< كولوسسىلىكلەرگە 1 >
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي! | 1 |
Paulus, Kristi Jesu Apostel ved Guds Villie, og Broderen Timotheus
til de hellige og troende Brødre i Kristus i Kolossæ: Naade være med eder og Fred fra Gud vor Fader!
بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ | 3 |
Vi takke Gud og vor Herres Jesu Kristi Fader altid, naar vi bede for eder,
da vi have hørt om eders Tro paa Kristus Jesus og den Kærlighed, som I have til alle de hellige
سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛ | 5 |
paa Grund af det Haab, som er henlagt til eder i Himlene, om hvilket I forud have hørt i Evangeliets Sandheds Ord,
بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛ | 6 |
der er kommet til eder, ligesom det ogsaa er i den hele Verden, idet det bærer Frugt og vokser, ligesom det ogsaa gør iblandt eder fra den Dag, I hørte og erkendte Guds Naade i Sandhed,
سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛ | 7 |
saaledes som I have lært af Epafras, vor elskede Medtjener, som er en tro Kristi Tjener for eder,
ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى. | 8 |
han, som ogsaa gav os eders Kærlighed i Aanden til Kende.
بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. | 9 |
Derfor have ogsaa vi fra den Dag, vi hørte det, ikke ophørt at bede for eder og begære, at I maatte fyldes med Erkendelsen af hans Villie i al Visdom og aandelig Indsigt
شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ | 10 |
til at vandre Herren værdigt, til alt Velbehag, idet I bære Frugt og vokse i al god Gerning ved Erkendelsen af Gud,
بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. | 11 |
idet I styrkes med al Styrke efter hans Herligheds Kraft til al Udholdenhed og Taalmodighed med Glæde
og takke Faderen, som gjorde os dygtige til at have Del i de helliges Arvelod i Lyset,
ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ | 13 |
han, som friede os ud af Mørkets Magt og satte os over i sin elskede Søns Rige,
ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. | 14 |
i hvem vi have Forløsningen, Syndernes Forladelse,
ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ | 15 |
han, som er den usynlige Guds Billede, al Skabnings førstefødte;
چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. | 16 |
thi i ham bleve alle Ting skabte i Himlene og paa Jorden, de synlige og de usynlige, være sig Troner eller Herredømmer eller Magter eller Myndigheder. Alle Ting ere skabte ved ham og til ham;
ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ | 17 |
og han er forud for alle Ting, og alle Ting bestaa ved ham.
ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. | 18 |
Og han er Legemets Hoved, nemlig Menighedens, han, som er Begyndelsen, førstefødt ud af de døde, for at han skulde blive den ypperste i alle Ting;
چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، | 19 |
thi det behagede Gud, at i ham skulde hele Fylden bo,
ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ | 20 |
og ved ham at forlige alle Ting med sig, være sig dem paa Jorden eller dem i Himlene, idet han stiftede Fred ved hans Kors's Blod.
ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان | 21 |
Ogsaa eder, som fordum vare fremmedgjorte og fjendske af Sindelag i eders onde Gerninger,
har han dog nu forligt i sit Køds Legeme ved Døden for at fremstille eder hellige og ulastelige og ustraffelige for sit Aasyn,
(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم. | 23 |
saa sandt I blive i Troen, grundfæstede og faste, uden at lade eder rokke fra Haabet i det Evangelium, som I have hørt, hvilket er blevet prædiket i al Skabningen under Himmelen, og hvis Tjener jeg Paulus er bleven.
ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ | 24 |
Nu glæder jeg mig over mine Lidelser for eder, og hvad der fattes i Kristi Trængsler, udfylder jeg i mit Kød for hans Legeme, som er Menigheden,
مەن [جامائەت] ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ | 25 |
hvis Tjener jeg er bleven efter den Guds Husholdning, som blev given mig over for eder, nemlig fuldelig at forkynde Guds Ord,
بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ (aiōn ) | 26 |
den Hemmelighed, der var skjult igennem alle Tider og Slægter, men nu er bleven aabenbaret for hans hellige, (aiōn )
چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. | 27 |
hvem Gud vilde tilkendegive, hvilken Rigdom paa Herlighed iblandt Hedningerne der ligger i denne Hemmelighed, som er Kristus i eder, Herlighedens Haab,
بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز. | 28 |
hvem vi forkynde, idet vi paaminde hvert Menneske og lære hvert Menneske med al Visdom, for at vi kunne fremstille hvert Menneske som fuldkomment i Kristus;
مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر. | 29 |
hvorpaa jeg ogsaa arbejder, idet jeg kæmper ifølge hans Kraft, som virker mægtigt i mig.