således var Drømmen, og nu vil vi tyde Kongen den:
ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. | 37 |
Du, o Konge, Kongernes Konge, hvem Himmelens Gud gav Kongedømme, Magt, Styrke og Ære,
ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. | 38 |
i hvis Hånd han gav Menneskene, så vide de bor, Markens Dyr og Himmelens Fugle, så han gjorde dig til Hersker over dem alle du er Hovedet, som var af Guld.
ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. | 39 |
Men efter dig skal der komme et andet Rige, ringere end dit, og derpå atter et tredje Rige, som er af Kobber, og hvis Herredømme skal strække sig over hele Jorden.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. | 40 |
Siden skal der komme et fjerde Rige, stærkt som Jern; thi Jern knuser og søndrer alt; og som Jem sønderslår, skal det knuse og sønderslå alle hine Riger.
ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. | 41 |
Men når du så Fødderne og Tæerne halvt af Pottemagerler og halvt af Jern, betyder det, at det skal være et Rige uden Sammenhold; dog skal det have noget af Jernets Fasthed, thi du så jo, at Jern var blandet med Ler.
تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. | 42 |
Og at Tæerne var halvt af Jern og halvt af Ler, betyder, at Riget delvis skal være stærkt, delvis svagt.
ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ [پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ] پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. | 43 |
Og når du så, at Jernet var blandet med Ler, betyder det, at de skal indgå Ægteskaber med hverandre, men dog ikke indbyrdes holde sammen, så lidt som Jern kan blandes med Ler.
ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. | 44 |
Men i hine Kongers Dage vil Himmelens Gud oprette et Rige, som aldrig i Evighed skal forgå. og Herredømmet skal ikke gå over til noget andet Folk; det skal knuse og tilintetgøre alle hine Riger, men selv stå i al Evighed;
ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. | 45 |
thi du så jo, at en Sten reves løs fra Klippen, dog ikke ved Menneskehænder, og knuste Jern, Ler, Kobber, Sølv og Guld. En stor Gud har kundgjort Kongen, hvad der skal ske herefter; og Drømmen er sand og Tydningen troværdig."
ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى. | 46 |
Så faldt Kong, Nebukadnezar på sit Ansigt og bøjede sig for Daniel, og han bød, at man skulde bringe ham Ofre og Røgelse.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى. | 47 |
Og Kongen tog til Orde og sagde til Daniel "I Sandhed, eders Gud er Gudernes Gud og Kongernes Herre, og han kan åbenbare Hemmeligheder, siden du har kunnet åbenbare denne Hemmelighed."
ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى. | 48 |
Derpå ophøjede Kongen Daniel og, gav ham mange store Gaver, og han satte ham til Herre over hele Landsdelen Babel og til Overherre over alle Babels Vismænd.
دانىيالنىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلىشى بىلەن، پادىشاھ شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىدى. دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى. | 49 |
Men på Daniels Bøn overdrog kongen Sjadrak, Mesjak og Abed Nego at styre Landsdelen Babel, medens Daniel selv blev i Kongens Gård.