مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم. | 1 |
ואני בשנת אחת לדריוש המדי עמדי למחזיק ולמעוז לו׃ |
ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ. | 2 |
ועתה אמת אגיד לך הנה עוד שלשה מלכים עמדים לפרס והרביעי יעשיר עשר גדול מכל וכחזקתו בעשרו יעיר הכל את מלכות יון׃ |
ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. | 3 |
ועמד מלך גבור ומשל ממשל רב ועשה כרצונו׃ |
لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. | 4 |
וכעמדו תשבר מלכותו ותחץ לארבע רוחות השמים ולא לאחריתו ולא כמשלו אשר משל כי תנתש מלכותו ולאחרים מלבד אלה׃ |
ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. | 5 |
ויחזק מלך הנגב ומן שריו ויחזק עליו ומשל ממשל רב ממשלתו׃ |
بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، [جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ] بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ. | 6 |
ולקץ שנים יתחברו ובת מלך הנגב תבוא אל מלך הצפון לעשות מישרים ולא תעצר כוח הזרוע ולא יעמד וזרעו ותנתן היא ומביאיה והילדה ומחזקה בעתים׃ |
ھالبۇكى، ئۇنىڭ [ئاتا جەمەت] تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ [پادىشاھ بولۇپ]، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. | 7 |
ועמד מנצר שרשיה כנו ויבא אל החיל ויבא במעוז מלך הצפון ועשה בהם והחזיק׃ |
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. | 8 |
וגם אלהיהם עם נסכיהם עם כלי חמדתם כסף וזהב בשבי יבא מצרים והוא שנים יעמד ממלך הצפון׃ |
شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ. | 9 |
ובא במלכות מלך הנגב ושב אל אדמתו׃ |
شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. | 10 |
ובנו יתגרו ואספו המון חילים רבים ובא בוא ושטף ועבר וישב ויתגרו עד מעזה׃ |
جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. | 11 |
ויתמרמר מלך הנגב ויצא ונלחם עמו עם מלך הצפון והעמיד המון רב ונתן ההמון בידו׃ |
شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. | 12 |
ונשא ההמון ירום לבבו והפיל רבאות ולא יעוז׃ |
چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ. | 13 |
ושב מלך הצפון והעמיד המון רב מן הראשון ולקץ העתים שנים יבוא בוא בחיל גדול וברכוש רב׃ |
ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. [ئى دانىيال ــ ] سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. | 14 |
ובעתים ההם רבים יעמדו על מלך הנגב ובני פריצי עמך ינשאו להעמיד חזון ונכשלו׃ |
شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ. | 15 |
ויבא מלך הצפון וישפך סוללה ולכד עיר מבצרות וזרעות הנגב לא יעמדו ועם מבחריו ואין כח לעמד׃ |
شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. | 16 |
ויעש הבא אליו כרצונו ואין עומד לפניו ויעמד בארץ הצבי וכלה בידו׃ |
[شىمالىي پادىشاھ] بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ [مىسىرغا] يول ئالىدۇ؛ ئۇ [مىسىر] بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق [مىسىرنىڭ] ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى [مىسىر] پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن [قىزى] ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ. | 17 |
וישם פניו לבוא בתקף כל מלכותו וישרים עמו ועשה ובת הנשים יתן לו להשחיתה ולא תעמד ולא לו תהיה׃ |
كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. | 18 |
וישב פניו לאיים ולכד רבים והשבית קצין חרפתו לו בלתי חרפתו ישיב לו׃ |
ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. | 19 |
וישב פניו למעוזי ארצו ונכשל ונפל ולא ימצא׃ |
كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ». | 20 |
ועמד על כנו מעביר נוגש הדר מלכות ובימים אחדים ישבר ולא באפים ולא במלחמה׃ |
ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. | 21 |
ועמד על כנו נבזה ולא נתנו עליו הוד מלכות ובא בשלוה והחזיק מלכות בחלקלקות׃ |
زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «[خۇدانىڭ] ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. | 22 |
וזרעות השטף ישטפו מלפניו וישברו וגם נגיד ברית׃ |
شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ. | 23 |
ומן התחברות אליו יעשה מרמה ועלה ועצם במעט גוי׃ |
ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. | 24 |
בשלוה ובמשמני מדינה יבוא ועשה אשר לא עשו אבתיו ואבות אבתיו בזה ושלל ורכוש להם יבזור ועל מבצרים יחשב מחשבתיו ועד עת׃ |
ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. | 25 |
ויער כחו ולבבו על מלך הנגב בחיל גדול ומלך הנגב יתגרה למלחמה בחיל גדול ועצום עד מאד ולא יעמד כי יחשבו עליו מחשבות׃ |
چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. | 26 |
ואכלי פת בגו ישברוהו וחילו ישטוף ונפלו חללים רבים׃ |
كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. | 27 |
ושניהם המלכים לבבם למרע ועל שלחן אחד כזב ידברו ולא תצלח כי עוד קץ למועד׃ |
[شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. | 28 |
וישב ארצו ברכוש גדול ולבבו על ברית קדש ועשה ושב לארצו׃ |
بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. | 29 |
למועד ישוב ובא בנגב ולא תהיה כראשנה וכאחרנה׃ |
چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە [خۇدانىڭ] ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. | 30 |
ובאו בו ציים כתים ונכאה ושב וזעם על ברית קודש ועשה ושב ויבן על עזבי ברית קדש׃ |
ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. | 31 |
וזרעים ממנו יעמדו וחללו המקדש המעוז והסירו התמיד ונתנו השקוץ משומם׃ |
ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. | 32 |
ומרשיעי ברית יחניף בחלקות ועם ידעי אלהיו יחזקו ועשו׃ |
خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. | 33 |
ומשכילי עם יבינו לרבים ונכשלו בחרב ובלהבה בשבי ובבזה ימים׃ |
يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. | 34 |
ובהכשלם יעזרו עזר מעט ונלוו עליהם רבים בחלקלקות׃ |
بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ. | 35 |
ומן המשכילים יכשלו לצרוף בהם ולברר וללבן עד עת קץ כי עוד למועד׃ |
شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. | 36 |
ועשה כרצונו המלך ויתרומם ויתגדל על כל אל ועל אל אלים ידבר נפלאות והצליח עד כלה זעם כי נחרצה נעשתה׃ |
بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. | 37 |
ועל אלהי אבתיו לא יבין ועל חמדת נשים ועל כל אלוה לא יבין כי על כל יתגדל׃ |
بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. | 38 |
ולאלה מעזים על כנו יכבד ולאלוה אשר לא ידעהו אבתיו יכבד בזהב ובכסף ובאבן יקרה ובחמדות׃ |
ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. | 39 |
ועשה למבצרי מעזים עם אלוה נכר אשר הכיר ירבה כבוד והמשילם ברבים ואדמה יחלק במחיר׃ |
ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. | 40 |
ובעת קץ יתנגח עמו מלך הנגב וישתער עליו מלך הצפון ברכב ובפרשים ובאניות רבות ובא בארצות ושטף ועבר׃ |
ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. | 41 |
ובא בארץ הצבי ורבות יכשלו ואלה ימלטו מידו אדום ומואב וראשית בני עמון׃ |
شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. | 42 |
וישלח ידו בארצות וארץ מצרים לא תהיה לפליטה׃ |
ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. | 43 |
ומשל במכמני הזהב והכסף ובכל חמדות מצרים ולבים וכשים במצעדיו׃ |
كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ | 44 |
ושמעות יבהלהו ממזרח ומצפון ויצא בחמא גדלה להשמיד ולהחרים רבים׃ |
ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ». | 45 |
ויטע אהלי אפדנו בין ימים להר צבי קדש ובא עד קצו ואין עוזר לו׃ |