< دانىيال 12 >
ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. | 1 |
Tego czasu powstanie Michał, książę wielki, który się zastawia za synami ludu twego; a będzie czas uciśnienia, jakiego nie było, jako narody poczęły być, aż do tego czasu; tego, mówię, czasu wyswobodzony będzie lud twój, ktokolwiek znaleziony będzie napisany w księgach.
تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. | 2 |
A wiele z tych, którzy śpią w prochu ziemi, ocucą się, jedni ku żywotowi wiecznemu, a drudzy na pohańbienie i na wzgardę wieczną.
ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». | 3 |
Ale ci, którzy innych nauczają, świecić się będą jako światłość na niebie, a którzy wielu ku sprawiedliwości przywodzą, jako gwiazdy na wieki wieczne.
ئۇ ماڭا يەنە: ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى. | 4 |
Ale ty, Danijelu! zamknij te słowa, i zapieczętuj tę księgę aż do czau naznaczonego; bo to wiele ich przebieży, a rozmnoży się umiejętność.
مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. | 5 |
I widziałem ja Danijel, a oto drudzy dwaj stali, jeden stąd nad brzegiem rzeki, a drugi z onąd nad drugim brzegiem rzeki;
ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 6 |
I rzekł do męża obleczonego w szatę lnianą, który stał nad wodą onej rzeki: Kiedyż przyjdzie koniec tym dziwnym rzeczom?
ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى. | 7 |
I usłyszałem tego męża obleczonego w szatę lnianą, który stał nad wodą onej rzeki, że podniósłszy prawicę swoję i lewicę swoję ku niebu przysiągł przez Żyjącego na wieki, iż po zamierzonym czasie i po zamierzonych czasach i po połowie czasu, i gdy do szczętu rozproszy siłą ręki ludu świętego, tedy się to wszystko wypełni.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم. | 8 |
A gdym ja to słyszał a nie zrozumiałem, rzekłem: Panie mój! cóż za koniec będzie tych rzeczy?
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. | 9 |
Tedy rzekł: Idź, Danijelu! bo zawarte i zapieczętowane są te słowa aż do czasu zamierzonego.
نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. | 10 |
Oczyszczonych i wybielonych i doświadczonych wiele będzie, a niezbożni niezbożnie czynić będą; nadto wszyscy niezbożni nie zrozumieją, ale mądrzy zrozumieją.
كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. | 11 |
A od tego czasu, którego odjęta będzie ofiara ustawiczna, a postawiona będzie obrzydliwość spustoszenia, będzie dni tysiąc, dwieście i dziewięćdziesiąt.
ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! | 12 |
Błogosławiony, kto doczeka a dojdzie do tysiąca trzech set trzydziestu i pięciu dni.
ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن». | 13 |
Ale ty idź do miejsca twego, a odpoczniesz, i zostaniesz w losie twoim aż do skończenia dni.