< كولوسسىلىكلەرگە 3 >

سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. 1
A tak všichni, kdo jste byli s Kristem probuzeni k novému životu, zaměřte se cele tam, kde Kristus vládne se svým Otcem.
كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ 2
To ať vás zaměstnává, a ne pozemské starosti.
چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. 3
Svoje já jste nechali zemřít, a to, co nyní žije, má v ruce Kristus. Jste tedy v rukou Božích, i když to navenek není vidět.
ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر. 4
Až Ježíš přijde na zem viditelně, tato skrytá skutečnost se zaskví před zraky všech.
شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛ 5
Odsekněte proto všechny kořeny, které vás dosud spojují s hříchem. Sexuální nevázanost, mravní zkaženost, oplzlost a náruživost vyvolávají Boží hněv, stejně jako chamtivost, která v podstatě zbožňuje majetek.
چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ. 6
سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر. 7
Takový byl kdysi i váš způsob života,
ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. 8
ale nyní odložte zlobu, nenávist, urážky a pomluvy.
بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، 9
Neoklamávejte jeden druhého; lež a neupřímnost provázely váš starý život.
ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ 10
Zřekněte se svých dřívějších zvyků a dejte se přetvořit Bohem, abyste byli jemu podobní a plnili jeho vůli. Na všechno se budete dívat jinak: nebude pro vás podstatné, jakého je kdo původu, národnosti, jak je bohatý, v jakých tradicích vyrostl, jaké má vzdělání, postavení a nevím co ještě. Bude-li vám Kristus vším, zastíní všechno ostatní.
ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر. 11
شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ 12
Bůh vás miluje a vybral si vás pro sebe. Dokazujte to soucitností, přívětivostí, skromností. Buďte pokorní, trpěliví a snášenliví.
بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. 13
Odpouštějte si navzájem, co máte proti sobě; vždyť i vám Bůh odpustil.
مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. 14
Především prokazujte lásku, ona je poutem nejdokonalejším.
مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. 15
Ať ve vašem srdci nakonec vždy zvítězí Kristův pokoj, jak to má být u těch, které on spojil. A nezapomeňte na vděčnost.
مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ 16
Mějte stále na paměti Kristovo učení; jeden druhému pomáhejte k jeho lepšímu pochopení a vzájemně se moudře napomínejte. Z vděčného srdce zpívejte Bohu písně k jeho oslavě.
ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار. 17
Všechno, co činíte a mluvíte, dělejte tak, jak by to na vašem místě dělal Kristus.
سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ 18
Ženy podřizujte se svým mužům, jak se na křesťanky sluší.
سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. 19
A vy, muži, své ženy milujte a nejednejte s nimi jako se služkami.
سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. 20
Děti, poslouchejte ve všem své rodiče, tak se to líbí Pánu.
سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ. 21
A vy, otcové, nebuďte ke svým dětem nespravedliví, aby se vám neodcizily.
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار. 22
Vy, podřízení, mějte v úctě své představené. Svoje povinnosti plňte ochotně, ne jenom když jste sledováni.
نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛ 23
Pracujte opravdově, ne na oko pro lidi, ale jako pro Pána.
چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر. 24
Vždyť také od něho dostanete konečnou odměnu, podíl na jeho království. Vaším skutečným Pánem je přece Kristus.
ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر. 25
A konečně – každý kdo se dopouští křivdy, dočká se odplaty, ať je to kdo chce. U Boha nemá nikdo protekci.

< كولوسسىلىكلەرگە 3 >