< دانىيال 10 >
قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. | 1 |
Ngomnyaka wesithathu kaKhurosi inkosi yasePhezhiya, kwafika kuDanyeli (owayebizwa ngokuthi nguBhelitheshazari) isambulelo. Umbiko waso wawuqinisile umayelana lempi enkulu. Ukuzwisiseka kombiko lowo kwamehlela ngombono.
ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. | 2 |
Kulesosikhathi mina Danyeli ngalila okwamaviki amathathu.
ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. | 3 |
Angizange ngikudle ukudla okuconsayo; inyama loba iwayini kakuzange kuzithinte izindebe zami; njalo kangizange ngisebenzise amagcobo lakanye kwaze kwaphela amaviki amathathu.
بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، | 4 |
Ngosuku lwamatshumi amabili lane lwenyanga yokuqala, ngathi ngimi ekhunjini lomfula omkhulu, iThigrisi,
بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. | 5 |
ngakhangela ngabona khonapho phambi kwami kumi indoda igqoke ilineni, ilebhanti legolide elihle okhalweni lwayo.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى. | 6 |
Umzimba wayo wawufana lekhrisolathi, ubuso bayo bunjengombane, amehlo ayo enjengezibane ezivuthayo, izingalo zayo lemilenze yayo kufanana lokukhazimula kwethusi elilolongiweyo, lelizwi layo linjengomsindo wexuku labantu.
غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى. | 7 |
Mina Danyeli, yimi ngedwa engawubonayo umbono; amadoda ayelami kawubonanga, kodwa afikelwa yikwesaba okukhulu aze abaleka ayacatsha.
ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى. | 8 |
Ngakho ngasala ngedwa, ngiqhuzule amehlo ami kulo umbono omkhulu; ngaphela amandla, ubuso bami bahloba okokufa njalo sengiphelelwe.
لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم. | 9 |
Ngasengimuzwa ekhuluma, kwathi ngilokhu ngimlalele, ngehlelwa likhoza lobuthongo ngithe mbo phansi ngobuso.
مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. | 10 |
Isandla sangithinta ngezwa sengiqhaqhazela ezandleni lemadolweni.
شۇ زات ماڭا: ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. | 11 |
Wathi, “Danyeli, uyaqakathekiswa kakhulu, nanzelela amazwi esengizawakhuluma kuwe, usukume, ngoba manje ngithunywe kuwe.” Wathi esitsho lokhu kimi ngasukuma ngiqhaqhazela.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. | 12 |
Waseqhubeka wathi, “Ungesabi, Danyeli. Kulokhu kwasukela mhla ubeka ingqondo yakho ukuzuza ukuzwisisa lokuzithoba phambi kukaNkulunkulu wakho, amazwi akho ezwakala, yikho ngilapha ngenxa yalokho.
لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. | 13 |
Kodwa inkosi yombuso wasePhezhiya yangivimbela okwensuku ezingamatshumi amabili lanye. Kwasekusithi uMikhayeli, omunye wamakhosana amakhulu, weza ezongisiza, ngoba ngangivalelwe khonale yinkosi yasePhezhiya.
مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر». | 14 |
Manje ngilande ukuzakuchasisela lokho okuzakwenzakala ebantwini bakini esikhathini esizayo, ngoba umbono umayelana lesikhathi esizafika.”
ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. | 15 |
Uthe esitsho lokhu kimi ngakhothamisela ubuso bami phansi ngehluleka ukukhuluma.
مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. | 16 |
Kwasekusithi othile owayefana lomuntu wathinta izindebe zami, ngasengivula umlomo wami ngakhuluma. Ngathi kulowo owayemi phambi kwami, “Sengigajelwa yikudabuka kwenhliziyo ngenxa yombono, nkosi yami, njalo sengiphelelwe yikho konke.
تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم. | 17 |
Mina inceku yakho, ngingakhuluma kanjani lawe na, nkosi yami? Amandla ami kawasekho njalo sekusala ukuthi ngiphefumule.”
ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى | 18 |
Waphinda njalo othile owayefana lomuntu wangithinta wangipha amandla.
ۋە: ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم. | 19 |
Wathi, “Ungesabi, Oh muntu oqakathekiswayo kakhulu. Ukuthula! Qina manje; qina.” Wathi ekhuluma lami ngaqina ngathi, “Khuluma, nkosi yami, njengoba usungiphile amandla.”
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. | 20 |
Ngakho wasesithi, “Uyakwazi nje ukuthi kungani ngize kuwe na? Masinyane ngizabuya ukuzakulwa lenkosi yasePhezhiya, kuthi ngingahamba, kuzakuza inkosi yaseGrisi;
لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق. | 21 |
kodwa ngizaqala ngikutshele okulotshiweyo eNcwadini yeQiniso. (Kakho ongelekelelayo ukumelana labo ngaphandle kukaMikhayeli inkosana yakho.