< دانىيال 11 >

مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم. 1
Men Médialiq Darius padishah bolghan birinchi yilidila, uni mustehkemlesh hem kücheytish üchün ornumdin qozghalghanidim.
ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ. 2
Emdi men sanga heqiqetni éytip bérey: — Buningdin kéyin Parsqa yene üch padishah hökümranliqqa chiqidu; kéyin tötinchi padishah chiqip, bashqa padishahlardinmu köptin köp mal-dunyani toplaydu; u mal-dunyaliridin qudret tépip, hemme yurtlarni Grétsiyege jeng qilishqa qozghaydu.
ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. 3
Uningdin kéyin küchlük bir padishah meydan’gha chiqidu. U zor padishahliqni idare qilip, némini xalisa shuni qilidu.
لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. 4
Lékin u hoquq yürgüzüwatqinida, padishahliqi parchilinip asmanning töt shamal teripige bölünüp kétidu. Uning textige ewladliri warisliq qilalmaydu, kéyinki padishahliq u höküm sürgen waqtidikidek küchlük bolmaydu; chünki uning padishahliqi aghdurulup, bashqilargha tewe bolup kétidu.
ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. 5
Uningdiki serdarlarning ichidin biri «jenubiy padishah» bolup küchiyidu; lékin yene bir serdar uningdinmu küchlük bolidu we özining téximu chong padishahliqini soraydu.
بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، [جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ] بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ. 6
Birnechche yil ötkendin kéyin, [jenubiy padishah shimaliy padishah] bilen ittipaq tüzidu; jenubiy padishahning qizi shu ittipaqni mustehkemlesh üchün shimaliy padishahning yénigha baridu. Lékin kéyin bu qiz érishken hoquqidin mehrum qilinidu; shimaliy padishah özimu hoquqini qolida tutalmay, mezmut turalmaydu. Bu qiz we uni élip kelgenler, uning balisi hem shu waqitlarda uni qollighuchilarning hemmisige satqunluq qilinidu.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ [ئاتا جەمەت] تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ [پادىشاھ بولۇپ]، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. 7
Halbuki, uning [ata jemet] tughqinidin biri qoshunning hoquqini qoligha élip [padishah bolup], shimaliy padishahning qorghinigha bésip kirip, ulargha qarshi hujum qilip chong ghelibe qilidu.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. 8
U ularning ilah-butliri, quyma mebudliri we butxaniliridiki altun-kümüshtin yasalghan jam-qachilarni Misirgha élip kétidu. U birnechche yil shimaliy padishahtin özini néri qilidu.
شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ. 9
Shimaliy padishah jenubiy padishahning zéminigha bésip kiridu, lékin axiri öz yurtigha chékinidu.
شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. 10
Shimaliy padishahning shahzadiliri qozghilip, zor qoshun teshkilleydu. Shahzadilerdin biri kelkündek kélip jenubqa bésip kiridu. Kéyin u yene jeng qilip, düshmen qorghinighichimu bésip kiridu.
جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. 11
Jenubiy padishah qattiq ghezepte qoshun tartip jengge atlinip, shimaliy padishahqa hujum qilidu. Shimaliy padishah zor bir qoshunni jengge salidu, lékin uning shu zor qoshuni meghlup bolup esirge élinidu.
شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. 12
Shu zor qoshunning esirge élinishi bilen jenubiy padishah intayin meghrurlinidu. U tümenligen ademlerni yoqitidu, biraq uning ghelibisi uzun dawamlashmaydu.
چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ. 13
Chünki shimaliy padishah yurtigha qaytip, burunqidinmu köp we küchlük qoshun teshkilleydu. Békitilgen yillar toshqandin kéyin u zor qudretlik qoshunni köp teminatlar bilen qoshup bashlap kélidu.
ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. [ئى دانىيال ــ ] سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 14
U chaghda nurghun kishiler jenubiy padishahqa qarshi turup uninggha qarshi qozghilang kötüridu. [I Daniyal —] séning xelqing ichidiki zorawanlar mushu ghayibane alamettiki bésharetni emelge ashurmaqchi bolup, yoghanchiliq qilidu, lékin ular meghlup bolidu.
شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ. 15
Shimaliy padishah potey sélip mustehkem sheherni muhasire hujumi qilip bésiwalidu. Jenubdiki küchler, hetta eng xil qoshunlarmu berdashliq bérelmeydu, ularning qarshiliq qilghudek küchi qalmaydu.
شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. 16
Shimaldiki tajawuzchi bolsa özi xalighanche ish qilidu, uninggha héchkim qarshiliq qilalmaydu. U «güzel zémin»ni ishghal qilidu; uning qolida uni weyran qilghuchi küch bolidu.
[شىمالىي پادىشاھ] بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ [مىسىرغا] يول ئالىدۇ؛ ئۇ [مىسىر] بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق [مىسىرنىڭ] ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى [مىسىر] پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن [قىزى] ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ. 17
[Shimaliy padishah] bel baghlap padishahliqidiki barliq küchlerni seperwer qilip [Misirgha] yol alidu; u [Misir] bilen ehde tüzidu, özi ehdide turghandek qilidu. Biraq [Misirning] hakimiyitini aghdrurush üchün u ayallirining bir qizini [Misir] padishahigha béridu. Lékin [qizi] atisi terepte turmaydu, uni qollimaydu.
كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. 18
Kéyin u déngiz boyidiki yurtlargha hujum qilip, nurghun ademlerni esirge alidu. Lékin yat bir serdar uning kishilerni xar qilishlirini chekleydu we eksiche, uning bu xarlashlirini özige yanduridu.
ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. 19
U öz yurtidiki qorghanlargha chékinip kélidu. Lékin axirida u putlinip yoqilip kétidu.
كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ». 20
Kéyin uning ornigha yene bir padishah textke olturidu; u padishahliqning eng shan-shereplik jayigha bir zalim alwangbégini ewetidu. Lékin u uzun ötmeyla, malimanchiliqmu bolmay, jengmu bolmay öltürülidu».
ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. 21
— «Shuningdin kéyin pes bir adem uning ornigha chiqip shimaliy padishahliqni alidu; emma padishahliqning hörmet-shöhriti uninggha héch tewe bolmaydu, dep qarilidu; lékin u xelqning asayishliq peytidin paydilinip, yalaqchiliq wasitiliri bilen hakimiyetni tartiwalidu.
زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «[خۇدانىڭ] ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. 22
Zéminigha kelkündek bésip kirgen küchlerni u hem kelkündek hujum qilip yoqitidu, shuningdek u hettaki «[Xudaning] ehdiside békitilgen emir»nimu yoqitidu.
شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ. 23
Shertname tüzüsh arqiliq u bashqa yurtlarni aldaydu; ademliri kichik bir qoshun bolsimu, lékin uning küchi awup-awup, qudret tapidu.
ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. 24
U xalayiqning asayishliq peytidin paydilinip, eng bay ölkilerge tajawuz qilip kirip, atiliri yaki atilirining atiliri zadi qilip baqmighan ishlarni qilidu, yeni u oljini, ghenimetlerni we nurghun bayliqlarni qol astidikilirige üleshtürüp béridu; melum bir mezgilgiche qorghanlarghimu hujum qilish qestide bolidu.
ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. 25
U öz küchini ishqa sélip chong gheyret bilen qozghilip, zor qoshunni bashlap, jenubiy padishahqa hujum qilidu. Jenubiy padishahmu nahayiti zor qudretlik bir qoshun bilen jengge atlinidu. Lékin jenubiy padishah xainlarning yoshurun suyiqestige uchrap, muweppeqiyet qazinalmaydu.
چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. 26
Chünki uning nazu-németlirini yégenler uni yiqitidu. Uning qoshuni hemme yerge tarqilidu; nurghunliri öltürülidu.
كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. 27
Kéyin, bu ikki padishah bir-birini qestliship, yaman niyet bilen bir dastixanda tamaq yéyiship, bir-birige yalghan gep qilishidu; lékin bu ishlar héchkimge payda yetküzmeydu, chünki bu ishlarning axiri peqet belgilen’gen waqittila bolidu.
[شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. 28
[Shimaliy padishah] nurghun mal-mülüklerni élip öz yurtigha qaytidu. U könglide Xudaning xelqi bilen tüzgen muqeddes ehdige qarshi turidu; shuning bilen u ehdige qarshi heriketlerni qilip, andin öz yurtigha qaytidu.
بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. 29
Belgilen’gen waqitta shimaliy padishah yenila jenubqa tajawuz qilidu; lékin bu qétimqi ehwal ilgirikige we yene kélip eng axirqi qétimqisidiki bilenmu oxshimaydu.
چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە [خۇدانىڭ] ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. 30
Chünki Kittim arilidin chiqqan kémiler hujum qilip kélidu. Shunga u derd-elem bilen chékinidu we [Xudaning] Öz xelqi bilen tüzgen muqeddes ehdisige qarap intayin ghezeplinidu, uninggha qarshi xalighinini qilidu; shundaqla chékinip yan’ghanda muqeddes ehdige asiyliq qilghuchilarni etiwarlaydu.
ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. 31
Uning teripide turghan birnechche küchler qorghan bolghan muqeddes ibadetxanini bulghaydu, «kündilik qurbanliq»ni emeldin qalduridu we «weyran qilghuchi yirginchlik nomussizliq»ni uning ornigha qoyidu.
ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. 32
U muqeddes ehdige xainliq qilghuchilarni xushamet-hiyligerlik bilen chirikleshtüridu; lékin öz Xudasini dost tutquchi xelq bolsa qeyserlik bilen heriket qilidu.
خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 33
Xelq ichidiki aqillar nurghun qérindashlirigha telim yetküzidu; lékin birnechche künler ularning beziliri qilichta yiqilidu, otta köydürülüp öltürülidu, zindan’gha chüshidu yaki bulang-talanggha uchraydu.
يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. 34
Yiqilghan waqitlirida, Xudaning xelqi azghine yardemge ige bolidu. Emma nurghun kishler ularning qatirigha xushamet-hiyligerlik bilen soqunup kiridu.
بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ. 35
Bezi aqillar yiqilidu. Lékin ularning yiqilishi özlirining sinilishi, tawlinish-tazilinishi, qiyamet künigiche paklinishi üchündur. Chünki axiret Xuda belgiligen waqittila kélidu.
شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. 36
Shimaliy padishah öz meyliche qiliwéridu; u tekebburliship, özini herqandaq ilahlardinmu ulughlap üstün qoyup, hetta hemme Ilahlarning Ilahi Bolghuchigha ajayib kupurluq söz qilidu; taki Xudaning ghezipi toluq tökülgen künigiche u dawamliq zor ronaq tapidu. Chünki Xudaning békitkini emelge ashmay qalmaydu.
بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. 37
Bu padishah ata-bowiliri choqun’ghan ilahlarghimu pisent qilmaydu, ayallarghimu héchqandaq hewes qilmaydu. Emeliyette u herqandaq ilahni hörmetlimeydu, chünki u özini herqandaq ilahtin ulugh dep qaraydu.
بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. 38
Bularning ornida u «küchler ilahi»ni hörmetleydu; uning ata-bowilirimu ezeldin choqunmighan bu ilahni bolsa u altun, kümüsh, yaqut we bashqa qimmetlik sowghatlarni teqdim qilip hörmetleydu.
ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. 39
U eng mustehkem qorghanlarni shundaq bir gheyriy ilahqa tayinip igileydu. Kimki uning hökümranliqigha béqinsa, u shulargha shereplik mensep béridu, ularni köpchilikni bashquridighan qilidu we in’am süpitide yer-zéminni teqsim qilip béridu.
ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. 40
Axir zaman kelgende, jenubiy padishah esker chiqirip uninggha hujum qilidu. Shimaliy padishah jeng harwiliri, atliq eskerler we nurghun kémiler bilen quyundek uninggha qayturma zerbe béridu. U barliq yurtlargha tajawuz qilip, kelkündek téship keng yer-zéminlarni basidu.
ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 41
U hetta «güzel zémin»gha bésip kiridu; nurghun eller azdurulup yiqitilidu. Lékin bular, yeni Édomlar, Moablar we Ammonlarning chongliri uning qolidin qutulup qalidu.
شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 42
Shimaliy padishah barliq döletlerge qolini sozidu, Misir zéminimu qéchip qutulalmaydu.
ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. 43
U Misirning altun-kümüsh bayliqliri we bashqa qimmet bahaliq buyumlirini talan-taraj qilidu. Liwiyelikler we Éfiopiyilikler uninggha boysunup egishidu.
كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ 44
Kéyin sherq we shimaldin kelgen shepiler uni alaqzade qilidu. U téximu derghezep bolup nurghun kishini qirghinchiliq qilip öltürimen dep jeng qozghaydu
ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ». 45
We déngizlarning otturisida, körkem muqeddes tagh teripige orda chédirlirini tikidu. Lékin uning ejili shu yerde toshidu we héchkim uni qutquzmaydu».

< دانىيال 11 >