< كولوسسىلىكلەرگە 4 >
سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر. | 1 |
Ri ix, ri ix ajchoqꞌe chak, chiya ri qas taqal chike ri iꞌwajchakibꞌ, qas tzꞌaqat chibꞌana che, naꞌtaj chiꞌwe chi kꞌo jun iwajaw pa ri kaj.
دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ | 2 |
Are chiwilij ubꞌanik chꞌawem, chixjeqel chupam rukꞌ tyoxinik.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛ | 3 |
Chibꞌana xuqujeꞌ chꞌawem pa qawiꞌ rech kujaq ri Dios kꞌi kꞌolibꞌal rech kaqatzijoj ri utzij, ri rumal utzijoxik in tzꞌapil pa cheꞌ.
شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. | 4 |
Chibꞌana chꞌawem rech qas kꞌyaqal kinbꞌan chutzijoxik, jacha ri kajawatajik.
سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار. | 5 |
Rukꞌ etaꞌmabꞌal chixnoꞌjin kukꞌ ri winaq ri man e kojonelabꞌ taj che ri Cristo, qas utz chibꞌana chukojik ri qꞌotaj.
سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر. | 6 |
Qas utz chibꞌana che ri itzijonem xuqujeꞌ qas kꞌo rumal chixtzijonoq. Rech iwetaꞌm jas kibꞌan chutzalixik uwach ri kitzij ri winaq chi kijujunal.
سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. | 7 |
Ri loqꞌalaj qachalal Tíquico, sukꞌ patanijel xuqujeꞌ tobꞌanel pa ri Ajawxel, kutzijoj wa chiꞌwe qas jas je nubꞌanom.
مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر. | 8 |
Kintaq bꞌik iwukꞌ rech kito qas jeꞌ ri qabꞌanom jeriꞌ kikꞌamawaꞌj ichuqꞌabꞌ.
مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. | 9 |
Keꞌ xuqujeꞌ ri Onésimo rukꞌ. Areꞌ jun iwachiꞌl ix. Kuꞌtzijoj waꞌ chiꞌwe jas ri tajin kakꞌulmataj waral.
تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ | 10 |
Ri Aristarco ri wachiꞌl uj kꞌo pa cheꞌ kutaq rutzil iwach, xuqujeꞌ ri Marcos ri uprimo ri Bernabé. Are kꞌu we kixuꞌsolij ri Marcos, utz chibꞌana che ukꞌamawaꞌxik jetaq ri itaqkil yaꞌtalik.
يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان. | 11 |
Kutaq xuqujeꞌ rutzil iwach ri Jesús, ri kabꞌix Sukꞌ che, xaq xwi we oꞌxibꞌ winaq riꞌ aꞌj Israel ketobꞌan wukꞌ chuqꞌalajisaxik ri ajawarem rech ri Dios, kiyoꞌm kꞌu kꞌulibꞌal kuꞌx chwe.
سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. | 12 |
Kutaq xuqujeꞌ rutzil iwach ri Epafras, jun iwachiꞌl. We patanil rech ri Jesucristo riꞌ, tajin kubꞌan uchuqꞌabꞌ kubꞌan chꞌawem piꞌwiꞌ, rech qas kuchap ikꞌuꞌx, kibꞌan ri rayibꞌal ukꞌuꞌx ri Dios.
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ. | 13 |
Qas wilom chi areꞌ kok il rumal iwe, xuqujeꞌ kumal ke ri keꞌl pa ri tinimit Laodicea xuqujeꞌ kumal ri e kꞌo pa tinimit Hierápolis.
سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق. | 14 |
Kutaq xuqujeꞌ rutzil iwach ri Lucas, ri loqꞌalaj kunanel, xuqujeꞌ ri Demas.
لائودىكىئادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار. | 15 |
Chitaqa rutzil kiwach ri alaxik ri e kꞌo pa ri tinimit Laodicea, xuqujeꞌ che ri Ninfas, xuqujeꞌ chike ri komontyox ri kꞌo cho rachoch.
بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ | 16 |
Are kasikꞌitaj uwach we wuj riꞌ pa ijolom, sikꞌix xuqujeꞌ pa ri komontyox je laꞌ pa ri tinimit Laodicea, xuqujeꞌ chisikꞌij ix ri wuj ri taqtal bꞌik che ri komontyox riꞌ.
ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار. | 17 |
Chibꞌij che ri Arquipo are chubꞌana ri upatan ri xukꞌamawaꞌj che ri Ajawxel, are rilij ubꞌanik.
مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي! | 18 |
In in Pablo kintzꞌibꞌaj rukꞌ ri nuqꞌabꞌ xuqujeꞌ rukꞌ ri nutzꞌibꞌ. Naꞌtaj chiꞌwe chi in tzꞌapal pa cheꞌ. Are ri utoqꞌobꞌ ri Ajawxel kakanaj kan iwukꞌ.