< ئاموس 8 >
رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە. | 1 |
Rǝb Pǝrwǝrdigar manga mundaⱪ bir ixni kɵrsǝtti; mana, bir sewǝt yazliⱪ mewǝ.
ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى. | 2 |
Andin U mǝndin: Amos, nemini kɵrdung? — dǝp soridi. Mǝn: «Bir sewǝt yazliⱪ mewini» — dedim. Pǝrwǝrdigar manga: Əmdi hǝlⱪim Israilƣa zawal yǝtti; Mǝn yǝnǝ ularni jazalimay ɵtüp kǝtmǝymǝn, — dedi.
ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت! | 3 |
— Xu küni ordidiki ⱪizlarning nahxiliri ⱪiya-qiyalarƣa aylinidu, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar; — Jǝsǝtlǝr kɵp bolidu; ular jay-jaylarda sirtⱪa taxlinidu. Süküt!
بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر، زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ | 4 |
Buni anglanglar, ⱨǝy miskinlǝrni ǝzgüqilǝr, Zemindiki ajiz mɵminlǝrni yoⱪatmaⱪqi bolƣanlar —
«ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار، ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ، ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار! | 5 |
«Axliⱪimizni satmaⱪqi iduⱪ, yengi ay ⱪaqanmu ahirlixar, Buƣday yaymisini aqattuⱪ, xabat küni ⱪaqan tügǝr?» — dǝydiƣanlar, — Xundaⱪla «ǝfaⱨ»ni kiqik ⱪilip, «xǝkǝl»ni qong elip, Aldamqiliⱪ üqün tarazini yalƣan ⱪilƣanlar!
ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە، مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار، بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار! | 6 |
— Namratlarni kümüxkǝ, Miskin adǝmni bir jüp qoruⱪⱪa setiwalmaⱪqi bolƣanlar, Buƣdayni süpüründisi bilǝn ⱪoxup satmaⱪqi bolƣanlar!
پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى، ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن! | 7 |
Pǝrwǝrdigar Yaⱪupning ƣururi bilǝn xundaⱪ ⱪǝsǝm ⱪildiki, — Bǝrⱨǝⱪ, Mǝn ⱨǝrgiz ularning ⱪilƣanliridin ⱨeqbirini untumaymǝn!
زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ. | 8 |
Zemin bu ixlardin tǝwrinip kǝtmǝmdu? Wǝ uningda turuwatⱪanlarning ⱨǝmmisi matǝm tutmamdu? U Nil dǝryasidǝk ɵrlǝp ketidu, U Misir dǝryasidǝk ɵrkǝxlǝp, andin qɵküp ketidu.
شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن، زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن. | 9 |
Xu küni xundaⱪ ǝmǝlgǝ axuruliduki, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar, — Ⱪuyaxni qüxtǝ patⱪuzimǝn, Zeminni xu oquⱪ kündǝ ⱪarangƣulaxturimǝn.
ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە، ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛ ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛ بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك، ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن. | 10 |
Ⱨeytliringlarni musibǝtkǝ, Ⱨǝmmǝ nahxiliringlarni aⱨ-zarlarƣa aylanduriwetimǝn; Ⱨǝmmǝ adǝmning qatriⱪi üstini bɵz rǝht bilǝn oriƣuzimǝn, Ⱨǝrbir adǝmning bexida taⱪirliⱪ pǝyda ⱪilimǝn; Bu matǝmni yǝkkǝ-yeganǝ bir oƣulning matimidǝk, Ⱨeytning ahirini dǝrd-ǝlǝmlik bir kün ⱪiliwetimǝn.
مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن. | 11 |
Mana, xundaⱪ künlǝr keliduki, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar, Zeminƣa ⱪǝⱨǝtqilikni ǝwǝtimǝn, — — Nanƣa bolƣan ⱪǝⱨǝtqilik ǝmǝs, yaki suƣa bolƣan qangⱪaxmu ǝmǝs, bǝlki Pǝrwǝrdigarning sɵz-kalamini anglaxⱪa bolƣan ⱪǝⱨǝtqilikni ǝwǝtimǝn.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ. | 12 |
Xuning bilǝn ular dengizdin dengizƣa, ximaldin xǝrⱪⱪǝ kezip mangidu, Ular Pǝrwǝrdigarning sɵz-kalamini izdǝp uyan-buyan yürüp, uni tapalmaydu.
شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛ | 13 |
Xu küni güzǝl ⱪizlar ⱨǝm yigitlǝrmu ussuzluⱪtin ⱨalidin ketidu;
ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر، يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى [ئىلاھىي] تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ. | 14 |
Ⱨǝm Samariyǝning gunaⱨining [nami] bilǝn ⱪǝsǝm iqkǝnlǝr, Yǝni «Ilaⱨingning tirikliki bilǝn, i Dan», yaki «Bǝǝr-Xebadiki [ilaⱨiy] tirik yol bilǝn!» dǝp ⱪǝsǝm iqkǝnlǝr bolsa — Ular yiⱪilidu, ornidin ⱨǝrgiz ⱪaytidin turalmaydu.