< ئاموس 9 >
مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى [ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ] باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار! مەن شۇ [بۇتپەرەسلەر]دىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ، ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ. | 1 |
Men Rebning qurban’gahning yénida turghinini kördum; U mundaq dédi: — — Tüwrüklerning bashlirini urunglar, bosughilar silkin’giche urunglar, Ularni [ibadetxanidikilerning] bashlirigha chüshürüp, pare-pare qilinglar! Men shu [butperesler]din eng axirda qalghanlirinimu qilich bilen öltürimen; Ulardin qachay dégenler qachalmaydu, Ulardin qutulay dégenler qutulup chiqalmaydu.
ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛ (Sheol ) | 2 |
Ular tehtisara ichige téship kirse, qolum ashu yerdin ularni tartip chiqiridu; Ular asman’gha yamiship chiqsa, Men shu yerdin ularni tartip chüshürimen; (Sheol )
ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛ ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛ | 3 |
Ular Karmel choqqisigha möküwalsimu, Men ularni izdep shu yerdin alimen; Ular déngiz tégide nezirimdin yoshurunuwalghan bolsimu, Men yilanni buyruymen, u ularni chaqidu;
دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن. | 4 |
Düshmenlirige esirge chüshken bolsimu, Men shu yerde qilichni buyruymen, u ularni öltüridu; Men yaxshiliqni emes, belki yamanliqni yetküzüsh üchün közlirimni ulargha tikimen.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ مىسىرنىڭ دەرياسىدەك [ئۆركەشلەپ]، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ. | 5 |
Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Reb Perwerdigar, Zémin’gha tegküchi bolsa del Uning Özidur; U tégishi bilenla, zémin érip kétidu, uningda turuwatqanlarning hemmisi matem tutidu; Zémin Nil deryasidek örlep kétidu — Misirning deryasidek [örkeshlep], andin chöküp kétidu.
راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛ دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. | 6 |
Rawaqlirini ershlerge sélip, asman gümbizini yer yüzige békitküchi Shudur; Déngizdiki sularni chaqirip, ularni yer yüzige quyghuchi Udur; Perwerdigar Uning namidur.
سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟ | 7 |
Siler Manga nisbeten Éfiopiye balilirigha oxshash emesmu, i Israil baliliri? Men Israilni Misirdin élip chiqarghan emesmu? Filistiylerni Krét arilidin, Suriyeliklerni Kir shehiridin chiqarghan emesmu?
قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 8 |
Qaranglar, Reb Perwerdigarning közi «gunahkar padishahliq» üstige chüshti — Men yer yüzidin uni yoqitimen; Lékin Men Yaqup jemetini toluq yoqitiwetmeymen, — deydu Perwerdigar.
چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. | 9 |
Chünki qaranglar, Men buyruq chüshürimen, Shuning bilen xuddi birsi danni ghelwirde tasqighandek, Israil jemetini eller arisida tasqaymen, Biraq ulardin eng kichikimu yerge chüshüp ketmeydu.
[ھالبۇكى]، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى: «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ. | 10 |
[Halbuki], xelqimning barliq gunahkarliri, yeni: «Külpet bizge hergiz yéqinlashmaydu, béshimizgha chüshmeydu» dégüchiler qilich tégide ölidu.
شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن. | 11 |
Shu küni Men Dawutning yiqilghan kepisini yéngibashtin tikleymen, Uning yériqlirini étimen; Uni xarabiliktin ongshap, Eyni zamandiki pétidek qurimen.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار. | 12 |
Shuning bilen ular Édomning qaldisigha hemde namim bilen atalghan barliq ellerge igidarchiliq qilidu, — deydu buni béjirgüchi Perwerdigar.
مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛ تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ، بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ. | 13 |
Mana shundaq künler kéliduki, — deydu Perwerdigar, — Yer heydigüchi hosul yighquchigha yétishiwalidu, Üzümlerni cheyligüchi uruq chachquchigha yétishiwalidu; Taghlar yéngi sharabni témitip, Barliq döng-égizlikler érip kétidu.
ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛ ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. | 14 |
We xelqim Israilni asarettin qutuldurup, azadliqqa érishtürimen; Ular xarab sheherlerni qayta qurup, ularda makanlishidu; Ular üzümzarlarni tikip, ularning sharabini ichidu; Ular baghlarni berpa qilip, méwisini yeydu.
مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ. | 15 |
Men ularni öz zémini üstige tikimen, Ular Men ulargha ata qilghan zémindin hergiz qaytidin yuluwétilmaydu — deydu Perwerdigar séning Xudaying.