< ئاموس 1 >
ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ | 1 |
Словеса Амосова, яже быша в Кариафиариме от Фекуи, яже виде о Иерусалиме во дни Озии царя Иудина и во дни Иеровоама сына Иоасова царя Израилева, прежде двою лет труса.
ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى. | 2 |
И рече: Господь от Сиона возглагола и от Иерусалима даде глас Свой: и сетоваша пажити пастырей, и изсше верх Кармиль.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛ | 3 |
И рече Господь: за три нечестия Дамаска и за четыри не отвращуся его, понеже растроша пилами железными имущыя во утробе сущих в Галааде:
شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. | 4 |
и послю огнь в дом Азаиль, и пояст основание сына Адерова:
دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 5 |
и сокрушу вереи Дамасковы, и потреблю живущыя с поля Онова, и посеку племя от мужей Харраних, и пленятся людие Сирстии нарочитии, глаголет Господь.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. | 6 |
Сия глаголет Господь: за три нечестия Газы и за четыри не отвращуся их, за еже пленити им пленение Соломоне, еже заключити во Идумею:
ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ | 7 |
и послю огнь на забрала Газы, и пояст основание ея:
مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 8 |
и потреблю живущыя из Азота, и извержется племя из Аскалона, и наведу руку Мою на Аккарона, и погибнут остаточнии иноплеменников, глаголет Господь.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى. | 9 |
Сия глаголет Господь: за три нечестия Тирова и за четыри не отвращуся его, понеже заключиша пленники Соломони во Идумею и не помянуша завета братня:
ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. | 10 |
и послю огнь на забрала Тирова, и пояст основания его.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛ | 11 |
Сия глаголет Господь: за три нечестия Идумейска и за четыри не отвращуся их, понеже прогнаша брата своего мечем и растлиша матерь на земли, и восхити во свидение грозу свою, и устремление свое снабде на победу:
ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ». | 12 |
и послю огнь в Феман, и пояст основания оград его.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى. | 13 |
Сия глаголет Господь: за три нечестия сынов Аммоних и за четыри не отвращуся их, понеже распоряху имущыя во утробе Галаадитов, яко да разширят пределы своя:
ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ | 14 |
и разжегу огнь на забрала Раввафы, и пояст основания ея с воплем в день рати, и потрясется в день скончания своего:
ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 15 |
и пойдут царие ея в плен, жерцы их и князи их вкупе, глаголет Господь.